رادىئو
رادىئو- تېلېۋىزىيە
رادىئو − سىمسىز ئېلېكتر دولقۇنى ياكى ئۆتكۈزگۈچ سىم بىلەن ئاۋاز تارقىتىش ئارقىلىق تەشۋىقات ئېلىپ بارىدىغان ئاخبارات − جامائەت پىكرى قوراللىرىنىڭ ئومۇمىي نامى. رادىئو تارقىتىش ۋاسىتىسىگە قاراپ، سىمسىز رادىئو، سىملىق رادىئو دەپ ئىككى چوڭ تۈرگە بۆلۈنىدۇ. تارقىتىش مەزمۇنىغا ئاساسەن ئاۋازلا ئاڭلىتىدىغىنى رادىئو دەپ، ئاۋازمۇ ئاڭلىتىدىغان، سىنمۇ كۆرسىتىدىغىنى تېلېۋىزىيە دەپ ئاتىلىدۇ. سىمسىز رادىئو1906 - يىلى كەشىپ قىلىنغان بولۇپ، رادىئو ئىستانسىسى1920 - يىلى رەسمىي ئاڭلىتىش بېرىشكە باشلىغان؛ تېلېۋىزور1924 - يىلى كەشىپ قىلىنغان، تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى1936 - يىلى رەسمىي پروگرامما كۆرسىتىشكە باشلىغان.
رادىئونىڭ ئۈچ روشەن ئالاھىدىلىكى بار.1 . ئوبيېكتلىرى كۆپ. رادىئو بىلەن قاپلانغان دائىرىدىكى كىشى رادىئوسى بولسىلا، رادىئو پروگراممىلىرىنى خالىغان ۋاقىتتا ئاڭلىيالايدۇ، رادىئو ئوقۇرمەنلەرنىڭ قولىغا تارقىتىش ئارقىلىق تېگىدىغان گېزىتكە ئوخشىمايدۇ.2 . تارقىتىشى تېز. تىڭشىغۇچىلار ئومۇمەن رادىئو ئىستانسىسى ئاڭلىتىش بەرگەن ھامان ئاڭلىيالايدۇ.3 . ئىقتىدارى كۆپ، تەسىرى كۈچلۈك. ئۇنىڭ خەۋەر پروگراممىسىمۇ، ئەدەبىيات - سەنئەت پروگراممىسىمۇ بولۇپ، تىڭشىغۇچىلارنى قىزىقتۇرىدۇ. رادىئونىڭ يېتەرسىزلىكى شۇكى، كۆزنى يۇمۇپ ئاچقۇچە ئۆتۈپ كېتىدۇ، ئىز قالمايدۇ.