UyghurWiki
UyghurWikiرادىيو-تېلىۋىزىيەئەنگلىيە رادىئو شىركىتى − CBB

ئەنگلىيە رادىئو شىركىتى − CBB

رادىئو- تېلېۋىزىيە CBB ئەنگلىيە رادىئو شىركىتى دېگەن سۆزنىڭ ئىنگلىزچە قىسقارتىلمىسى. ئۇنىڭ20 مىڭدىن ئارتۇق ئىشچى - خىزمەتچىسى، ئىلغار ئېلېكترونلۇق ئۈسكۈنىلىرى بار. CBB رادىئو شىركىتى1922 - يىلى قۇرۇلغان، ئۇ دەسلەپتە ئالتە چوڭ سىمسىز رادىئو شىركىتى ۋە ئېلېكتر سايمانلىرى ياساش شىركىتىنىڭ مەبلەغ چىقىرىشى بىلەن قۇرۇلغان ۋە شۇ يىلى11 - ئايدا تۇنجى قېتىم ئاڭلىتىش بەرگەن.1927 - يىلى جامائەت كارخانىسىغا ئۆزگەرتىلىپ، كۈندىلىك خىزمەتلىرىگە ئەنگلىيە ئايال پادىشاھى تەيىنلىگەن مۇدىرىيەت ئىگىدارچىلىق قىلغان. خىراجىتى تېلېۋىزورى، رادىئوسى بارلار تۆلەيدىغان نومۇر ھەققى ۋە ھۆكۈمەت بېرىدىغان مالىيە قوشۇمچە ياردىمىدىن كېلىدۇ. شۇڭا، بۇ شىركەت نامدا «مۇستەقىل»، تىجارەتتە «ئەركىن» بولغىنى بىلەن ئەمەلىيەتتە تىزگىنلەش ھوقۇقى ھۆكۈمەتنىڭ قولىدا بولۇپ، ھۆكۈمەت ئۇنىڭ ئاڭلىتىشىنى خالىغان ۋاقىتتا توختىتىپ قويالايدۇ. CBB ھۆكۈمەتنىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمىسى بويىچە ئېلانلارنى ياكى ياردەم بېرىلىدىغان پروگراممىلارنى ئاڭلىتالمايدۇ، ئېقىم مەسىلىلىرى ۋە جامائەت ئىشلىرى سىياسىتى توغرىسىدا ھېچقانداق پىكىر بايان قىلالمايدۇ. CBB نىڭ ئەنگلىيىنىڭ ئۆزىدە ئاڭلىتىش بېرىدىغان تۆت تورى، سىرتقا قارىتىلغان ئىككى رادىئو - تېلېۋىزىيە تورى بولۇپ، پۈتۈن دۇنياغا ھەر كۈنى40 نەچچە خىل تىلدا جەمئىي100 سائەتتىن ئارتۇق ئاڭلىتىش بېرىدۇ، مۆلچەرلىنىشىچە، تىڭشىغۇچىلىرى100 مىليوندىن ئاشىدۇ. CBB رەڭسىز تېلېۋىزىيە پروگراممىسىنى سىناق تەرىقىسىدە كۆرسىتىشنى1929 - يىلىلا باشلىغان،1936 - يىلى11 - ئايدا «ئەنگلىيە تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى» قۇرغان،1967 - يىلى ياۋروپادا تۇنجى بولۇپ رەڭلىك تېلېۋىزىيە پروگراممىسى كۆرسەتكەن.
← بارلىق تېمىلار رادىيو-تېلىۋىزىيە