جۇڭگو خەلقئارا رادىئو ئىستانسىسى
رادىئو- تېلېۋىزىيە
ئىنگلىز تىلىدا ئاڭلاشنى ياخشى كۆرىدىغان تىڭشىغۇچىلار Beijing Radio (بېيجىڭدىن ئاڭلىتىش بېرىۋاتىمىز) دېگەن ئاۋازنى دائىم ئاڭلاپ تۇرىدۇ، بۇ جۇڭگو خەلقئارا رادىئو ئىستانسىسىنىڭ چەت ئەللەرگە بېرىدىغان ئاڭلىتىشىدىكى سۆز.
جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيىسى رەھبەرلىكىدىكى چەت ئەل تىللىرىدا ئاڭلىتىش بېرىش ئازادلىق ئۇرۇش دەۋرىدە باشلانغان، شىمالىي شەنشىدىكى شىنخۇا رادىئو ئىستانسىسى1947 - يىل9 - ئاينىڭ11 - كۈنى ئىنگلىز تىلىدا ئاڭلىتىش بېرىشكە باشلىغان. مەركىزىي خەلق رادىئو ئىستانسىسى1950 - يىل4 - ئاينىڭ10 - كۈنى خەلقئارا رادىئو تەھرىر بۆلۈمى تەسىس قىلغان،1978 - يىلى5 - ئايدىن تارتىپ ھازىرقى نامدا ئاڭلىتىش بېرىپ كېلىۋاتىدۇ.
خەلقئارا رادىئو ئىستانسىسى46 خىل چەت ئەل تىلىدا ئاڭلىتىش بېرىدۇ، بۇنىڭدىن باشقا، جۇڭگو مۇھاجىرلىرىغا ئەدەبىي تىلدا، شيامېن، گۇاڭجۇ، جېجياڭ، ئوتتۇرا تۈزلەڭلىك شېۋىلىرىدە ئاڭلىتىش بېرىدۇ. ئاڭلىتىش بېرىش ۋاقتى كۈنىگە جەمئىي100 سائەتتىن ئاشىدۇ.