UyghurWiki
UyghurWikiرادىيو-تېلىۋىزىيە»ئامېرىكا ئاۋازى«

»ئامېرىكا ئاۋازى«

رادىئو- تېلېۋىزىيە «ئامېرىكا ئاۋازى» ئامېرىكا خەلقئارا ئالماشتۇرۇش باش مەھكىمىسىنىڭ چەتكە ئاڭلىتىش بېرىش ئاپپاراتى بولۇپ، باش ئورگىنى ۋاشىنگتوندا. ئۇ ئەسلىي خۇسۇسىي شىركەت ئىدى، كېيىن دۆلەت ئۆتكۈزۈۋېلىپ، ئامېرىكىنىڭ ئۇرۇش مەزگىلىدىكى ئاخبارات ئىدارىسىنىڭ تەركىبىي قىسمى قىلىندى.1945 - يىلى ئامېرىكا گوۋۇيۈەنى خەلقئارا تەشۋىقات باشقارمىسىنىڭ باشقۇرۇشىغا ئۆتكۈزۈپ بەردى.1953 - يىلى8 - ئايدا ئامېرىكا خەلقئارا ئاخبارات مەھكىمىسىنىڭ رەھبەرلىكىگە،1978 - يىل4 - ئاينىڭ1 - كۈنىدىن باشلاپ يەنە خەلقئارا ئالماشتۇرۇش مەھكىمىسىنىڭ رەھبەرلىكىگە ئۆتكۈزۈپ بېرىلدى. ئۇ ئاساسەن ئامېرىكىنىڭ تاشقى سىياسىتىنى ۋە تۇرمۇش ئۇسۇلىنى تەشۋىق قىلىدۇ. «ئامېرىكا ئاۋازى» نىڭ 15 تارقىتىش ئىستانسىسى،100 دىن ئارتۇق تارقىتىش ئاپپاراتى،130 دىن ئارتۇق ئۇلاپ ئاڭلىتىش ئىستانسىسى بولۇپ، ھەر ھەپتىدە38 خىل تىلدا جەمئىي830 سائەت ئاڭلىتىش بېرىدۇ. بىۋاسىتە ئاڭلىتىش بەرگەندىن سىرت، ئۇنىڭ پروگراممىلىرىنى4000 غا يېقىن رادىئو ئىستانسىسى ئۇلاپ ئاڭلىتىدۇ ياكى تەكرار ئاڭلىتىدۇ. ئاڭلىتىش ئوبيېكتى ئاساسەن سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى، شەرقىي ياۋروپا ۋە جۇڭگودىن ئىبارەت.
← بارلىق تېمىلار رادىيو-تېلىۋىزىيە
»ئامېرىكا ئاۋازى« | UyghurWiki | UyghurWiki