رادىئو ئىستانسىلىرى
رادىئو- تېلېۋىزىيە
ھەر كۈنى رادىئونى ئاچسىڭىز، تەسىرلىك خەۋەرلەرنى ۋە ياڭراق، يېقىملىق كۈيلەرنى ئاڭلىيالايسىز، بۇلارنى رادىئو ئىستانسىسى تەمىنلەيدۇ. رادىئو ئىستانسىسى ئىشلەپ تەييارلانغان پروگراممىلىرىنى ئاڭلىتىش بۆلۈمى، تارقىتىش ئىستانسىسى ئارقىلىق تارقاتقاندىن كېيىن، بىز رادىئو قوبۇللىغۇچتىن ئاڭلىيالايمىز.
رادىئو سىملىق ۋە سىمسىز دەپ ئىككى خىل بولىدۇ. سىملىق رادىئو ئۆتكۈزگۈچ سىم ياكى ئوپتىك تالادىن تەركىب تاپقان سىملىق تارقىتىش، تەقسىملەش تورىنى كۆرسىتىدۇ، ئۇ رادىئو پروگرامما سىگنالىنى ئابونتلىرىنىڭ رايون خاراكتېرلىك رادىئوسىغا بىۋاسىتە يەتكۈزۈپ بېرىدۇ. چوڭ تىپلىق سىملىق رادىئو سىستېمىسى ئەڭ دەسلەپ ۋېنگرىيىدە قۇرۇلغان. شىئودو پىسكا دېگەن كىشى1893 - يىلى بۇداپېشتتا700 نەچچە تال تېلېفون سىمىنى چېتىپ خەۋەر ئاڭلاتقان. ھازىر مەملىكىتىمىزدە سىملىق رادىئولارنىڭ كۆپ قىسمى يېزىلاردا قۇرۇلغان.
رادىئودىن ئاڭلىغىلى بولىدىغان پروگراممىلار سىمسىز رادىئونىڭ پروگراممىلىرى. سىمسىز رادىئو19 - ئەسىرنىڭ ئاخىرى كەشىپ قىلىنغان سىمسىز تېلېگرامما ئاساسىدا بارلىققا كەلگەن.1920 - يىلى ئامېرىكىدىكى ۋېستنخۇس شىركىتىنىڭ پىتسبۇرگ شەھىرىدىكى AKDK رادىئو ئىستانسىسى زۇڭتۇڭ سايلانغانلىقىنى ئاڭلاتقان، ئۇ ئامېرىكىدىكى سودا كىنىشكىسى بېرىشنى رەسمىي ئىلتىماس قىلغان تۇنجى رادىئو ئىستانسىسى، شۇنداقلا دۇنيا بويىچە ئەڭ بۇرۇن قۇرۇلغان رادىئو ئىستانسىسى. ھازىر دۇنيادىكى سان مارىنو ۋە ليېچتېنستېيندىن باشقا دۆلەتلەرنىڭ ھەممىسىدە رادىئو ئىستانسىسى بار.