UyghurWiki
UyghurWikiرادىيو-تېلىۋىزىيەسىملىق ۋە سۈنئىي ھەمراھ ئارقىلىق ئاڭلىتىش

سىملىق ۋە سۈنئىي ھەمراھ ئارقىلىق ئاڭلىتىش

رادىئو- تېلېۋىزىيە سىملىق رادىئونىڭ دۇنياغا كەلگىنىگە تېخى100 يىل بولمىدى، لېكىن ئاڭلىتىش ۋاسىتىسىدە ئىنتايىن زور ئۆزگىرىش بولدى. سىم بىلەن ئۇلىنىدىغان سىملىق رادىئو كۆپىنچە يېزىلاردا ئىشلىتىلىدۇ، سىمسىز رادىئونىڭ تەرەققىياتى بارغانسېرى تېز بولۇۋاتىدۇ. نۇرغۇن جايلاردا ئاڭلىتىش مەركىزى قۇرۇلدى، شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئوتتۇرا، قىسقا، مىكرو دولقۇنلاردا ئاڭلىتىش بېرىلىدىغان بولدى. ئوتتۇرا دولقۇننىڭ تارقىتىشى ئىنتايىن تۇراقلىق، قوبۇللىنىش ئۈنۈمى خېلى ياخشى، لېكىن تارقىلىش ئارىلىقى قىسقىراق. قىسقا دولقۇننىڭ تارقىلىش ئارىلىقى ئۇزۇنراق، لېكىن بەزىدە ئانچە تۇراقلىق ئەمەس. مىكرو دولقۇندا ئۇزۇنراق ئارىلىققا تارقىتىش توغرا كەلگەندە كۈچ ئۇلاش شەكلى قوللىنىلىدۇ، ھەر50 كىلومېتىر ئارىلىقتا كۈچەيتىپ بېرىش پونكىتى بولىدۇ، ئۇ ئالدىدىكى پونكىت يەتكۈزگەن سىگنالنى كۈچەيتىپ كېيىنكى پونكىتقا يەتكۈزۈپ بېرىدۇ. شۇنداق قىلىپ سىگنالنى ناھايىتى يىراق جايغا يەتكۈزىدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۈنۈمى ئىنتايىن ياخشى. ئۆتكەن ئەسىرنىڭ70 - يىللىرىدا دۇنيادا يەنە رادىئو سۈنئىي ھەمراھى بارلىققا كەلدى، ئۇ رادىئو سۈنئىي ھەمراھى، كۆزىتىش - تىزگىنلەش پونكىتى، يەر ئۈستى قوبۇل قىلىش تورىدىن ئىبارەت ئۈچ چوڭ قىسىمدىن تەركىب تاپىدۇ. رادىئو سۈنئىي ھەمراھى يەر شارى ئېكۋاتور بەلۋىغىنىڭ36 مىڭ كىلومېتىر ئېگىزلىكتىكى ئاسمان بوشلۇقى ئوربىتىسىغا جايلاشتۇرۇلىدۇ، ئۇ يەر شارىنىڭ ئۆز ئوقىدا ئايلىنىشى بىلەن بىر يۆنىلىشتە ئايلىنىدۇ، ئۇنىڭ يەر شارىنى بىر ئايلىنىپ چىقىش ۋاقتى يەر شارىنىڭ ئۆز ئوقىدا بىر ئايلىنىش ۋاقتى بىلەن ئوخشاش بولىدۇ. سۈنئىي ھەمراھقا ئورۇنلاشتۇرۇلغان مەلۇم قۇۋۋەتكە ئىگە ئۇلاپ تارقاتقۇچ يەر شارىدىن تارقىتىلغان سىگنالنى قوبۇل قىلىپ كۈچەيتىپ، بەلگىلەنگەن جايغا يەتكۈزۈپ بېرىدۇ. سۈنئىي ھەمراھلىق رادىئونىڭ ئارتۇقچىلىقى شۇكى، ئۇنىڭ قاپلاش دائىرىسى كەڭ، يۇقىرىدىن تۆۋەنگە تارقالغاچقا، ئۇ تارقاتقان سىگنال جۇغراپىيىلىك شارائىتنىڭ چەكلىمىسىگە ئۇچرىمايدۇ، بىر سۈنئىي ھەمراھ نەچچە مىليون كۋادرات كىلومېتىر دائىرىنى قاپلىيالايدۇ. سۈنئىي ھەمراھلىق رادىئونىڭ تارقىتىش سۈپىتى يۇقىرى، چىقىمى ئاز، ئۈنۈمى تېز. يەر شارى ئوربىتىسىدىن36 مىڭ كىلومېتىر ئېگىزلىكتىكى ئاسمان بوشلۇقىغا يەر شارى بىلەن ماس قەدەمدە ئايلىنىدىغان سۈنئىي ھەمراھتىن ئۈچنى120 گرادۇسلۇق قىلىپ ئورۇنلاشتۇرىدىغان بولساقلا، يەر شارىنىڭ ھەرقانداق يېرىگە رادىئو پروگراممىسىنى يەتكۈزگىلى بولىدۇ.
← بارلىق تېمىلار رادىيو-تېلىۋىزىيە