ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ دۇنياغا كۆرسىتىلىشى
رادىئو- تېلېۋىزىيە
كۆرۈرمەنلەرنىڭ ئەڭ كۆپ كۆرىدىغىنى ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىگە دائىر تېلېۋىزىيە پروگراممىلىرى ھېسابلىنىدۇ.1988 - يىلى سېئولدا ئۆتكۈزۈلگەن24 - نۆۋەتلىك ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىنى دۇنيا بويىچە كىشىلەرنىڭ60 پىرسەنتى كۆردى، بۇ تېلېۋىزىيە سۈنئىي ھەمراھىدىن تارقىتىلغانلىقىنىڭ نەتىجىسى.
ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىنى تېلېۋىزىيىدە كۆرسىتىش1964 - يىلى توكيودا ئۆتكۈزۈلگەن18 - نۆۋەتلىك ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىدىن باشلانغان.22 - نۆۋەتلىك ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى موسكۋادا ئۆتكۈزۈلىدىغان چاغدا، سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىنى كۆرسىتىش ئۈچۈن،1978 - يىلى مەخسۇس يەر شارى خەۋەرلىشىش سۈنئىي ھەمراھىدىن بىرنى قويۇپ بەرگەن، يەنە تېخى موسكۋادا ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىنى تېلېۋىزىيىدە كۆرسىتىش مەركىزى قۇرۇپ، مۇسابىقىنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىنى20 خەلقئارا تېلېۋىزىيە لىنىيىسى ئارقىلىق ھەر كۈنى بىرلا ۋاقىتتا كۆرسەتكەن، ئەينى ۋاقىتتا شۇ نۆۋەتلىك مۇسابىقىنىڭ تەنتەنىسىنى دۇنيا بويىچە2 مىليارد ئادەم كۆرگەن.
ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىنى ئۇلاپ كۆرسەتمەكچى بولغانلىكى تېلېۋىزىيە ئىستانسىلىرى مۇسابىقە ئۆتكۈزگۈچى دۆلەت ۋە ئولىمپىك كومىتېتىدىن تېلېۋىزىيىدە كۆرسىتىش ھوقۇقىنى سېتىۋېلىشى، سۈنئىي ھەمراھ لىنىيىسىنى ئىجارىگە ئېلىشى، ئۇلاپ بېرىش قېتىمى ۋە ۋاقتىنىڭ دائىرىسى توغرىسىدا توختام ئىمزالىشى كېرەك.24 - نۆۋەتلىك ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىنى كۆچۈرۈپ تارقىتىش ھەققى ھەيران قالارلىق دەرىجىدە يۇقىرى. ئامېرىكا مەملىكەتلىك رادىئو شىركىتى (CBN) كۆچۈرۈپ تارقىتىش مونوپوللۇقىنى300 نەچچە مىليون دوللارغا سېتىۋېلىپ، كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولغان باشقا دۆلەتلەرنىڭ تېلېۋىزىيە ئىستانسىلىرىغا ئىجارە بەرگەن. كۆچۈرۈپ تارقىتىش ھوقۇقىنى سېتىۋالغان تېلېۋىزىيە ئىستانسىلىرى مۇسابىقە ئۆتكۈزگۈچى دۆلەتنىڭ تېلېۋىزىيە مەركىزىدە مۇسابىقىنىڭ ئەھۋالىنى بىۋاسىتە كۆرسەتسىمۇ ياكى ئۆز دۆلىتىنىڭ ئېھتىياجىغا مۇۋاپىق كېلىدىغان مەخسۇس مۇسابىقە پروگراممىلىرىنى تاللاپ ياكى تەھرىرلەپ تارقاتسىمۇ بولىدۇ. مۇسابىقە تۈرلىرىنىڭ مەيدانلىرىغا نۇرغۇن تېلېكامېرا ئورنىتىلىدۇ، ئۇلار تارتقان كۆرۈنۈشلەر بىۋاسىتە رادىئو - تېلېۋىزىيە مەركىزىگە يوللاپ بېرىلىدۇ، ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ تېلېۋىزىيە دىكتورلىرى نەق مەيداندا چۈشەندۈرۈپ تۇرىدۇ. شۇنداق قىلىپ ھەرقايسى ئەللەرنىڭ تېلېۋىزىيە ئىستانسىلىرى ئۆز كۆرۈرمەنلىرىنىڭ ئېھتىياجىغا ئاساسەن مۇسابىقىنىڭ پۈتۈن ئەھۋالىنى كۆرسەتكەندىن سىرت، ئۆز دۆلىتى تەنھەرىكەتچىلىرىنىڭ كۆرۈنۈشلىرىنى تېخىمۇ كۆپ كۆرسىتەلەيدۇ.