UyghurWiki
UyghurWikiرادار بىلىملىرىيېتەكلەش رادارى

يېتەكلەش رادارى

رادار بىلىملىرى ئايـروپـىلان بوشلۇقتا ئۇچقاندا، يەر يۈزىدىكى يول باشلىغۇچى − يېتـەكلەش رادارىنىڭ قوماندانلىقىغا تايىنىپ، يۆنىلىشتىن ئېزىپ قالمايدۇ. ھازىرقى ئايـروپـىلانلارنىڭ كۆپىنچىسى ئاۋازدىن تېز سۈرئەتـلـىـك بـولۇپ، ئۇچۇش سۈرئىتى ئىنتايىن تېز. يېتەكلەش رادارى ئادەملەرنىڭ ئورنـىدا بىر قاتار مۇرەككەپ ئۆلچەش ۋە ھېسابلاش خىزمەتلىرىنى ئۆزلۈكـىـدىـن ئورۇنداپ، ئايـروپـىلاننىڭ بوشلۇقتىكى ئورنىنى توغرا ئۆلچەپ چىـقـىـپ، ئايروپىلاننىڭ بەلگىلەنگەن ئورۇنغا توغرا يېتىپ بېرىپ، تۈرلۈك جەڭ ۋەزىـپـىلىرىنى تاماملىشىغا ئۈزلۈكسىز يېتەكچىلىك قىلىدۇ. يېتەكلەش رادارىنىڭ ئايـروپـىلاننى يېتەكلىشىنىڭ توغرا ياكى خاتـا بـولۇشى ھاۋا ئۇرۇشىدا غەلىبە قازىنىش - قازىنالماسلىققا ناھايىتـى زور تـەسـىـر كۆرسىتىدۇ. ئەگەر رادار ئۆلچىگەن يۆنىلىشتىكى خاتالىق پـەرقـى °1 بـولسا،200 كىلومېتىر يىراقتىكى نىشان ئۈچۈن ئېيتقاندا،5 .3 كىلومېتـىـر ئېغىش بولىدۇ. بۇنىڭغا ئېگىزلىك ۋە ئارىلىقنى ئۆلچەش خاتالىـق پـەرقـى قـوشۇلسا، ئۇچقۇچى دۈشمەن ئايـروپىلانىنى تاپالماي، جەڭ پۇرسىتىنى قولـدىـن بېرىپ قويىدۇ. شۇڭا، توغرا ئۆلچەش يېتەكلەش رادارىنىـڭ ئەڭ زور ئالاھىدىلىكى. يېتەكلەش رادارىنىڭ ئادەتتىكى خىزمەت دولقۇن ئۇزۇنلـۇقـى نـەچـچـە10 سانتىمېتىردىن10 سانتېمېتىرغىچە بولغان مىكرو دولقۇن بۆلـىـكـى بـولۇپ، نىشاننىڭ ئورنى ۋە ئارىلىقىنىلا توغرا ئۆلچەپ چىقالايدۇ، نىشانـنـىـڭ ئېگىزلىكىنى ئۆلچىيەلمەيدۇ، شۇڭا، ئېگىزلىك ئۆلچەش رادارى بىلەن يېتـەكلەش رادارىنى بىرلەشتۈرگەندىلا، دۈشمەن ئايـروپـىلانىنىڭ ئورنى، ئارىلـىـقـى ۋە ئېگىزلىكىنى توغرا ھېسابلاب، ئۇنىڭ يۆنىلىشى ۋە سۈرئىتىگە ھۆكۈم قىلىپ، ئايـروپىلانلىرىمىزنىڭ ھاۋادىن كەلگەن دۈشمەنگە تېز دەككە بېرىشىگە يېتەكچىلىك قىلغىلى بولىدۇ.
← بارلىق تېمىلار رادار بىلىملىرى
يېتەكلەش رادارى | UyghurWiki | UyghurWiki