ئارقا تەرەپنى قوغدىغۇچى رادار
رادار بىلىملىرى
بىپايان ئاسمان بوشلۇقىدا قىرغۇچى ئايـروپـىلان دۈشمەن ئايـروپـىلانـى بـىـلـەن جەڭ قىلغاندا، ئارقا تەرەپتىن ھۇجۇمغا ئۇچراشتىن ئەڭ قـورقـىـدۇ. ئادەتـتـە، قىرغۇچى ئايـروپـىلانلاردا بىرلا ئۇچقۇچى بولىدۇ، ئۇ دىققەت كۈچىـنـى ئايـروپـىلان باشقۇرۇش ۋە ئۇدۇلدىكـى دۈشـمـەن ئايـروپىلانى بىلەن جەڭ قىلىشقا مەركەزلەشتۈرگەچكە، ئارقا تەرىپىگە قاراشقا چولى تەگمەيدۇ. بۇ زىددىيەتنى ھەل قىلىش ئۈچۈن، ھاۋا ئۇرۇشـىـدا سـەپ تـۈزۈپ جەڭ قىلىش ئۇسۇلى قوللىنىلىپ، ياردەمچى ئايـروپـىلان ئارقىلىق ئايروپـىلاننىڭ ئارقا قىسمىنى مۇھاپىزەت قىلىپ، ئايـروپىلان ئارقا تەرەپتىن ھۇجۇمـغـا ئۇچراش ئەندىشىسىدىن خالاس قىلىنىدۇ، بۇنىڭ بىلەن زېھنىـنـى مـەركـەزلەشتۈرۈپ ئۇدۇلدىكى دۈشمەن ئايـروپـىلانىنى يوقىتىدۇ.
شۇنداق بولغان تەقدىردىمۇ، قىرغۇچى ئايـروپىلان يالغۇز جەڭ قىـلـىـشتىن خالىي بولالمايدۇ، بۇ چاغدا ئۇنىڭ ئارقىدىن كىـم قـوغـدايـدۇ؟ بۇ ۋەزىپىنى ئارقا تەرەپنى مۇھاپىزەت قىلغۇچى رادار ئۈستىگە ئالىدۇ.
مۇھاپىزەتچى دەپ ئاتالغان ئارقا تەرەپنى قوغدىغۇچى رادار ئايـروپـىلاننىڭ قۇيرۇقىغا ئورۇنلاشتۇرۇلغان رادار بولۇپ، ئۇنىڭ قـۇرۇلـمـىـسـى بىرقەدەر ئاددىي، ئۇ سىگنال چىرىغى ۋە ئاۋاز ئۈسكۈنىلىرى ئارقىلـىـق ئارقـا تەرەپتە دۈشمەن بار - يوقلۇقىنى دوكلات قىلىدۇ. ئايـروپـىلاننىڭ ئارقىـسـىـدا دۈشمەن ئايـروپـىلانى كۆرۈلگەندە، ئارقا تەرەپنـى قـوغـدىـغۇچـى رادار دەرھال خىزمەتكە كىرىشىدۇ ۋە تېزدىن ئۇچقۇچىغا سىگنال بېرىدۇ، بۇنىـڭ بـىلەن ئۇچقۇچى دەرھال تەدبىر قوللىنىپ، ئارقىسىدىكى دۈشمەننىڭ ھۇجۇمىدىن قۇتۇلىدۇ.
ئارقا تەرەپنى قوغدىغۇچى رادارنى يەنە بومباردىمانچى ئايـروپـىلانغا ئىشـلـىتىشكىمۇ بولىدۇ. دۈشمەن ئايروپىلانىنىڭ ئارقا تەرەپتىن ھۇجۇم قىلىشىدىن ساقلىنىـش ئۈچـۈن، بومباردىمانچى ئايـروپىلاننىڭ ئارقىسىدا، ئادەتـتـە، ئادەم بولىدۇ ھەم مۇداپىئە ياراغلىرىمۇ بولىدۇ. ئارقا تەرەپنى قـوغـداش رادارىنى بومباردىمانچى ئايـروپـىلانغا ئورۇنلاشتۇرغاندا، ئۇچقۇچىنىڭ يـىـراق ئارىلىقتا ئۇچۇۋاتقان دۈشمەن ئايـروپـىلانىدىن سەگەك تۇرۇشىغا ۋە ئۇنى بايقىشـىغا ياردەم بېرىشكە، ۋاقىىدا ئاگاھلاندۇرۇش سىگنالى بېرىشكە بولىدۇ.
ئارقا تەرەپنى مۇھاپىزەت قىلغۇچى رادارنى يەنە ئايـروپـىلانـغـا ئورۇنلاشتۇرۇپ، ئارقىدىكى ياراغلارنىڭ قارىغا ئېلىشى ۋە ئۇنى يېتەكلىشىگە ئىشلىتىشكە بولىدۇ.