UyghurWiki
UyghurWikiرادار بىلىملىرىكۆپكە ماھىر رادار

كۆپكە ماھىر رادار

رادار بىلىملىرى بىرىنچى ئەۋلاد رادار ئادەتتە بىرلا نىشاننى كۆزىتەلەيدۇ، ئىكـكـىـنـچـى ئەۋلادقا تەۋە سەپلىرى ئۆزئارا كونترول قىلىنىدىغان كۆپكە رادار ماھىـر بـولۇپ ،30 سېكۇنت ئىچىدە300 دىن ئارتۇق نىشاننىڭ ئىزىغـا چـۈشـەلـەيـدۇ ھەم200 دىن ئارتۇق نىشاننىڭ چۈشۈش نۇقتىسىنى ھېسـابلاب چـىـقـالايدۇ. ئۇنىڭ ۋاسكېتبول چوڭلۇقىدىكى نىشاننى تەكشۈرۈش ئەڭ چوڭ ئارىلىقى3700 كىلومېتىر، چوڭ تىپتىكى سۈنئىي ھەمراھلارنى تەكشـۈرۈش ئارىلىقى46 مىڭ كىلومېتىرغا يېتىدۇ. سەپلىرى ئۆزئارا كونترول قىلىنىدىـغـان رادار ھازىرقى ئەڭ ئىلغار رادار ھېسابلىنىدۇ. بۇ خىل رادارنىڭ كۆرۈنۈشى زور ئىمارەتكە ئوخشايدۇ، ئېگىزلىكـى30 مېتىر كېلىدۇ. ئۇنىڭ ئانتېنناسى ئارقىغا °20 ئاغقان يانتۇلۇققـا ئورۇنلاشتۇرۇلىدۇ. دىئامېتىرى30 مېتىر كېلىدىغان يۇمىلاق ئانتـېـننـا سـېـپـىـدە15 مىڭ360 دانە ئېلېكتر دولقۇنى تارقىتىدىغان رادىئاتسىيە ئەسـۋابـى تـىـزىـلغان، ئۇنىڭدىن باشقا، رادىئو دولقۇنى قويۇپ بەرمەيدىغان20 مىڭغا يېقـىـن رادىئاتسىيە ئەسۋابى ئورۇنلاشتۇرۇلغان. بۇ15 مىڭ360 رادىئاتسىيە ئەسۋابى96 گۇرۇپپىغا ئايرىلغان بولۇپ، بىرىكتۈرۈلگەن96 رادارغا باراۋەر كېلىدۇ، ئۇنىڭغا ئانتېننا ئارقىسىدىكى6 قەۋەتلىك چوڭ بىنادىكى ئېلېكتـرونـلـۇق كومپيۇتېر بىر تۇتاش قوماندانلىق قىلىدۇ. ئېلېـكـتـرونـلـۇق كومپيۇتېر سېكۇنتىغا نەچچە10 مىليون قېتىم ھېـسـابلاب، ھەربـىـر نىشاننىڭ ئورنى، ئارىلىقى، ئېگىزلىكى ۋە ئۇچۇش ئوربىتىسى، چۈشـۈش نۇقتىسى قاتارلىقلارغا ئائىت سانلىق مەلۇماتلارنى ھېسابلاب چىقىدۇ. سەپلىرى ئۆزئارا كونتـرول قىلىنىدىغان رادارنىڭ ئانتېنناسى مۇقـىـم بـولـغـاچـقـا، ئۇدۇل تـەرەپـتـىـكـى °120 لۇق دائىرىدىكى نىشانلارنىلا بايقىيالايدۇ، بۇ ئۇنىڭ ئىنـتـايـىـن زور يېتەرسىزلىكى. ھازىر يەنە بىر خىل يۇمىلاق چوققىلىق رادار بارلـىـقـقـا كـەلدى. بۇ ئانتېننا شەكلىدىكى يۇمىلاق چوققىلىق سەپلىـرى ئۆزئارا كـونـتـرول قىلىنىدىغان رادار بولۇپ، °360 لۇق دائىرىدىكى نىشاننى بايقىيالايدۇ.
← بارلىق تېمىلار رادار بىلىملىرى
كۆپكە ماھىر رادار | UyghurWiki | UyghurWiki