UyghurWiki
UyghurWikiرادار بىلىملىرىتوپوگرافىك ئىز قـوغلاش، ئۆزىـنـى قـاچۇرۇش رادارى

توپوگرافىك ئىز قـوغلاش، ئۆزىـنـى قـاچۇرۇش رادارى

رادار بىلىملىرى ئۇرۇش داۋامىدا، بومباردىمانچى ئايـروپـىلانلار زىيادە تۆۋەن بوشلۇقتا ئۇچۇپ، دۈشمەننىڭ يىراقتىن سىگنال بېرىدىغان رادارىنـىـڭ كۆزىتىشىدىن ئۆزىنى قاچۇرىدۇ. بىراق، ئايـروپـىلاننىڭ يەر يۈزىدىن نەچـچـە10 مېتىر ئېگىزلىكتىكى زىيادە تۆۋەن بوشلۇقتا ئۇچۇشى تولىمۇ خەتەرلـىـك بولۇپ، سەللا دىققەت قىلمىسا، دۆڭ ۋە ئېگىز ئىمارەتلەرگە ئۇرۇلۇپ كېتىدۇ. زىيادە تۆۋەن بوشلۇقتـىـكـى ئۇچـۇش بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، ئالىملار توپوگرافىك ئىز قـوغلاش رادارى بىلەن يەردىكى جىسىملاردىن ئۆزىنى قاچۇرغۇزۇش رادارىنى لايىھـىـلـەپ چىققان. توپوگرافىك ئىز قوغلاش رادارى، ئادەتتە، ئايـروپـىلان بېشىنىڭ ئاستىغا ئورۇنلاشتۇرۇلۇپ، ئايـروپـىلان بېشىنىڭ ئاستىغا ئېلېكتر دولقۇنى تارقىتىپ، ئايـروپـىلان بېشىنىڭ ئاستىدىكى يەر شەكلى، جىسىملارنى مەخسۇس تەكـشـۈرىـدۇ، ئۇ خـۇددى ئەمانىڭ قولىدىكى «يول ئىزدەش تايىقى» غا ئوخشاش، ئالدى تەرەپتە ئېگىـز ئىمارەت، تۆمۈر مۇنار، تاغ چوققىسى بولۇپ قالسا، توپوگرافىك ئىز قوغـلـىغۇچى رادار كومپيۇتېرنىڭ ھېسابلىشى ئارقىلىق ئايـروپـىلاننى ئاپتوماتىك ھەيدەش ئەسۋابىنى كونترول قىلىپ، ئايـروپـىلاننى ئالدى تەرەپتىكى جىـسـىـمدىن مۇئەييەن ئېگىزلىككە كۆتۈرىدۇ. شۇڭا، ئايـروپـىلاننىڭ ئۇچۇش ئېگىزلىكى تـوپـوگـرافـىـك ئىز قوغلىغۇچى رادار ۋە كومپيۇتېر ئۆزلۈكىدىـن تـەڭـشـەپ تىزگىنلىشى ئارقىسىدا، يەر شەكلىنىڭ ئۆزگىرىشىـگـە ئەگـىشىپ، ئاپتوماتىك ئۆزگىرىدۇ ھەم بەلگىلەنگەن زىيادە تـۆۋەن بوشلۇقتىكى ئېگىزلىكنى ساقلايدۇ. توپوگرافىك ئىز قوغلىغۇچى رادار بولسا ئۆزگىرىشى ئانچە كۆپ بولمىغان يـەر شەكىللىرىگە باب كېلىدۇ، تۈزلەڭلىكتىن توساتتـىـنلا كـۆتـۈرۈلۈپ چىققان يەر شەكلى ۋە جىسىملار كۆپ بولسا، ئايـروپىلاننـىـمـۇ تـېـز كۆتۈرۈش، تېز تۆۋەنلىتىش قىيىنغا توختايدۇ. يەنە بىر «يول ئىزدەش تايىقى» دەپ ئاتالغان رادار يەردىكى جىسىـملاردىن ئۆزىنى قاچۇرغۇزۇش رادارى دەپ ئاتىلىدۇ. ئۆزىنى قاچۇرغۇزۇش رادارىنـىـڭ ئاساسىي قائىدىسى توپوگرافىك ئىز قوغلىغۇچى رادارنىڭكىـگە ئوخـشـاش، لېكىن بۇ خىل رادار ئالدى تەرەپتىكى يەر شەكلى ۋە جىسىملارنى بـايـقـىغاندا، ئايـروپـىلاننىڭ ئېگىزلىكىنى ئاپتوماتىك تەڭشىمەستىن، بەلكـى ئايروپىلاننى كـۆتـۈرۈلۈپ چىققان يەر شەر شەكلى ۋە جىسىملارنىڭ ئوڭ ياكى سول تـەرىپىدىن ئاپتوماتىك ئايلاندۇرۇپ ئۆتكۈزۈش ئارقىلىق ئايـروپـىلاننىڭ بىخەتـەرلـىكىگە كاپالەتلىك قىلىدۇ. بۇ خىل رادار، ئادەتتە، زىيادە تۆۋەن بوشلۇقتا ئۇچىدىـغـان جـەڭ ئايـروپـىلانلىرى ۋە ئۇچقۇچىسىز ئايـروپـىلانلارغا ئورنىتىلىدۇ.
← بارلىق تېمىلار رادار بىلىملىرى