بومباردىمانچى رادار
رادار بىلىملىرى
بومباردىمانچى رادار بومباردىمانچى ئايـروپـىلاننىڭ نىشاننى قارىغا ئېلىـپ بومبا تاشلىشىغا ياردەم بېرىدۇ. ئۇ ھاۋا رايى شارائىتىنىڭ تەسىرىـگـە ئۇچـرىمايدۇ، كېچىدىمۇ ئۆزلۈكىدىن بومبا تاشلىيالايدۇ، شۇنداقلا بىرقەدەر يـىـراق ئارىلىقتىن نىشانغا ئېلىپ بومبا تاشلىيـالايـدۇ. بـۇ خـىـل رادارنـىـڭ بـومـبـا تاشلاشتىكى دەللىك نىسبىتى يۇقىرى بولغانلىقى ئۈچۈن، «بومبا تاشلاش مـاھىرى» دەپ ئاتىلىدۇ.
جىسىمنىڭ ھەرىكەت قانۇنىيىتىگە ئاساسـەن، بـومـبـا ئايـروپـىلانـدىـن تاشلانغاندا، بىر تەرەپتىن، ئەركىن چۈشىدىغان جىسىم سۈپىتـىـدە، ئايـروپـىلان تۇرۇۋاتقان ئېگىزلىكتىن يەر يۈزىگە قاراپ تىك ھەرىكەت قىلىدۇ؛ يەنـە بـىـر تەرەپتىن، ئىنېرتسىيە تەسىرى بىلەن، ئايـروپـىلاننىڭ ئۇچۇش تېزلىكىدە ئالدىغا گورىزونتال تەكشى ھەرىكەت قىلىدۇ، شۇنداق قىلىـپ، بـومـبـا يەر يۈزىگە پارابولا شەكلىدە چۈشىدۇ. شۇڭا، ئايـروپـىلاننىڭ بومبا تـاشلاش ئورنى نىشاننىڭ دەل ئۈستىدە بولماستىن، بەلكى نىشانغا كېلىشتـىـن بـۇرۇن بولىدۇ. ئەگەر ئايـروپـىلاننىڭ ئۇچۇش ئېگىزلىكى بىلەن سۈرئىتى بېكـىـتـىـلسە، ئايـروپـىلاندىن نىشانغىچە بولغان پارابولا بېكىتىلگەن بولـىـدۇ. شـۇنـداق بولغاندا، ئايـروپـىلان بومباردىمان قىلىشتىن ئىلگىرى بومبا تاشلاش بۇلـۇڭـى ياكى بومبا تاشلاش قىيپاش ئارىلىقىنى ئۆلچەپ چىقىپ، بومبىنى تاشلىسـىلا نىشانغا دەل تېگىدۇ.
ئايـروپـىلاندىكى بومباردىمانچى رادارنىڭ ئۆزلۈكىدىن تاشلاش ھالقىسى بولۇپ، بۇ مىلتىقتىكى سان ئۆلچىگۈچكە ئوخشاش، قارىغا ئېلـىـش ئاساسى قىلىنىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، رادارنىڭ ھەرىكەتچان تاللاش ھالقىسـى بـار. ئايـروپـىلاننىڭ نىشانغا يېقىنلىشىشىغا ئەگىشىپ، تەسۋىر كۆرسەتكۈچـتـىـكـى نىشان سۈرىتى ئايـروپـىلانغا قاراپ سۈرۈلىدۇ، تاللاش ھالقىسىمۇ نىشانغا ئەگـىشىپ ئاستا - ئاستا ئۆزلۈكىدىن تاشلاش ھالقىسىغا يېقىنلىشىدۇ. تـاللاش ھالقىسى بىلەن تاشلاش ھالقىسى بىر يەرگە كەلگەنـدە، رادار ئايـروپىلاندىكى ئېلېكتر كۈچى بىلەن ھەرىكەتلىنىدىغان بومبا تاشلاش ئۈسكۈنـىسىگە بومبا تاشلاش بۇيرۇقىنى ئاپتوماتىك بېرىدۇ - دە، بومبا ئايـروپىلاندىن يـەرگە تاشلىنىدۇ.