24 مەۋسۇم
قۇياش ئائىلىسى
24 مەۋسۇم ئېلىمىزدە قوللىنىلىپ كېلىۋاتقان ئەنئەنىۋى دېھقانلار كالېندارىنىڭ مۇھىم بىر تەركىبىي قىسمى، ئۇنى ئاي - قۇياش كالېندارى بىلەن بىرلەشتۈرۈپ ئىشلەتكەندە، ھەربىرىنىڭ ئۆزگىچە ئارتۇقچىلىقى بار. دېھقانلار كالېندارى بويىچە ئاي - قۇياش كالېندارىنىڭ كۈنلىرىنى ھېسابلىغاندا، گەرچە نۇرغۇن ئارتۇقچىلىقى بار بولسىمۇ، لېكىن، دېھقانچىلىق، ئورمانچىلىق، چارۋىچىلىق، بېلىقچىلىق ئىشلىرىنى ئورۇنلاشتۇرۇشقا تولىمۇ قۇلايسىز بولىدۇ.24 مەۋسۇم بىر خىل قۇياش كالېندارى ئورنىدا ئىشلىتىلىپ، يېغىلىق دەۋرى، چىن، خەن سۇلالىلىرىدىن بۇيان ئىزچىل تۈردە ئېلىمىز خەلقىنىڭ دېھقانچىلىق ئىشلەپچىقىرىش پائالىيەتلىرىنى ئورۇنلاشتۇرۇشتىكى مۇھىم ئاساسى بولۇپ كەلدى.24
مەۋسۇمنى بېكىتىش تۈزۈمىدە، چېسلانى ئەتىيازلىق كۈن - تۈن تەڭلىشىش نۇقتىسىدىن باشلاپ ھېسابلاشقا توغرا كېلىدۇ، قۇياش ئېكلىپتىكىنى بويلاپ يۇلتۇز تۈركۈملىرىنى كېسىپ ئۆتىدۇ، ھەر15 گرادۇس ئايلانغاندا بىر مەۋسۇم بولىدۇ دەپ بەلگىلەنگەن. مەسىلەن، «ئەتىيازلىق كۈن - تۈن تەڭلىشىش» − قۇياش ئەتىيازلىق كۈن - تۈن تەڭلىشىش نۇقتىسىدىن ئۆتكەن شۇ ۋاقىتنى كۆرسىتىدۇ؛ چوكانتال، قىزىلكوس .... يازلىق كۈن - تۈن توختىشى، ... قىشلىق كۈن - تۈن توختىشى... ھەرقايسى مەۋسۇملار دەل قۇياشنىڭ ئەتىيازلىق كۈن - تۈن تەڭلىشىش نۇقتىسىدىن باشلاپ ئايلىنىپ °51، °30،... °90،... °270... لۇق ھەرقايسى نۇقتىلاردىن ئۆتكەن ۋاقىتنى كۆرسىتىدۇ. قۇياشنىڭ ئېكلىپتىكىنى بويلاپ قىلىدىغان ھەرىكىتى ئىنتايىن تەكشىسىز بولىدىغانلىقى ئۈچۈن، ھەر °51 لۇق ئايلانما ھەرىكەت قىلىشىغا كېتىدىغان ۋاقىتلارمۇ ئوخشاش بولمايدۇ، شۇڭا، ئىلگىرى - كېيىن ئۇلىنىپ كېلىدىغان مەۋسۇملارنىڭ ئارىلىقىدىكى كۈن سانى ئاز دېگەندە7 .14 كۈن، كۆپ بولغاندا7 .15 كۈن بولىدۇ.
قەتئىي قىلىپ ئېيتقاندا،24 مەۋسۇم24 پەيتنى كۆرسىتىدۇ، لېكىن ئادەتتىكىچە قىلىپ ئېيتقاندا، چېسلانىمۇ كۆرسىتىدۇ. مەسىلەن،1988 - يىلىنىڭ «ئەتىيازلىق كۈن - تۈن تەڭلىشىشى» 3 - ئاينىڭ20 - كۈنىدىكى سائەت17 دىن39 مىنۇت ئۆتكەن ۋاقىتنى كۆرسىتىدۇ، لېكىن، بىز1988 - يىل3 - ئاينىڭ20 - كۈنى ئەتىيازلىق كۈن - تۈن تەڭلەشتى دەپ ئېيتساقمۇ بولىدۇ.24
مەۋسۇمنىڭ ئايلىنىش دەۋرىيلىكى دەل تۆت پەسىلنىڭ ئۆزگىرىش دەۋرىيلىكى − تروپىك يىلى بولىدۇ. بۇ نۇقتىنى24 مەۋسۇمنىڭ ناملىرىدىن ئاسان كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ. شۇڭا،24 مەۋسۇم ئەمەلىيەتتە تۆت پەسىلنىڭ ئۆزگىرىش دەۋرىيلىكىدە ئىپادىلەنگەن24 ئالامەت نۇقتىسى (پەيت) ھېسابلىنىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن، ئۇ تامامەن قۇياش كالېندارىغا مەنسۇپ. بىز مىلادىيە كالېندارىنىڭمۇ بىر خىل قۇياش كالېندارى ئىكەنلىكىنى بىلىمىز، ئۇنىڭدا ئادەتتىكى يىل365 كۈن، كەبىسە يىل366 كۈن، يىللار بولسا ئوتتۇرا ھېساب بىلەن تروپىك يىلىغا تەڭ بولىدۇ. شۇڭا،24 مەۋسۇمنىڭ ھەربىرى ئومۇمەن بىر ياكى ئىككى مىلادىيە كۈنىگە ئۇدۇل كېلىدۇ (جەدۋەلگە قاراڭ).
شۇنى چۈشەندۈرۈش زۆرۈركى، يېقىنقى زامان ئاسترونومىيە ئىلمىدە بۇلۇڭ گرادۇسىنى ھېسابلاش ئادەتتە ئەتىيازلىق كۈن - تۈن تەڭلىشىشىدىن باشلىنىدۇ. ئەمما ئېلىمىزنىڭ ئەنئەنىسى بويىچە، بىرىنچى مەۋسۇمنى ھېسابلاش ئادەتتە «باش باھار» دىن باشلىنىدۇ، شۇڭا، ئەتىيازلىق كۈن - تۈن تەڭلىشىش تۆتىنچى مەۋسۇمغا توغرا كېلىدۇ. ئەسلىدە ھەرقايسى جايلاردا تۆت پەسىلنىڭ ئۇزۇن - قىسقىلىقى، بالدۇر ياكى كېچىكىپ كېلىش ۋاقتى ئوخشاش بولمايدۇ، ھەرقايسى جايلاردىكى كىشىلەر تۆت پەسىلنى ئايرىشتا ئورتاق بىر ئۇسۇلنى قوللىنىشقا موھتاج. ئېلىمىز خەلقىنىڭ ئەنئەنىۋى كۆزقارىشى بويىچە، باش باھار، باش ياز، باش كۈز ۋە باش قىشتىن ئىبارەت تۆت «باش» تىن باشلاپ بىر يىلنى ئەتىياز، ياز، كۈز ۋە قىش دەپ تۆت پەسىلگە ئايرىشقا بولىدۇ. باش باھاردا ئەتىياز پەسلى باشلىنىدۇ، شۇڭا، ئۇ بىرىنچى مەۋسۇم بولىدۇ. قەدىمكى زاماندا ھەربىر پەسىل يەنە24 مەۋسۇمغا ئاساسەن تېخىمۇ ئىنچىكە ئايرىلغانىدى. شۇڭا، ئېلىمىزنىڭ قەدىمكى زاماندىكى قۇياش كالېندارى ھازىرقىدىن كۆپ مۇرەككەپ ئىدى. ھازىر مىلادىيە كالېندارى بار بولغاچقا،24 مەۋسۇمغا ئالاقىدار بەزى مەزمۇنلارنى كىشىلەر ئۇنتۇپ كەتتى، ئۇنتۇلماي قالغان24 مەۋسۇمنىڭ ئۆزىنىمۇ بىر يۈرۈش مۇكەممەل بولغان قۇياش كالېندارى دەپ ئېيتىشقا بولمايدۇ، دەل شۇ سەۋەبتىن، بەزىلەر24 مەۋسۇمنى بىر خىل ئالاھىدە قۇياش كالېندارى دەپ ئاتايدۇ.
ئەستە تۇتۇشقا قۇلاي بولسۇن ئۈچۈن، كىشىلەر تۆۋەندىكى بىر كۇپلېت مەۋسۇملەر قوشىقىنى توقۇپ چىققان:
باش باھاردىن كېيىن ئەگىز بولۇر،
جاندارلار ئويغىنىپ ئەتىيازلىق كۈن - تۈن تەڭلىشەر.
چوكانتالدىن كېيىنلا قىزىلكوس بولۇر،
باش يازدىن كېيىن سەرەتان ئىسسىق بولۇر.
ئورما ۋاقتىدىن كېيىن يازلىق كۈن - تۈن توختار.
باش تومۇزدىن ئۆتۈپلا تومۇز ئۇلىنۇر،
باش كۈز كېتىپ كۈزگى تېرىم باشلىنۇر،
ئاق شەبنەمدىن كېيىن كۈزلۈك كۈن - تۈن تەڭلىشەر.
سوغۇق شەبنەم ئارقىسىدىن قىراۋ چۈشۈكى،
باش قىش ئۆتۈپ كەتسىلا سېرىق قار ياغۇر،
ئاق قار يېغىپ كەينىدىن قىشلىق كۈن - تۈن توختار.
قارا سوغۇق ئۆتۈپ قاپاق ياردى بولۇر