ساتۇرن
قۇياش ئائىلىسى
ساتۇرن توققۇز چوڭ سەييارە ئىچىدە يۇپىتېردىن قالسىلا2 - ئورۇندا تۇرىدىغان گىگانت سەييارىدۇر. ئۇنىڭ ھەجىمى يەر شارى ھەجىمىنىڭ745 ھەسسىسىگە، ماسسىسى يەر شارى ماسسىسىنىڭ95 ھەسسىسىگە توغرا كېلىدۇ.1781 - يىلى ئۇران بايقىلىشتىن ئىلگىرى، كىشىلەر ئىزچىل تۈردە ئۇنىڭ ئايلىنىش ئوربىتىسىنى قۇياش سىستېمىسىنىڭ چېگرىسى دەپ قاراپ كەلگەنىدى.
ساتۇرننىڭ ئۆز ئوقىدا ئايلىنىش سۈرئىتى يۇپىتېرنىڭكىدىن قالسىلا2 - ئورۇندا تۇرىدۇ، ئۇنىڭ ئۆز ئوقىدا ئايلىنىش دەۋرى10 سائەت14 مىنۇت بولىدۇ. ئۇنىڭ ئېكۋاتور دىئامېتىرى بىلەن ئىككى قۇتۇپ دىئامېتىرىنىڭ نىسبىتى100 :90 بولۇپ، قۇياش سىستېمىسىدىكى ئەڭ ياپىلاق بىر سەييارىدۇر. ساتۇرن گەرچە چوڭ بولسىمۇ، زىچلىقى ئىنتايىن كىچىك بولۇپ، سۇنىڭ %70 ىگە توغرا كېلىدۇ. ئەگەر ئالەم بوشلۇقىدا ناھايىتى چەكسىز كەتكەن بىر دېڭىز بولغان بولسا، ئۇ دېڭىزدا لەيلەپ تۇرغان، باشقا سەييارىلەر بولسا دېڭىز تېگىگە چۆكۈپ كەتكەن بولاتتى.
ساتۇرننىڭ ناھايىتى چىرايلىق بىر نۇر ھالقىسى بار بولۇپ، خۇددى بىر تال پارقىراق «مارجان» نى ئۇنىڭ بوينىغا ئېسىپ قويغانغا ئوخشاش كۆرۈنىدۇ. بۇ نۇر ھالقىسى ناھايىتى نېپىز بولۇپ، قېلىنلىقى15 ~20 كىلومېتىر، كەڭلىكى200 مىڭ كىلومېتىر كېلىدۇ. نۇر ھالقا ئوتتۇرىچە دىئامېتىرى1 مېتىرغا يەتمىگەن نۇرغۇنلىغان كىچىك تاش پارچىلىرى ۋە مۇز پارچىلىرىدىن تۈزۈلگەن. ئۇنىڭ ھاسىل بولۇش سەۋەبىگە كەلسەك، ئادەتتە مۇنداق قاراش مەۋجۇت: نۇر ھالقىسى ساتۇرنغا ناھايىتى يېقىن، بۇنداق يېقىن ئارىلىقتا، ساتۇرننىڭ تارتىشىش كۈچى سەۋەبىدىن بۇ دائىرىدە خېلى چوڭ قاتتىق جىسىملىق كاللەكلەر − ھەمراھلار ھاسىل بولالمايدۇ.
قۇياش سىستېمىسىدىكى2 - نومۇرلۇق گىگانت سەييارە دەپ قارالغان ساتۇرن نۇرغۇن تەرەپلەردە يۇپىتېر بىلەن ئوخشىشىپ كېتىدۇ؛ يەنى ساتۇرنمۇ قۇرۇقلۇق بولمىغان بىپايان سۇيۇق دۇنيادۇر، ئۇنىڭدا سۇيۇق ھالەتتىكى ھىدروگېن بار، ئۇنىڭ قويۇق، زىچ ئاتموسفېرا قەۋىتى ئاساسلىق ھىدروگېن ۋە گېلىيدىن تۈزۈلگەن، ئۇنىڭدىن باشقا يەنە ئاممىياك، مېتان ۋە بەزى رەڭلىك مولېكۇلىلارمۇ بار. ساتۇرن يۇپىتېرغا ئوخشاش قوغدىغۇچىلىرى كۆپ سەييارە،21 ~23 دانە چوڭ - كىچىك ھەمراھى ئۇنى ئايلىنىپ ھەرىكەت قىلىدۇ. بۇنىڭ ئىچىدە ئەڭ چوڭ ھەمراھ تىتان، ئۇ پۈتكۈل قۇياش سىستېمىسىدىكى2 - چوڭ سەييارە ھېسابلىنىدۇ، ئۇنىڭ دىئامېتىرى5150 كىلومېتىر بولۇپ، ئاي شارىنىڭ دىئامېتىرىدىن1674 كىلومېتىر چوڭ. ئەڭ كىچىك ھەمراھ فېبا، دىئامېتىرى ئاران300 كىلومېتىر كېلىدۇ. ساتۇرنغا ئەڭ يېقىن ھەمراھ ئاتلاس بولۇپ، ئوتتۇرىچە ئارىلىقى137 مىڭ كىلومېتىردىن ئاشىدۇ.