UyghurWiki
UyghurWikiقۇياش ئائىلىسىئاي - قۇياش كالېندارى

ئاي - قۇياش كالېندارى

قۇياش ئائىلىسى ئاي - قۇياش كالېندارى بىلەن قۇياش كالېندارى ۋە ئاي كالېندارى بىر - بىرىگە ئوخشاشمايدۇ. قۇياش كالېندارىنىڭ ئوتتۇرىچە بىر يىلى تروپىك يىلىغا تەڭ بولىدۇ، ئەمما ئۇنىڭدا ئاي - كۈنلەر قەمەرىيە ئېيى ۋە ئاي فازىلىرى بىلەن مۇناسىۋەتسىز؛ ئاي كالېندارىنىڭ ئوتتۇرىچە بىر ئېيى قەمەرىيە ئېيىغا تەڭ بولىدۇ، لېكىن، چېسلا پەسىل ۋە تېرىقچىلىق مەزگىلى بىلەن ماس كەلمەيدۇ؛ ئاي - قۇياش كالېندارىدا بولسا ئاي بىلەن قۇياشقا تەڭ ئېتىبار بېرىلىدۇ، ئوتتۇرىچە بىر يىل تروپىك يىلىغا، ئوتتۇرىچە بىر ئاي قەمەرىيە ئېيىغا تەڭ بولىدۇ. ئاي كالېندارى بىلەن قۇياش كالېندارى ئۆزئارا بىر - بىرىگە ماس كەلمەيدۇ. چۈنكى، ئۇلارنىڭ ھەر ئىككىسىدە بىر يىل12 ئايغا بۆلۈنگەن بولىدۇ. ئىنسانلار تارىختا ئەڭ ئاۋۋال ئاي كالېندارىنى ئىشلەتكەن. كېيىن، بىر قىسىم مىللەتلەر قۇياش كالېندارى (بىر يىلدا ئوخشاشلا12 ئاي بار) نى ئىشلەتكەن. مەملىكىتىمىز ۋە قەدىمكى يۇناندىكى بەزى مىللەتلەر بولسا، بىر يىل12 ئاي بولىدۇ، دېگەنگە ئوخشاش ئەنئەنىنى بۇزۇپ تاشلاپ، ئاي - قۇياشقا تەڭ ئېتىبار بېرىدىغان يولنى تاللىغان. ئاي - قۇياش كالېندارى ئاي كالېندارىغا ئوخشاش، ئالدى بىلەن ئوتتۇرىچە بىر ئاينى قەمەرىيە ئېيىغا تەڭ قىلىپ، كۈن بىلەن ئاي فازىلىرىنىڭ ئۆزئارا ماس كېلىشىگە كاپالەتلىك قىلغان. ئاندىن كىچىك يىل (ئادەتتىكى يىل) نى12 ئاي؛ چوڭ يىل (كەبىسە يىلى) نى13 ئايغا بۆلۈپ، بۇنىڭ ئىچىدىكى بىر ئاينى كەبىسە ئېيى قىلغان. شۇنداق بولغاندا، كىچىك يىل ئەمەلىيەتتە ئاي كالېندارى بويىچە ھېسابلىغاندىكى بىر يىلغا تەڭ، يەنى354 كۈندىن سەل كۆپرەك بولىدۇ، ئەمما تروپىك يىلىدىن تەخمىنەن11 كۈن قىسقا بولىدۇ؛ ئەكسىچە چوڭ يىل تەخمىنەن384 كۈن بولۇپ، تروپىك يىلىدىن تەخمىنەن18 ~19 كۈن ئۇزۇن بولىدۇ. بۇنىڭدىن شۇنى چۈشىنىۋېلىش تەس ئەمەسكى، چوڭ يىل بىلەن كىچىك يىللارنى ئۆزئارا مەلۇم نىسبەت بويىچە تىزساق، ئوتتۇرىچە ھەربىر ئاي قەمەرىيە ئېيىغا تەڭ بولۇش بىلەن بىللە، بۇنىڭدىكى ئوتتۇرىچە بىر يىلمۇ تروپىك يىلىغا تەڭ بولىدۇ. مەسىلەن،19 يىل داۋامىدا12 كىچىك يىل،7 چوڭ يىل (كەبىسە يىلى) بولۇپ تىزىلىپ، يۇقىرىدا بايان قىلىنغان مەقسەتكە تەخمىنەن يېقىنلىشىدۇ. بۇ ئادەتتە « 19 يىل داۋامىدا12 كىچىك يىل،7 چوڭ يىل (كەبىسە يىلى) بولۇش» ئۇسۇلى دېيىلىدۇ، بۇ قانۇنىيەتنى ئەجدادلىرىمىز2000 نەچچە يىل بۇرۇن تۇنجى بولۇپ بايقىغان. ئاي - قۇياش كالېندارىدا تروپىك يىلى بىلەن قەمەرىيە ئېيىغا تەڭلا ئېتىبار بېرىلگەن بولسىمۇ، بىراق ئۇنى يەنىلا مۇكەممەل دېيىشكە بولمايدۇ. ئاي - قۇياش كالېندارىنىڭ ئوتتۇرىچە بىر يىلى تەخمىنەن تروپىك يىلىغا تەڭ بولسىمۇ، بىراق، چېسلاسى قۇياش كالېندارىنىڭكىدەك مەۋسۇم بىلەن ماس كەلمەيدۇ. چۈنكى، قۇياش كالېندارىدا بېكىتىلگەن «كەبىسە كۈنى» چوڭ - كىچىك يىللاردا بىر كۈن پەرقلىنىپ كېتىدۇ؛ ئاي - قۇياش كالېندارىدا بېكىتىلگەن «كەبىسە ئېيى» بولسا، بىر كەبىسە يىلىدىكى بىر ئايغا تەڭ بولىدۇ. شۇنداق بولغاندا، ئاي - قۇياش كالېندارى بويىچە ھەربىر كىچىك يىل ئۆتسە كۈنلەر مەۋسۇم ياكى مىلادىيە كالېندارىغا ماس كېلىشى ئۈچۈن تەخمىنەن11 كۈن ئالدىغا سۈرۈلۈپ كەلسە توغرا بولىدۇ؛ ھەربىر چوڭ يىل ئۆتسە كۈنلەر ئادەتتە18 ~19 كۈن ئارقىغا سۈرۈلسە بولىدۇ. ئېلىمىزنىڭ دېھقانلار كالېندارىدا، ئاي بىلەن كۈنلەر ئاي - قۇياش كالېندارىنىڭ قانۇنىيەتلىرىگە ئاساسەن تىزىلغان. مەسىلەن،1 - ئاينىڭ1 - كۈنى (باھار بايرىمى) ئاي - قۇياش كالېندارىدىكى چېسىلا بويىچە «باش باھار» دىن ئىبارەت بۇ مەۋسۇمغا، يەنى مىلادىيە2 - ئاينىڭ4 - ياكى5 - كۈنىگە توغرا كېلىدۇ. لېكىن، كونكرېت يىللارنىڭ ئۆزىدە1 - ئاينىڭ1 - كۈنى مۇشۇ مەۋسۇمنىڭ ئالدى - كەينىگە سۈرۈلۈپ كېتىدۇ. ئاي - قۇياش كالېندارىدىكى چېسلا بەلگىلىك مەۋسۇم ئەتراپىدا ئالدى - كەينىگە سۈرۈلۈپ تۇرىدۇ، لېكىن، يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشىنى جەزمەن پەسىل ياكى مەۋسۇمغا ئاساسەن ئورۇنلاشتۇرۇش كېرەك. شۇڭا، ئاي - قۇياش كالېندارىدىن پايدىلىنىپ يېزا ئىگىلىك پائالىيەتلىرىنى ئورۇنلاشتۇرۇش يەنىلا قۇلايسىز.
← بارلىق تېمىلار قۇياش ئائىلىسى
ئاي - قۇياش كالېندارى | UyghurWiki | UyghurWiki