ئاي كالېندارى
قۇياش ئائىلىسى
ئاي كالېندارى يەنە قەمەرىيە كالېندارى دەپمۇ ئاتىلىدۇ، ئۇ ئىنسانلار خېلى بۇرۇنلا ئىشلەتكەن كالېندارلارنىڭ بىرى. ئاي كالېندارى ئاينىڭ ئۆزگىرىشى − قەمەرىيە ئېيىنى ئاساسىي دەۋر قىلىپ چوڭ ئاينى30 كۈن، كىچىك ئاينى29 كۈن قىلغان؛ ئۇنىڭدا چوڭ ئاي بىلەن كىچىك ئاي بەلگىلىك نىسبەت بويىچە تىزىلغان بولۇپ، ھەربىر ئاينىڭ ئوتتۇرىچە ئۇزۇنلۇقى قەمەرىيە ئېيى (5306.29 كۈن) غا تەڭ بولىدۇ.
ئاي كالېندارىدا بىر يىل12 ئايغا بۆلۈنگەن بولىدۇ، قۇياش كالېندارى بىلەن ئوخشاشمايدىغان يېرى شۇكى، قۇياش كالېندارى ئوتتۇرىچە ھەر يىلنىڭ2422 .365 كۈنگە تەڭ بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىپ، بىر يىلنى12 ئايغا بۆلگەن؛ ئاي كالېندارى بولسا ئوتتۇرىچە ھەر ئاينى5306 .29 كۈنگە تەڭ قىلىپ،12 ئاينى بىر يىل قىلىپ ھېسابلىغان. شۇڭا، ئاي كالېندارىنىڭ ھەر يىلىنىڭ ئوتتۇرىچە كۈن سانى:
(كۈن)3672 .354=12×5306.29
بولىدۇ. بۇ تروپىك يىلدىن11 كۈن قىسقا دېگەن سۆز. شۇڭا، مىلادىيە ياكى مەۋسۇمغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، ئاي كالېندارىدىكى چېسلا ھەر يىلى تەخمىنەن11 كۈن ئالدىغا سۈرۈلىدۇ. مەسىلەن، ئەگەر ئاي كالېندارى بويىچە1 - ئاينىڭ1 - كۈنى ئەتىيازلىق كۈن - تۈن تەڭلىشىش كۈنى بولسا، كېلەر يىلى ئەتىيازلىق كۈن - تۈن تەڭلىشىش كۈنى11 كۈن بالدۇر كېلىدۇ. مۇشۇنداق بولغاندا، ئاي كالېندارى بويىچە يېڭى يىل بەزىدە قىشتا، بەزىدە يازدا كېلىدۇ. پەسىل بىلەن چېسلانىڭ ئۆزئارا ماس كەلمەسلىكى يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشىغا ئېغىر تەسىر كۆرسىتىدۇ. شۇڭا، نۇرغۇن مىللەتلەر خېلى بۇرۇنلا ئاي كالېندارىدىن ۋاز كەچكەن.
ھازىرقى مۇسۇلمان مىللەتلىرى ئىشلىتىۋاتقان ھىجرىيە كالېندارى بىر خىل كونكرېت ئاي كالېندارىدىن ئىبارەت (ئۇلار قۇياش كالېندارىنىمۇ ئىشلىتىدۇ). ھىجرىيە كالېندارىدا بىر يىل (قۇياش يىلى) نى12 ئايغا بۆلۈپ، ھەربىر تاق سانلىق ئاي30 كۈنلۈك چوڭ ئاي، جۈپ سانلىق ئاي29 كۈنلۈك كىچىك ئاي بولىدۇ دەپ بەلگىلەنگەن، مۇشۇنداق قىلىپ ئادەتتىكى يىل354 كۈن قىلىپ؛ كەبىسە يىلى كەلسە شۇ يىلنىڭ ئاخىرىغا بىر كۈن قوشۇلۇپ (ئەسلىدىكى كىچىك ھېسابلىنىدىغان12 - ئاي چوڭ ئايغا ئۆزگەرتىلگەن) جەمئىي355 كۈن قىلىپ بېكىتىلگەن. ھىجرىيە كالېندارىدا يەنە ھەر30 يىلدا11 كەبىسە يىلى بولۇش بەلگىلەنگەن. شۇڭا، ھەر30 يىلدىكى360 ئاي ئىچىدە11 كىچىك ئاي چوڭ ئايغا ئۆزگەرگەن، شۇڭا، چوڭ ئاي جەمئىي191 =11+180، كىچىك ئاي جەمئىي169 =11-180 بولىدۇ. شۇنداق قىلىپ360 ئاي ئىچىدە جەمئىي:
(كۈن)10631 =169×29+191×30
شۇڭا، ھىجرىيە كالېندارىنىڭ ھەر ئېيىدا ئوتتۇرىچە كۈن سانى مۇنداق بولىدۇ:
(كۈن)5305 .29=360÷10631=ئايلىق ئوتتۇرىچە كۈن سانى
بۇ بىر قەمەرىيە ئېيىغا تەخمىنەن يېقىنلىشىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن، ھىجرىيىدىكى چېسلا ئاي فازىلىرىنى ئىنتايىن ياخشى ئەكس ئەتتۈرۈپ بېرىدۇ.
بىراق، ھىجرىيە كالېندارىدا يېڭى ئاي، يەنى ھىلال ئاي كۆرۈنگەن چاغ شۇ ئاينىڭ بېشى بولىدۇ، بۇ، مەملىكىتىمىزنىڭ دېھقانلار كالېندارىدىكى چېسلا بىلەن تامامەن ئوخشاشمايدۇ: دېھقانلار كالېندارىدا بولسا قەمەرىيىنى ئاينىڭ بېشى قىلىپ ھېسابلايدۇ. شۇڭا، ھىجرىيە كالېندارى بويىچە «ئاينىڭ1 - كۈنى» دېھقانلار كالېندارىدىكى «ئاينىڭ2 - كۈنى» ياكى «3 - كۈنى» گە توغرا كېلىدۇ.
ھىجرىيە كالېندارىدىكى يېڭى يىل، يەنى1 - ئاينىڭ1 - كۈنى جۇلىئان كالېندارى بويىچە مىلادىيە622 - يىل7 - ئاينىڭ16 - كۈنى (ھەپتىنىڭ5 - كۈنى)، يەنى جۈمە كۈنىگە توغرا كېلىدۇ. ھىجرىيە كالېندارى بويىچە ھېسابلىغاندا، بىر يىل ئوتتۇرا ھېساب بىلەن367 .354 كۈنگە تەڭ بولىدۇ، شۇڭا، ھەر34 ھىجرىيە يىلى تەخمىنەن33 تروپىك يىلى ياكى مىلادىيە يىلىغا تەڭ بولىدۇ.