UyghurWiki
UyghurWikiقۇياش ئائىلىسىپلۇتون

پلۇتون

قۇياش ئائىلىسى نېپتۇن بايقىلىپ ئۇزاق ئۆتمەيلا،1850 - يىلىدىن باشلاپ بىر قىسىم ئاسترونومىيە ئالىملىرى نېپتۇننىڭ سىرتىدا يەنە بىر يېڭى سەييارە بولۇشى مۇمكىن دەپ پەرەز قىلدى.1905 - يىلى ئا ق ش ئاسترونومىيە ئالىمى لوۋېل نامەلۇم بولغان يېڭى سەييارىنىڭ ھەرىكەت ئوربىتىسىغا قارىتا پەرىزىنى ئوتتۇرىغا قويدى ھەمدە رەسىمگە تارتىش ئۇسۇلى ئارقىلىق ئىزدىنىشكە كىرىشتى. بىراق، ھېچقانداق نەتىجىگە ئېرىشەلمىدى.1916 - يىلى لوۋېل ئالەمدىن ئۆتكەندىن كېيىن، ئۇ قۇرغان لوۋېل رەسەتخانىسىغا ۋارىسلىق قىلغۇچىلار ئۇنىڭ ئارزۇ - ئارمىنى بويىچە بوشاشماي ئىزدەندى، ئاخىر1930 - يىل2 - ئاينىڭ18 - كۈنى ياش ئاسترونوم تومباۋگ يۇلتۇز رەسىملىرىنى تەكشۈرۈۋاتقان چاغدا، بۇ يېڭى سەييارىنى بايقىدى. ئاسترونومىيە ساھەسىنىڭ ئەنئەنىسى بويىچە بۇ يېڭى بايقالغان سەييارىگە رىم رىۋايەتلىرىدىكى ئىلاھنىڭ ئىسمى − «پلۇتون» دەپ نام قويۇلدى، بۇ «دوزاخ» تىكى «يەمەراجە» دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ. پلۇتوننىڭ ھەجىمى مېركۇرىينىڭ ھەجىمىدىن كىچىك بولۇپ، قۇياشنى بىر قېتىم ئايلىنىپ چىقىشى ئۈچۈن248 يىل كېتىدۇ. توققۇز سەييارە ئىچىدە پلۇتون قۇياشتىن ئەڭ يىراق سەييارە بولۇپ، ئارىلىقى تەخمىنەن5 مىليارد900 مىليون كىلومېتىر كېلىدۇ، بۇ قۇياش بىلەن يەر شارى ئوتتۇرىسىدىكى ئارىلىقنىڭ40 ھەسسىسىچىلىك كېلىدۇ، سۈرئىتى ئەڭ تېز نۇرمۇ بەش يېرىم سائەت ماڭغاندا ئاندىن بۇ مۇساپىنى بېسىپ بولالايدۇ. پلۇتوندا تۇرۇپ قۇياشقا نەزەر سالغىنىمىزدا، قۇياش كۆزنى قاماشتۇرىدىغان ناھايىتى كىچىك بىر يورۇقلۇق نۇقتىسى بولۇپ كۆرۈنىدۇ، ئۇنىڭ قۇياشتىن قوبۇل قىلىدىغان يورۇقلۇق ۋە ئىسسىقلىقى يەر شارىنىڭ قۇياشتىن قوبۇل قىلىدىغان يورۇقلۇق ۋە ئىسسىقلىقىنىڭ نەچچە ئون مىڭدىن بىرىگە توغرا كېلىدۇ. شۇڭا، پلۇتوندا ئىنتايىن سوغۇق ھەم قاراڭغۇ بىر دۇنيا مەۋجۇت. پەرەز قىلىشىمىزچە، ئۇنىڭ كۈنگەي تەرىپىدە تېمپېراتۇرا220 - سېلىسىيە گرادۇس ئەتراپىدا، تەسكەي تەرىپىدە تېمپېراتۇرا250 - سېلىسىيە گرادۇستىنمۇ تۆۋەن بولۇشى مۇمكىن. بۇنداق تۆۋەن تېمپېراتۇرا شارائىتىدا كۆپ ساندىكى ماددىلار قاتتىق ۋە سوغۇق ھالەتكە ئۆزگىرىپ كېتىدۇ، پەقەت ھىدروگېن، گېلىي، نېئونلارلا گاز ھالەتتە تۇرۇشى مۇمكىن. پلۇتوننىڭ قۇياش ئەتراپىدا ئايلىنىش ئوربىتىسىنىڭ مەركەزدىن ئېغىشچانلىقى باشقا سەييارىلەرنىڭكىدىن چوڭ بولىدۇ، ئۇ ئايلىنىپ قۇياشتىن يىراق نۇقتىغا يېقىن كەلگەندە، قۇياش بىلەن بولغان ئارىلىقى يەر شارى بىلەن قۇياش ئارىلىقىنىڭ49 ھەسسىسىگە توغرا كېلىدۇ، قۇياشقا يېقىن نۇقتىنىڭ ئەتراپىغا كەلگەندە، قۇياش بىلەن بولغان ئارىلىقى، يەر شارى بىلەن قۇياش ئارىلىقىنىڭ30 ھەسسىسىگە يەتمەيدۇ. قۇياشقا يېقىن نۇقتىنىڭ ئەتراپىدا، ئۇنىڭ ئوربىتىسى نېپتۇن ئوربىتىسىنىڭ ئىچىدە بولىدۇ، قۇياش بىلەن بولغان ئارىلىقى نېپتۇننىڭ قۇياش بىلەن بولغان ئارىلىقىدىنمۇ يېقىن بولىدۇ. ئىككى سەييارىنىڭ ئوربىتا تەكشىلىكى ئۆزئارا ماس كەلمەيدۇ، ھەتتا ئىككى ئوربىتا تەكشىلىكىنىڭ كېسىشىش نۇقتىسى ئەتراپىدىمۇ ئۇلار ئارىسىدىكى ئارىلىق ناھايىتى چوڭ بولىدۇ، مانا بۇ مۇشۇ ئىككى سەييارىنىڭ ئۆزئارا سوقۇلۇپ كەتمەسلىكىنىڭ ئاساسىي سەۋەبىدۇر. پلۇتوننىڭ ھەمراھى − چارون1978 - يىلى بايقالغان. چاروننىڭ پلۇتوننى ئايلىنىش دەۋرى پلۇتوننىڭ ئۆز ئوقىدا ئايلىنىش دەۋرىگە ئوخشاش بولۇپ، ھەر ئىككىسىگە ئوخشاشلا ئالتە كۈن توققۇز سائەت ۋاقىت كېتىدۇ، ئۇ ئىنسانلار ھازىرغىچە بايقىغان بىردىنبىر تەبىئىي ماس قەدەملىك ھەمراھ ھېسابلىنىدۇ. شۇڭا، پلۇتوندا تۇرۇپ سەييارىلەر دۇنياسىدىكى بىردىنبىر ئالاھىدە مەنزىرە — ئالەمدىكى ئورنى مەڭگۈ ئۆزگەرمەيدىغان «ئاي» نى كۆرگىلى بولىدۇ. ئۇنداقتا، پلۇتون قۇياش سىستېمىسىنىڭ ئەڭ چېتى ھېسابلىنامدۇ؟ قۇياش سىستېمىسىدا پلۇتوندىن باشقا10 - سەييارىمۇ بارمۇ؟ ئاسترونومىيە ئالىملىرى بۇ ھەقتە تېخىمۇ چوڭقۇر تەتقىقاتلارنى ئېلىپ بارماقتا.
← بارلىق تېمىلار قۇياش ئائىلىسى