UyghurWiki
UyghurWikiقۇياش ئائىلىسىمارس

مارس

قۇياش ئائىلىسى قۇياش سىستېمىسىدىكى توققۇز چوڭ سەييارە ئىچىدە يەر شارىدىن قالسىلا كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى تارتىدىغىنى مارستۇر. بىر ئەسىردىن كۆپرەك ۋاقىتتىن بۇيان، مارستا «مارس ئادىمى» بارمۇ - يوق؟ دېگەن تېمىدىكى تالاش - تارتىشلار ئۈزۈلمەي داۋاملىشىپ كەلدى. مارس يەر شارىنىڭ قوشنىسى. ئەگەر بىز ۋېنېرانى سول تەرەپ قوشنىمىز دېسەك، مارسنى ئوڭ تەرەپ قوشنىمىز دەپ ئېيتىشقا بولىدۇ. مارس يەر شارىنىڭ سىرتقى تەرىپىدە، يەر شارى ئوربىتىسىدىن يېرىم ھەسسە چوڭ ئوربىتىدا قۇياشنى ئايلىنىپ ھەرىكەت قىلىدۇ. ئاددىي كۆز بىلەن كۆزەتكەندە، ئۇ چوغدەك قىزىل رەڭدە كۆرۈنىدۇ. ئۇ كۆيۈۋاتقان ئوتقا ئوخشايدىغانلىقتىن، يورۇقلۇقى دائىم ئۆزگىرىپ تۇرىدۇ، ئورنىمۇ مۇقىم بولمايدۇ، يەنە كېلىپ سىرلىق ھەم رەڭگارەڭ بولغانلىقتىن، كىشىلەرنى تولىمۇ جەلپ قىلىدۇ، شۇڭا، ئېلىمىزنىڭ قەدىمكى دەۋرىدە كىشىلەر ئۇنى «پىل - پىل يۇلتۇز» دەپ ئاتاپ، شۇملۇقتىن بېشارەت بېرىدىغان يۇلتۇزلار قاتارىدا كۆرگەن. مارسنى يەر شارى بىلەن سېلىشتۇرغاندا، ئۇلاردا نۇرغۇنلىغان ئوخشاشلىقلار بار. مارستا قىش، ياز، كۈز ۋە ئەتىيازدىن ئىبارەت تۆت پەسىلنىڭ ئۆزگىرىشى، شۇنداقلا يەنە كېچە - كۈندۈزنىڭ ئالمىشىشى مەۋجۇت. ئۇنىڭ ئۆز ئوقىدا ئايلىنىش دەۋرى يەر شارىنىڭكىگە يېقىنلىشىپ قالىدۇ، يەنى24 سائەت37 مىنۇت بولىدۇ؛ مارستا تۇرۇپ كۆزەتكەندە، قۇياش ئوخشاشلا شەرقتىن كۆتۈرۈلۈپ، غەربكە پاتىدۇ. بىراق، مارس يەر شارىدىن كۆپ كىچىك، ئۇنىڭ دىئامېتىرى ئاران يەر شارىنىڭ رادىئۇسىغا تەڭ كېلىدۇ، ھەجىمى يەر شارى ھەجىمىنىڭ ئاران 15% ىگە، ماسسىسى يەر شارى ماسسىسىنىڭ ئاران % 11 ىگە توغرا كېلىدۇ. شۇڭا، ئاسترونوملار مارسنى دائىم «ئالەمدىكى كىچىك يەر شارى» دەپ ئاتايدۇ. مارستىكى تۆت پەسىل بىلەن يەر شارىدىكى تۆت پەسىل ئوخشاش بولمايدۇ. مارستىكى بىر يىل (يەنى مارسنىڭ قۇياش ئەتراپىدا ئايلىنىش دەۋرى) يەر شارىدىكى687 كۈنگە تەڭ بولىدۇ، ھەربىر پەسىل تەخمىنەن172 كۈنگە تەڭ كېلىدۇ، بۇ يەر شارىدىكى ئالتە ئايغا باراۋەر دېگەنلىكتۇر. مارستىكى تۆت پەسىلنىڭ تېمپېراتۇرا پەرقى كېچە - كۈندۈزنىڭ تېمپېراتۇرا پەرقىدىن كۆپ كىچىك بولىدۇ، كۈندۈزدە تېمپېراتۇرا ئەڭ يۇقىرى بولغاندا28 سېلىسىيە گرادۇسقا يەتسە، كېچىدە تۆۋەنلەپ نۆلدىن تۆۋەن تەخمىنەن132 سېلىسىيە گرادۇسقا چۈشۈپ قالىدۇ.1962 - يىلىدىن بۇيان، سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى بىلەن ئا ق ش مارسنى تەكشۈرۈش ئەسۋابىدىن15 دانىنى كەينى - كەينىدىن قويۇپ بەردى.1971 - يىل11 - ئاينىڭ13 - كۈنى ئا ق ش قويۇپ بەرگەن «ماتروس9 - نومۇر» تەكشۈرۈش ئەسۋابى مارسنى ئايلىنىپ ھەرىكەت قىلىش ئوربىتىسىغا كىرىپ، مارسنىڭ تۇنجى سۈنئىي ھەمراھىغا ئايلاندى ھەمدە نۇرغۇنلىغان قىممەتلىك تەكشۈرۈش ماتېرىياللىرىنى يوللىدى، كېيىنكى نەچچە يىل ئىچىدە، سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى بىلەن ئا ق ش ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ قويۇپ بەرگەن ئۈچ ئالەم كېمىسى مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا مارسقا قوندى. بىر قاتار تەجرىبە، كۆزىتىشلەر ئارقىلىق كىشىلەر ئاخىر مارسنىڭ ھەقىقىي قىياپىتىنى بىلدى. ئەسلىدە مارستا ھېچقانداق «مارس ئادىمى» يوق ئىكەن، ھەتتا ئۇنىڭدىن ھاياتلىقنىڭ ئىزناسىنىمۇ تاپقىلى بولمايدىكەن. مارسنىڭ سىرتقى يۈزى قۇرغاق، چۆل، تىمتاس، سوغۇق، پايانسىز كەتكەن دالا بولۇپ، ھەممىلا يەرنى قۇم بارخانلىرى، قورام تاشلار، يانار تاغ ئېغىزلىرى قاپلاپ تۇرىدىكەن. ئەسلىدە ئاسترونوملارنىڭ يۈكسەك دىققەت - ئېتىبارىنى قوزغىغان مارس «قانىلى» پەقەت قاتار - قاتار تىزىلغان، ئۆزئارا ئارىلىقى ناھايىتى يېقىن بولغان يانار تاغ ئېغىزلىرى ئىكەن. كىشىلەر تەسەۋۋۇر قىلغان ھېلىقى «قۇتۇپ تاجى» پەقەت كاربون (Ⅳ) ئوكسىدى سوۋۇپ ئۇيۇغان مۇزلار ئىكەن. مارس ھەم سەھرايى كەبىر چۆلىدەك قۇرغاق، ھەم ئانتاركتىداغا ئوخشاش سوغۇق ئىكەن، ئۇنىڭدىكى جىلغىلار يەر شارىدىكى جىلغىلاردىن ھەم چوڭ، ھەم چوڭقۇر، ئۇنىڭ ئەڭ ئېگىز تاغ چوققىسى چومولاڭما چوققىسىدىن ئۈچ ھەسسە ئېگىز. مارستىمۇ ئاتموسفېرا بار، بىراق، ناھايىتى شالاڭ، بۇنىڭ ئىچىدە %95 ىنى كاربون (Ⅳ) ئوكسىدى تەشكىل قىلىدۇ، يەنە ئاز مىقداردا ئازوت ۋە ئارگونمۇ بار. ھازىرغا قەدەر، ئالىملار مارستا ھېچقانداق ھاياتلىق مەۋجۇت ئەمەس دەپ مۇئەييەنلەشتۈردى.
← بارلىق تېمىلار قۇياش ئائىلىسى