قۇياشمۇ يوقاپ كېتىدۇ
قۇياش ئائىلىسى
ئاسترونوملار ئۇزاق مۇددەت ئىنچىكە تەتقىق قىلىش ئارقىلىق، قۇياشنىڭ ئەڭ ئاخىردا يوقاپ كېتىدىغانلىقىنى جاكارلىدى، لېكىن بۇ تەخمىنەن5 مىليارد يىل ئۆتكەندىن كېيىن بولىدىغان قىيامەت ئىكەن.
ئادەمنىڭ ھاياتىغا ئوخشاش، قۇياش ۋە باشقا بارلىق يۇلتۇزلارنىڭمۇ بالىلىق مەزگىلى، ياشلىق مەزگىلى (قىرانلىق مەزگىلى) ۋە قېرىپ يوقايدىغان مەزگىلى بولىدۇ. ئەمما بۇنداق ئۆزگىرىش جەريانى ئىنتايىن ئۇزاق ھەم مۇرەككەپ داۋاملىشىدۇ، بۇنى تۆۋەندىكىدەك بەش تەرەققىيات باسقۇچىغا بۆلۈشكە بولىدۇ.
بىرىنچى باسقۇچ، قۇياشنىڭ «بالىلىق مەزگىلى». ئەڭ دەسلەپتە ئىپتىدائىي تۇمانلىق ئۆزىنىڭ تارتىشىش كۈچىنىڭ تەسىرىدە ئۈزلۈكسىز يىغىلغانىكەن، ئىچكى قىسىمنىڭ زىچلىقى، تېمپېراتۇرىسى ئۈزلۈكسىز يۇقىرىلاپ بارغانىكەن. نەچچە مىليون يىللار ئۆتكەندىن كېيىن ئىپتىدائىي قۇياش — رادىئاتسىيىسىنى كۆرگىلى بولمايدىغان ئىنفرا قىزىل نۇرلۇق ئىسسىق گاز شارى شەكىللەنگەنىكەن.
ئىككىنچى باسقۇچ، «ياشلىق مەزگىلى». بۇ مەزگىلدە قۇياش ئىچكى قىسمىنىڭ تېمپېراتۇرىسى داۋاملىق ئۆرلىگەنىكەن، مەركىزىنىڭ تېمپېراتۇرىسى7 مىليون سېلىسىيە گرادۇسقا يەتكەندە، قۇياشنىڭ ئىچكى قىسمىدا ئىسسىقلىق يادرو رېئاكسىيىسى يۈز بېرىشكە باشلاپ، كۆرۈنمە نۇر تارقىتىشقا باشلىغانىكەن. بۇ قۇياشنىڭ پۈتۈن ئۆمرىدىكى ئەڭ ئۇزۇن، ئەڭ تۇراقلىق مەزگىلى بولۇپ، ئاسترونومىيە ئىلمىدە «ئاساسىي قاتار يۇلتۇز» باسقۇچى دەپ ئاتالغان. قۇياش بۇ باسقۇچتا تەخمىنەن10 مىليارد يىل توختايدىكەن.
ئۈچىنچى باسقۇچ، «قىران مەزگىلى» (ئوتتۇرا ياش مەزگىلى). قۇياش نىسبەتەن ئۇزاق داۋام قىلغان ئاساسىي قاتار يۇلتۇزى دەۋرىنى ئۆتكۈزگەندىن كېيىن، قىران مەزگىلىگە قەدەم قويۇشقا باشلىغان. قۇياشنىڭ ئىچكى قىسمىدىكى ئىسسىق يادرو رېئاكسىيىسى يۈز بېرىدىغان «كۆيۈش چەمبىرىكى» نىڭ دائىرىسى قۇياش رادىئۇسىنىڭ يېرىمىغا يېقىنلاشقاندا «كۆيۈش چەمبىرىكى» نىڭ كۆيۈپ بولغان مەركىزىي قىسمىدا گۈمۈرۈلۈش ۋە قورۇلۇش ئەھۋالى يۈز بېرىدۇ. گۈمۈرۈلۈش ۋە قورۇلۇش جەريانىدا غايەت زور ئېنېرگىيە تارقىتىلىدۇ. بۇ ئېنېرگىيە بىر تەرەپتىن، قۇياش مەركىزىنىڭ تېمپېراتۇرىسىنى يەنىمۇ يۇقىرىلىتىپ، يادرو رېئاكسىيىسىنى داۋاملىق پەيدا قىلسا، يەنە بىر تەرەپتىن، قۇياشنىڭ سىرتقى قىسمىدا كەڭ كۆلەملىك كېڭىيىش ھادىسىسىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، ئۇنى ھەجىمى ناھايىتى چوڭ، زىچلىقى ئىنتايىن كىچىك، ئىچكى قىسمىنىڭ تېمپېراتۇرىسى تولىمۇ يۇقىرى، سىرتقى يۈزىنىڭ يورۇقلۇقى ئاجايىپ كۈچلۈك ئاسمان جىسىمىغا ئايلاندۇرۇپ قويىدۇ. بۇ خىل ھادىسە ئاسترونومىيە ئىلمىدە «قىزىل گىگانت يۇلتۇزى» باسقۇچى دېيىلىدۇ. مۇشۇ ۋاقىتتا قۇياشنىڭ دىئامېتىرى ھازىرقى دىئامېتىرىدىن250 ھەسسە كېڭىيىپ، مېركۇرىي، ۋېنېرا، ھەتتا يەر شارى قاتارلىقلارنىمۇ يۇتۇۋېتىشى مۇمكىن. قۇياش قىزىل گىگانت يۇلتۇزى باسقۇچىدا تەخمىنەن1 مىليارد يىلنى ئۆتكۈزىدۇ.
تۆتىنچى باسقۇچ، «قېرىلىق دەۋرى». قىزىل گىگانت يۇلتۇزى دەۋرىدىن كېيىن، قۇياشنىڭ ئىچكى قىسمىدىكى رېئاكسىيە جەريانى تېخىمۇ مۇرەككەپلىشىدۇ، ئۇ دەۋرىيلىك ھالدا كېڭىيىپ - يىغىلىپ تۇرىدىغان بىر پۇلساتسىيىلىك ئۆزگىرىشچان يۇلتۇزغا ئايلىنىپ، زىققە كېسىلىگە گىرىپتار بولغان بىر قېرى ئادەمگە ئوخشاپ قېلىشى مۇمكىن. بۇ باسقۇچ ئۇزاق داۋام قىلمايدۇ.
بەشىنچى باسقۇچ، «يوقىلىش دەۋرى». بۇ باسقۇچتا قۇياشنىڭ ئىچكى قىسمىدىكى يادرو ئېنېرگىيىسى خوراپ ئاساسەن تۈگەپ، قۇياشنىڭ ھەممە يېرىدە گۈمۈرۈلۈش ۋە قورۇلۇش يۈز بېرىدۇ. بۇ جەرياندا قۇياشنىڭ ئىچكى قىسمى سىقىلىپ، زىچلىقى ناھايىتى يۇقىرى بىر مەركەزگە ئايلىنىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، غايەت زور ئېنېرگىيە قويۇپ بېرىپ، قۇياشنىڭ سىرتقى قەۋىتىنى ئېچىۋېتىدۇ. بۇ ۋاقىتتا ئۇ تۇيۇقسىز نۇرلىنىپ، باشقىچە بىر يېڭى يۇلتۇزغا ئوخشاپ قالىدۇ. چېچىلىپ چىققان قۇياش ماددىلىرى ئالەمدە كېڭىيىۋاتقان تۇمانلىققا ئايلىنىدۇ؛ قۇياشنىڭ ئىچكى قىسمىدا قالىدىغان يۇقىرى زىچلىقتىكى مەركەز ئاق پەتەك يۇلتۇزغا ئايلىنىدۇ - دە، ئاستا - ئاستا سوۋۇپ كېتىدۇ. بۇ ئاق پەتەك يۇلتۇز دەل قۇياشنىڭ »قەبرە تېشى« سۈپىتىدە ئالەم بوشلۇقىدا مەڭگۈلۈك ئابىدە بولۇپ قالىدۇ.
ئاسترونومىيىلىك تەتقىقاتلارنىڭ نەتىجىسىدىن مەلۇم بولۇشىچە، قۇياش نۆۋەتتە ھاياتىي كۈچى ئۇرغۇپ تۇرغان، «ئاساسىي قاتار يۇلتۇزى» دەۋرىدە تۇرماقتا. ئۇ كەم دېگەندىمۇ يەنە5 مىليارد يىل ئاتەش كەبى كۆيۈپ تۇرىدىكەن.