UyghurWiki
UyghurWikiقۇياش ئائىلىسىيۇپىتېر

يۇپىتېر

قۇياش ئائىلىسى يۇپىتېر − قۇياش سىستېمىسىدىكى توققۇز چوڭ سەييارە ئىچىدە ئەڭ چوڭ سەييارە ھېسابلىنىدۇ. ئۇنىڭ يۇمىلاق باداڭ قورسىقىغا1300 دىن كۆپرەك يەر شارىنى قاچىلىغىلى بولىدۇ، يۇپىتېرنىڭ ماسسىسى يەر شارى ماسسىسىنىڭ318 ھەسسىسىگە توغرا كېلىدۇ. قۇياش سىستېمىسىدىكى بارلىق سەييارە، ھەمراھ ۋە كىچىك سەييارىلەر قاتارلىق چوڭ - كىچىك ئاسمان جىسىملىرىنىڭ ھەممىسىنى قوشساقمۇ يۇپىتېرنىڭ ئېغىرلىقىغا تەڭ كەلمەيدۇ. ئاسترونومىيە ئىلمىدە يۇپىتېرغا ئوخشاش غايەت زور سەييارىلەر «گىگانت سەييارە» دەپ ئاتىلىدۇ، غەرب ئەللىرىدە ئۇ ئاسمان ئىلاھى «زېئۇس» دەپ ئاتالغان. يۇپىتېر گەرچە چوڭ بولسىمۇ، يەر شارى بىلەن بولغان ئارىلىقى خېلى يىراق بولغانلىقتىن، قارىماققا مارستەك يورۇق كۆرۈنمەيدۇ. يۇپىتېرنىڭ قۇياش ئەتراپىدا تولۇق بىر قېتىم ئايلىنىپ چىقىشى ئۈچۈن12 يىل ۋاقىت كېتىدۇ، شۇڭا، ھەر يىلى يەر شارى قۇياش بىلەن يۇپىتېر ئارىسىغا بىر قېتىم جايلىشىش پۇرسىتىگە ئىگە بولىدۇ. بۇنداق كۈنلەردە، قۇياش ئولتۇرغاندا يۇپىتېر كۆتۈرۈلىدۇ، كىشىلەر تۈن بويى ئۇنى كۆرەلەيدۇ. يۇپىتېرنىڭ ئوربىتا سىرتىغا جايلاشقان باشقا سەييارىلەرمۇ مۇشۇنداق ئالاھىدىلىككە ئىگە. يۇپىتېر تەخمىنەن12 يىلدا بىر قېتىم يۇلتۇزلار ئاسمىنىنى تولۇق ئايلىنىپ چىقىدۇ، ھەر يىلى بىر يۇلتۇز تۈركۈمىدىن ئۆتىدۇ. ئېلىمىزنىڭ قەدىمكى دەۋرىدە يۇپىتېرنىڭ يۇلتۇزلار ئاسمىنىدا ھەرىكەت قىلىش لىنىيىسى «12 قېتىم» غا بۆلۈنگەن، يۇپىتېر ھەربىر «قېتىم» ئايلانغاندا بىر يىل بولىدۇ، دەپ قارالغان. شۇڭا، يۇپىتېر ئېلىمىزدە يەنە «ئۆمۈر يۇلتۇزى» دەپمۇ ئاتىلىپ، ئۆمۈر يېشىنى ھېسابلاشتا پايدىلانما قىلىنغان. ئېيتىشلارغا قارىغاندا، بۇ خىل ئۆمۈر يۇلتۇزىغا قاراپ ياش ھېسابلاش12 مۈچەلنى ھېسابلاشنىڭ تەكتى قىلىنغان. يۇپىتېرنىڭ ئۆز ئوقىدا ئايلىنىش دەۋرى9 سائەت50 مىنۇت بولىدۇ، توققۇز چوڭ سەييارە ئىچىدە ئۇ ئۆز ئوقىدا ئايلىنىش سۈرئىتى ئەڭ تېز سەييارە ھېسابلىنىدۇ. ئۇ ياپىلاق شار شەكىللىك ھالەتتە ئىپادىلىنىدۇ، ئۇنىڭ ئېكۋاتور دىئامېتىرى بىلەن ئىككى قۇتۇپ دىئامېتىرىنىڭ نىسبىتى93 :100 بولىدۇ. تېلېسكوپ بىلەن كۆزەتكەندە، يۇپىتېر ئېكۋاتورىنىڭ يېنىدا خىرە ھەم يورۇق ئارىلىشىپ كەتكەن بىر بەلۋاغ كۆرۈنىدۇ، سېرىق - يېشىل رەڭ ۋە جىگەر رەڭدە ئىپادىلىنىدۇ، ئۇ دەل يۇپىتېرنىڭ ئاتموسفېراسىدىكى بۇلۇت بەلۋېغىدۇر. يۇپىتېرنىڭ ئاتموسفېراسى ئاساسلىق ھىدروگېن بىلەن گېلىيدىن تەركىب تاپقان، قېلىنلىقى1000 كىلومېتىردىن ئاشىدۇ. ئۇلار يۇپىتېرنى مەھكەم ئورىۋالغانلىقتىن، ئۇنىڭ سىرتقى يۈزىنى بىۋاسىتە كۆرەلمەيمىز. يۇپىتېر ئېكۋاتورنىڭ جەنۇب تەرىپىدە، كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى تارتىپ تۇرىدىغان بىر چوڭ قىزىل داغ بار، ئۇ1665 - يىلى بايقالغاندىن بېرى، ھازىرغا قەدەر يوقاپ كەتمىگەن. يۇپىتېرنىڭ نۇرغۇنلىغان ھەمراھى بار، ئۇلار ناھايىتى ھەيۋەتلىك مەنزىرىنى شەكىللەندۈرگەن. يەر شارىنىڭ پەقەت ئايدىن ئىبارەت بىرلا تەبىئىي ھەمراھى بار، بىراق، يۇپىتېرنىڭ16 دانە ھەمراھى بار. ئۇلارنىڭ بەزىلىرى ئايدىن چوڭ، بەزىلىرى ئايدىن كىچىك. بۇنىڭ ئىچىدە ئەڭ چوڭ تۆتىنى1610 - يىلى گالىلېي قولدا ياسىغان تېلېسكوپ ئارقىلىق بايقىغان، شۇڭا، گالىلېي ھەمراھى دەپ ئاتالغان. بۇ ھەمراھ سىستېمىسىدا قۇياش سىستېمىسىدىكى سەييارىلەر سىستېمىسىنىڭكىگە ئوخشىشىپ كېتىدىغان ئالاھىدىلىكلەر ناھايىتى كۆپ، شۇڭا، ئۇلارنىڭ يۇپىتېر بىلەن بىرىكىشى خۇددى قۇياش سىستېمىسىنىڭ كىچىك بىر «كۆپەيتىلگەن نۇسخا» سىغا ئوخشاپ قالىدۇ.1973 - يىلىدىن بۇيان، ئا ق ش قويۇپ بەرگەن «ئاۋانگارت10 - نومۇر»، «ساياھەتچى1 - نومۇر» قاتارلىق ئالەم كېمىلىرى كەينى - كەينىدىن يۇپىتېرغا يېقىنلىشىپ بېرىپ، يۇپىتېرنىڭ نەچچە مىڭ پارچە رەڭلىك سۈرىتىنى تارتتى. تەكشۈرۈلگەن ماتېرىياللار شۇنى ئىسپاتلىدىكى، يۇپىتېر بىر ئاقار جىسىملىق سەييارە بولۇپ، ئۇنىڭ سىرتقى يۈزى يۇقىرى تېمپېراتۇرا، يۇقىرى بېسىملىق سۇيۇق ھالەتتىكى ھىدروگېن دېڭىزىدىن ئىبارەت. يۇپىتېرنىڭ ناھايىتى كۈچلۈك ماگنىت مەيدانى ۋە رادىئاتسىيە بەلۋېغى بولىدۇ؛ ئۇنىڭ ماگنىت قۇتۇپلىرىنىڭ يۆنىلىشى يەر شارىنىڭكى بىلەن قارىمۇقارشى بولىدۇ، يەر شارىنىڭ S (جەنۇبىي) قۇتۇپى شىمالىي قۇتۇپنىڭ يېنىدا، يۇپىتېرنىڭ S (جەنۇبىي) قۇتۇپى جەنۇبىي قۇتۇپنىڭ يېنىدا بولىدۇ.
← بارلىق تېمىلار قۇياش ئائىلىسى
يۇپىتېر | UyghurWiki | UyghurWiki