ئاي فازىسى
قۇياش ئائىلىسى
بىز كۆرۈپ تۇرغان ئاي بەزىدە ئەگىم قاشقا، بەزىدە يۇمىلاق كۈمۈش تەخسىگە ئوخشايدۇ. ئاينىڭ بۇنداق گاھ تولۇپ، گاھ كەمتۈك بولۇپ ئۆزگىرىشى ئاسترونومىيىدە «ئاي فازىسى» نىڭ ئۆزگىرىشى دېيىلىدۇ. ئاي نېمە ئۈچۈن دائىم فازا قىياپىتىنى ئۆزگەرتىپ تۇرىدۇ؟
ئەسلىدە ئاي شارى يەر شارىغا ئوخشاش ئۆزىدىن نۇر تارقاتمايدۇ، ئۇ قۇياش نۇرىنى قايتۇرۇش ئارقىلىق يورۇق كۆرۈنىدۇ. ئاينىڭ قۇياشقا قاراپ تۇرغان تەرىپى يورۇق، قۇياشقا تەتۈر تۇرغان تەرىپى قاراڭغۇ كۆرۈنىدۇ. ئاي شارى قۇياش ئەتراپىدا ئايلىنىۋاتقان يەر شارى بىلەن بىللە غەربتىن شەرققە قاراپ ئايلىنىپ تۇرىدۇ، قۇياش، يەر، ئايلارنىڭ نىسپىي ئورنىدا داۋاملىق ئۆزگىرىش يۈز بېرىپ تۇرغاچقا، ئاينىڭ يورۇپ تۇرغان يېرىم شارى بەزىدە يەر شارىغا ئۇدۇل تۇرسا، بەزىدە يانتۇ تۇرىدۇ، ھەتتا يەر شارىغا تەتۈرمۇ تۇرىدۇ. شۇڭا، يەر شارىدىن كۆزەتكەندە، ئاينىڭ شەكىل ھالىتىدە گاھ تولۇپ، گاھ كەمتۈك بولۇشتەك قانۇنىيەتلىك ئۆزگىرىشلەر بولۇپ تۇرىدۇ.
دېھقانلار كالېندارى بويىچە ھەر ئاينىڭ بېشىدا ئاي ئايلىنىپ قۇياش بىلەن يەر شارىنىڭ ئوتتۇرىسىغا كەلگەندە، ئاينىڭ قاراڭغۇ تەرىپى يەر شارىغا قاراپ تۇرىدۇ ھەمدە قۇياش بىلەن تەڭ كۆتۈرۈلۈپ تەڭ ئولتۇرغاچقا، كىشىلەر ئۇنى كۆرەلمەيدۇ. بۇ ۋاقىتتا ئاي فازىسى «يېڭى ئاي» ياكى «ئاي بېشى» دەپ ئاتىلىدۇ.
يېڭى ئاي ئۆتۈپ كەتكەندىن كېيىن، ئاي ئاستا - ئاستا قۇياش بىلەن يەر شارى ئارىلىقىدىكى رايوندىن چەتنەپ چىقىدۇ. بۇ ۋاقىتتا بىز ئاينىڭ قۇياش يورۇتقان كىچىك بىر قىسمىنى كۆرىمىز، ئۇنىڭ شەكلى ئەگىم قاشقا ئوخشاپ كەتكەنلىكتىن، بۇ ۋاقىتتىكى ئاي فازىسى «ئورغاق ئاي» ياكى «گۈزەل ئاي» دەپ ئاتىلىدۇ. بۇ خىل «ئورغاق ئاي» پەقەت گۇگۇم چۈشكەن ۋاقىتتا غەرب ئاسمىنىدىلا كۆرۈنىدۇ. دېھقانلار كالېندارى بويىچە ھەر ئاينىڭ8 - كۈنىنىڭ ئالدى - كەينىدە يەر شارىدا تۇرۇپ، ئاينىڭ قۇياشنىڭ شەرقىدىكى °90 لۇق جايغا بېرىپ بولغانلىقىنى كۆرىمىز. بۇ ۋاقىتتا ئاينىڭ غەربىي يېرىم يورۇق يۈزىنى كۆرىمىز، مەزكۇر ۋاقىتتىكى ئاي فازىسى «دەسلەپكى چارەك» دەپ ئاتىلىدۇ. دەسلەپكى چارەك ئاينى ئالدىنقى يېرىم كېچىدە كۆرگىلى بولىدۇ، يېرىم كېچىدا ئاي غەربكە پاتىدۇ. دەسلەپكى چارەك ئاي ئۆتۈپ كەتكەندىن كېيىن، ئاي بارغانسېرى تولۇشقا باشلايدۇ، بىز ئاينىڭ يورۇق يېرىم شارىنىڭ كۆپ قىسمىنى كۆرەلەيمىز، بۇ ۋاقىتتىكى ئاي فازىسى، «كۆپۈنكى ئاي» دەپ ئاتىلىدۇ.
دېھقانلار كالېندارى بويىچە ھەر ئاينىڭ15 -،16 - كۈنلىرى ئاي ئاسماندا ئايلىنىپ قۇياشنىڭ دەل ئۇدۇلىغا كېلىدۇ، يەنى بۇ چاغدا يەر شارى دەل قۇياش بىلەن ئاينىڭ ئارىسىدا تۇرىدۇ، يەر شارىدا تۇرۇپ قارىساق، ئاينىڭ پۈتكۈل يۈزى يەر شارىغا قارىغان بولىدۇ، بۇ ۋاقىتتىكى ئاي فازىسى «تولۇن ئاي» ياكى «تولغان ئاي» دەپ ئاتىلىدۇ. گۇگۇم ۋاقىتتا تولۇن ئاي شەرقتىن كۆتۈرۈلۈپ، سۈبھى ۋاقتىدا غەربكە پاتىدۇ.
تولۇن ئاي ئۆتۈپ كەتكەندىن كېيىن، ئاي ۋە قۇياش ئورنىنىڭ تەدرىجىي يېقىنلىشىشىغا ئەگىشىپ، ئاي كۈندىن - كۈنگە «ياداش» قا باشلايدۇ. ئۇ يۇقىرىدا بايان قىلىنغان تەرتىپ بويىچە «كۆپۈنكى ئاي»، «كېيىنكى چارەك ئاي» ۋە «ئورغاق ئاي» دېگەنگە ئوخشاش بىرنەچچە باسقۇچنى بېشىدىن ئۆتكۈزۈپ، ئەڭ ئاخىر يەنە يېڭىۋاشتىن «يېڭى ئاي» بولغان ئورنىغا قايتىپ كېلىدۇ. بىز ئادەت بويىچە «كېيىنكى چارەك» تە كۆرۈنگەن «ئورغاق ئاي» نى «قالدۇق ئاي» دەپ ئاتايمىز.
دەسلەپكى چارەك ئاي بىلەن كېيىنكى چارەك ئاينىڭ، ئورغاق ئاي بىلەن قالدۇق ئاينىڭ قىياپىتى ئانچە پەرقلىنىپ كەتمەيدۇ، لېكىن، ئۇلارنىڭ پەيدا بولۇش ۋاقتى، ئورنى ۋە يورۇق يۈزىنىڭ قارىغان تەرىپى ئوخشاش بولمايدۇ. ئورغاق ئاي بىلەن دەسلەپكى چارەك ئاي ئايرىم - ئايرىم ھالدا گۇگۇم چۈشكەن ۋاقىتتا ۋە ئالدىنقى يېرىم كېچىدە غەرب ئاسمىنىدا پەيدا بولىدۇ، ئۇلارنىڭ «يۈزى» غەربكە قاراپ تۇرىدۇ، يەنى غەربىي يېرىم تەرىپى يورۇق بولىدۇ؛ قالدۇق ئاي بىلەن كېيىنكى چارەك ئاي ئايرىم - ئايرىم ھالدا سۈبھى ۋە كېيىنكى يېرىم كېچىدە شەرق ئاسمىنىدا پەيدا بولىدۇ، ئۇلارنىڭ «يۈزى» شەرققە قاراپ تۇرىدۇ، يەنى شەرقىي يېرىم تەرىپى يورۇق بولىدۇ. ئېلىمىزدە دېھقانلار كالېندارى بويىچە ئاي، كۈنلەر ئاساسەن ئاي فازىسىغا ئاساسلىنىپ بېكىتىلىدىغان بولغاچقا، قەدىمكى دەۋردە ئەمگەكچى خەلق بەزىدە ئۇنىڭغا تايىنىپ دېھقانلار كالېندارىنىڭ ئاي - كۈنىنى ۋە كېچىلىك تەخمىنىي ۋاقىتنى ھۆكۈم قىلىپ كەلگەن.
ئاينىڭ يېڭى ئاي ئورنىدىن ئايلىنىپ يەنە بىر قېتىم يېڭى ئاي ئورنىغا قايتىپ كەلگۈچە كېتىدىغان ۋاقىت ئوتتۇرىچە53 .29 كۈن بولىدۇ، بۇ، ئاي فازىسىنىڭ ئالمىشىپ ئۆزگىرىش دەۋرىيلىكى ئوتتۇرىچە53 .29 كۈن بولىدۇ، بۇ بىر «قەمەرىيە ئېيى» دەپ ئاتىلىدۇ، دېگەنلىكتۇر.