ئاي
قۇياش ئائىلىسى
ئاي يەر شارىنىڭ بىردىنبىر تەبىئىي ھەمراھى، ئۇنىڭ يەر شارى بىلەن بولغان ئوتتۇرىچە ئارىلىقى384400 كىلومېتىر بولۇپ، يەر شارىغا ئەڭ يېقىن تەبىئىي ئاسمان جىسمىدۇر. ئاي ئۆزى نۇر تارقاتمايدۇ، بىز كۆرگەن ئاي نۇرى ئۇ قايتۇرغان قۇياش نۇرىدىن ئىبارەت. ئاي شارىنىڭ ھەجىمى يەر شارى ھەجىمىنىڭ48 /1 ىگە تەڭ، كۆلىمى ئاسىيا قىتئەسىنىڭ كۆلىمىگە تەڭ دېگۈدەك كېلىدۇ، ماسسىسى يەر شارى ماسسىسىنىڭ تەخمىنەن81 /1 ىگە، زىچلىقى يەر شارى زىچلىقىنىڭ5 /3 قىسمىغا توغرا كېلىدۇ. شۇڭا، ئاي شارى يەر شارىدەك ئۇنداق مۇستەھكەم ئەمەس.
ئاي شارىدىكى ئېغىرلىق كۈچى يەر شارىنىڭكىدىن خېلىلا كىچىك بولىدۇ. ئالەم ئۇچقۇچىلىرى ئاي شارىغا چىققان ۋاقىتتا بىرىنچى بولۇپ بەدىنىنىڭ يېنىكلەپ، كۈچ - قۇۋۋىتىنىڭ ئېشىپ كەتكەنلىكىنى ھېس قىلىدۇ؛ يول ماڭغاندا خۇددى ئۇچقاندەك بىلىنىدۇ،3 -4 مېتىر ئېگىزلىكتىكى توسالغۇ ماددىلاردىن ھەم10 مېتىر چوڭقۇرلۇقتىكى جىلغىلاردىن بىر سەكرەپلا ئۆتۈپ كېتەلەيدۇ، يەر شارىدا100 كىلوگرام كەلگەن ماددا ئاي شارىدا17 كىلوگرامغىمۇ يەتمەيدۇ، كىشىلەر ھېچقانچە كۈچىمەيلا ئۇنى كۆتۈرەلەيدۇ. ئالەم ئۇچقۇچىلىرى ئاي شارىدا ماڭغاندا، ئۇچۇپ كېتىۋاتقاندەك ھېس قىلىدۇ.
ئاي شارى توغرىسىدا قەدىمدىن تارتىپ نۇرغۇن ئاجايىپ گۈزەل، تەسىرلىك رىۋايەتلەر تارقىلىپ كەلدى. مەسىلەن، چاڭئېنىڭ ئايغا چىقىشى، بوز توشقاننىڭ دورا سوقۇشى، ۋۇگاڭنىڭ ئايدىكى لاۋېر دەرىخىنى كېسىشى قاتارلىقلار. ئەمەلىيەتتە ئاي شارى ھېچقانداق ھاياتلىق مەۋجۇت بولمىغان بىر دۇنيا بولۇپ، ئۇنىڭدا ھاۋا، سۇ دېگەنلەر يوق، ئاتموسفېرانىڭ ئىسسىقلىق ساقلاش ۋە دېڭىز - ئوكيانلارنىڭ تېمپېراتۇرىنى تەڭشەش رولىمۇ يوق، شۇنىڭ ئۈچۈن، ئۇنىڭدا كېچە - كۈندۈزنىڭ تېمپېراتۇرا پەرقى ناھايىتى چوڭ. ئۆلچەشلەرگە ئاساسلانغاندا، ئاي شارىنىڭ كۈن نۇرى چۈشكەن يۈزىدە تېمپېراتۇرا ئەڭ يۇقىرى بولغاندا127 سېلىسىيە گرادۇسقا يېتىدۇ، كېچىسى نۆلدىن تۆۋەن183 سېلىسىيە گرادۇسقا چۈشۈپ قالىدۇ، كېچە - كۈندۈزنىڭ تېمپېراتۇرا پەرقى300 سېلىسىيە گرادۇستىن يۇقىرى بولىدۇ. ئاي شارىنىڭ ماگنىت مەيدانى ناھايىتى ئاجىز بولغانلىقتىن، ھاياتلىققا زىيان يەتكۈزىدىغان ئۇلترا بىنەپشە نۇر بىلەن تېز سۈرئەتلىك زەرەتلىك زەررىچىلەر بىۋاسىتە ئايغا چىقىۋالىدۇ. بۇ خىل تەبىئىي شارائىتتا ئاي شارىدا ئەلۋەتتە ھاياتلىقنىڭ ئىزى بولمايدۇ.
ئاي يۈزىنى چوڭ - كىچىك ھالقىسىمان تاغلار قاپلاپ كەتكەن بولۇپ، شەكلى يەر شارىدىكى يانار تاغ ئېغىزلىرىغا ئوخشىشىپ كېتىدۇ. ھالقىسىمان تاغلارنىڭ ئېگىز - پەسلىكى، چوڭ - كىچىكلىكى ئوخشاش ئەمەس، ئەڭ چوڭىنىڭ دىئامېتىرى236 كىلومېتىر كېلىدۇ. دىئامېتىرى بىر كىلومېتىردىن ئاشىدىغان ھالقىسىمان تاغلاردىن جەمئىي30 مىڭدىن كۆپرەكى بار. ئادەتتە ھالقىسىمان تاغلارنىڭ كۆپىنچىسى مېتېئورىتلارنىڭ سوقۇلۇشىدىن ھاسىل بولغان بولۇشى ياكى يانار تاغلارنىڭ پارتلىشىدىن ھاسىل بولغان بولۇشى مۇمكىن دەپ قارىلىدۇ. ئاي شارىدا يەنە ئون نەچچە تۇتاش كەتكەن تاغ تىزمىلىرى بولۇپ، ئەڭ ئۇزۇن بولغىنى6400 كىلومېتىردىن ئاشىدۇ، ئەڭ ئېگىز تاغ چوققىسى9000 مېتىردىن ئاشىدۇ. بىز ئاددىي كۆز ئارقىلىق كۆرۈۋاتقان ئاي يۈزىدىكى قارا داغلار «ئاي دېڭىزى» دېيىلىدۇ، ئۇ ئاي شارىدىكى تۈزلەڭلىك ياكى ئويمانلىقتىن ئىبارەت.
ئاي شارىنىڭ ئۆز ئوقىدا ئايلىنىش دەۋرى بىلەن قۇياش ئەتراپىدا ئايلىنىش دەۋرى تەڭ، يەنى3 .27 كۈن، ئۇلارنىڭ ئايلىنىش يۆنىلىشىمۇ ئوخشاش بولىدۇ. شۇڭا، ئاي شارىدا كېچە بىلەن كۈندۈز يېرىم ئاي ئەتراپىدا بولىدۇ. ئەڭ قىزىقارلىق يېرى شۇكى، ئاي ھەمىشە يەر شارىغا ئۇدۇل قاراپ تۇرىدۇ.1969
- يىل7 - ئاينىڭ21 - كۈنى (بېيجىڭ ۋاقتى)، ئا ق ش ئالەم ئۇچقۇچىسى ئارمستروئىگ بىلەن ئالدىرىن ئولتۇرغان «ئاپوللو −11 - نومۇر» لۇق ئالەم كېمىسى75 سائەت50 مىنۇت ئۇچقاندىن كېيىن، ئاخىر تۇنجى بولۇپ ئايغا مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا قوندى، شۇنىڭدىن كېيىن، ئىنسانلارنىڭ ئالەم قاتنىشى تارىخىدىكى يېڭى سەھىپە ئېچىلدى. تۇنجى قېتىملىق ئايغا چىقىشنىڭ مۇۋەپپەقىيىتىدىن ئىنسانلار ئاينىڭ پەيدا بولۇشى، قۇرۇلمىسى ۋە ئۆزگىرىش جەريانى قاتارلىق جەھەتلەردە تېخىمۇ چوڭقۇر تونۇشقا ئىگە بولدى. كۆپ قېتىملىق تەكشۈرۈشلەر ئارقىلىق ئاي شارىنىڭ ماددىي قۇرۇلمىسى يەر شارىنىڭكى بىلەن ئوخشىشىپ كېتىدىغانلىقى، ئاي جىنسلىرى تەركىبىدە ئاليۇمىن، كالتسىي، سېلىتسىي، تىتان، ماگنىي، كالىي قاتارلىق66 خىل ئېلېمېنت بارلىقى، ئۇلار ئېچىپ پايدىلىنىش جەھەتتە يۇقىرى قىممەتكە ئىگە ئىكەنلىكى ئىسپاتلاندى.
ئالەم ئۇچقۇچىلىرى ئاي شارىدا تۇرۇپ كۆزەتكەندە، يەر شارى ئەڭ گۈزەل ئاسمان جىسىمى بولۇپ كۆرۈنگەن. يەر شارى كىشىگە ھۇزۇر بېرىدىغان داڭلىق بىر پارچە رەسىمگە ئوخشاش، ئاي ئاسمىنىدا ئاجايىپ كۆركەم كۆرۈنىدىكەن، يەنى، قوڭۇر رەڭلىك قۇرۇقلۇقلار، زۇمرەتتەك دېڭىز - ئوكيان جۇلالىنىپ تۇرىدىكەن، يەنە بەزىدە نەچچە پارچە چىرايلىق بۇلۇت ئۇنىڭ ئۈستىدە لەيلەپ تۇرىدىكەن. قىسقىسى، ئاي شارىنى ئېكسپېدىتسىيە قىلغۇچىلارنىڭ يەر شارىنى «بىپايان ئالەم بوشلۇقىدىكى ئەڭ گۈزەل باغۇبوستان ئىكەن» دەپ تەرىپلىشى ئەجەبلىنەرلىك ئەمەس