مېركۇرىي
قۇياش ئائىلىسى
مېركۇرىي قۇياش سىستېمىسىدىكى توققۇز چوڭ سەييارە ئىچىدە قۇياش بىلەن بولغان ئارىلىقى ئەڭ يېقىن سەييارىدۇر، ئۇنى يەر شارىنىڭ ئىنىسى دېيىشكىمۇ بولىدۇ، چۈنكى، دىئامېتىرى يەر شارى دىئامېتىرىنىڭ يېرىمىغىمۇ يەتمەيدۇ، توققۇز چوڭ سەييارىنى تىزغاندا، ئۇ كەينىدىن سانىغاندا ئىككىنچى ئورۇندا تۇرىدۇ. گەرچە ئۇ مېركۇرىي (星水) دەپ ئاتالغان بولسىمۇ، ئەمەلىيەتتە ئۇنىڭدا بىر تامچىمۇ سۇ يوق، ھەممە يېرى قاقاس، تىمتاس دۇنيادىن ئىبارەت. مېركۇرىيدا ئاتموسفېرا يوق، شۇڭا كېچە - كۈندۈزلۈك تېمپېراتۇرا پەرقى ناھايىتى زور بولىدۇ. قۇياش بىلەن بولغان ئارىلىقى يېقىن بولغانلىقتىن، كۈندۈزى كۈنگە قارىغان يۈزىنىڭ تېمپېراتۇرىسى500 نەچچە سېلىسىيە گرادۇسقا يېتىدۇ؛ قاراڭغۇ چۈشۈشى بىلەن تەڭ ئىسسىقلىق ناھايىتى تېز تارقىلىپ، يۈزىنىڭ تېمپېراتۇرىسى تۆۋەنلەپ، نۆلدىن تۆۋەن170 سېلىسىيە گرادۇس ئەتراپىغا چۈشۈپ قالىدۇ، دېمەك، كېچە - كۈندۈزلۈك تېمپېراتۇرا پەرقى600 سېلىسىيە گرادۇستىن ئاشىدۇ. بۇنداق مۇھىتتا، ھاياتلىقنىڭ ئىزناسىنى تېپىش ناھايىتى تەس.
مېركۇرىينىڭ قۇياش ئەتراپىدا ئايلىنىش سۈرئىتى ناھايىتى تېز بولۇپ، بىر قېتىم ئايلىنىش دەۋرى يەر شارىدىكى88 كۈنگە تەڭ بولىدۇ، بىراق، مېركۇرىينىڭ ئۆز ئوقىدا ئايلىنىش سۈرئىتى ناھايىتى ئاستا بولۇپ، ئۆز ئوقىدا بىر ئايلىنىش دەۋرى يەر شارىدىكى59 كۈنگە تەڭ بولىدۇ. مېركۇرىينىڭ قۇياش ئەتراپىدا ئايلىنىش يۆنىلىشى بىلەن ئۆز ئوقىدا ئايلىنىش يۆنىلىشى ئوخشاش بولىدۇ، شۇڭا، مېركۇرىيدىكى بىر كېچە - كۈندۈز مېركۇرىينىڭ ئۆز ئوقىدا بىر ئايلىنىشى ئۈچۈن كەتكەن ۋاقىتتىن خېلى ئۇزۇن بولىدۇ. ھېسابلاشلارغا ئاساسلانغاندا، مېركۇرىيدا بىر كېچە - كۈندۈز176 كۈن داۋاملىشىدىكەن، كۈندۈز بىلەن كېچىنىڭ ھەرقايسىسى تەخمىنەن88 كۈندىن بولىدىكەن. ئەگەر يەر شارىدىكى ئەھۋال بىلەن ئوخشىتىپ مېركۇرىينىڭ قۇياش ئەتراپىدا بىر ئايلىنىش دەۋرى مېركۇرىيدىكى «بىر يىل»، مېركۇرىينىڭ بىر كېچە - كۈندۈزى مېركۇرىيدىكى «بىر كۈن» بولىدۇ دېسەك، ئۇنداقتا مېركۇرىيدىكى «بىر كۈن» «ئىككى يىل» غا تەڭ بولىدىكەن.
مېركۇرىيدا بىر كېچە - كۈندۈز خېلى ئۇزاق بولغانلىقتىن، ئۇنىڭدا تۇرۇپ قۇياشقا قارىساق، قۇياش گويا ھەرىكەت قىلمىغاندەكلا كۆرۈنىدۇ. مېركۇرىينىڭ قۇياش ئەتراپىدا ئايلىنىش ئوربىتىسى سەل ياپىلاق (ئۇنىڭ قۇياشقا ئەڭ يېقىن بولغاندىكى ئارىلىقى46 مىليون كىلومېتىر، ئەڭ يىراق بولغاندىكى ئارىلىقى70 مىليون كىلومېتىر كېلىدۇ) بولغانلىقتىن، يەنە كېلىپ مېركۇرىيدىكى بىر «كۈندۈز» دەل ئۇنىڭ قۇياش ئەتراپىدا بىر ئايلىنىش دەۋرىگە تەڭ بولغانلىقتىن، مېركۇرىيدىكى بىر «كۈندۈز» دە ئاسماندا كۆرۈنىدىغان قۇياشنىڭ چوڭ - كىچىكلىك پەرقى ئۇنىڭ تەخمىنەن يېرىمىغا تەڭ بولىدۇ.
يەر شارىدا تۇرۇپ مېركۇرىيغا نەزەر سالساق، ئۇ قىزغۇچ كۆرۈنىدۇ، ۋېنېراغا قارىغاندا تۇتۇقراق كۆرۈنسىمۇ، يۇلتۇزلۇق ئاسماندا يەنىلا بىر يورۇق يۇلتۇز ھېسابلىنىدۇ. مېركۇرىي قۇياشقا ئەڭ يېقىن بولغانلىقتىن، نۇرلۇق قۇياش نۇرى دائىم مېركۇرىينىڭ گەۋدىسىنى توسۇۋالىدۇ، شۇڭا ئۇنى ئاددىي كۆز بىلەن كۆرۈش ناھايىتى تەس.1975 - يىل3 - ئاينىڭ16 - كۈنى ئا ق ش نىڭ ئالەم بوشلۇقىنى تەكشۈرۈش ئەسۋابى «ماتروس10 - نومۇر» مېركۇرىينىڭ سىرتقى يۈزىگە پەقەت320 كىلومېتىر كېلىدىغان جايغىچە ئۇچۇپ بېرىپ، مېركۇرىينىڭ نەچچە مىڭ پارچە سۈرىتىنى تارتقان. شۇ سۈرەتلەردىن مېركۇرىينىڭ سىرتقى يۈزى چوڭ - كىچىك ھالقىسىمان تاغلار، تۈزلەڭلىكلەر ۋە ئويمانلىقلار بىلەن تولغانلىقىنى، مېركۇرىينىڭ يەر شەكلى، يەر قىياپىتى ئاي شارىنىڭكى بىلەن ناھايىتى ئوخشىشىپ كېتىدىغانلىقىنى كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇ.