UyghurWiki
UyghurWikiقۇياش ئائىلىسىئۇران

ئۇران

قۇياش ئائىلىسى ئۇران ئىنسانلار قۇياش سىستېمىسىدىن تۇنجى بولۇپ بايقىغان يېڭى سەييارىدۇر. ئۇ بايقىلىشتىن بۇرۇن، كىشىلەر قۇياش سىستېمىسىدىكى مېركۇرىي، ۋېنېرا، يەر شارى، مارس، يۇپىتېر، ساتۇرن قاتارلىق ئالتە سەييارىنىلا بىلەتتى.1781 - يىل3 - ئاينىڭ13 - كۈنى كەچتە، تۇرغۇن يۇلتۇزلار ئاسترونومىيىسى پېشۋاسى − ھېرشېل ئۆزى ياسىغان تېلېسكوپ ئارقىلىق ئۇراننى بايقىدى. بۇ بايقاش ئارقىلىق قۇياش سىستېمىسى ساتۇرننى پاسىل دائىرىسى قىلىدۇ، دېگەن قاراش تۇنجى قېتىم بۇزۇپ تاشلاندى، بۇ بايقاش ئاسترونومىيىدە ناھايىتى چوڭ ئەھمىيەتكە ئىگە بولدى. ئۇرانمۇ بىر چوڭ سەييارە، دىئامېتىرى يەر شارى دىئامېتىرىنىڭ تۆت ھەسسىسىگە يېقىنلىشىدۇ، ھەجىمى يەر شارى ھەجىمىنىڭ60 نەچچە ھەسسىسىگە توغرا كېلىدۇ. ئۇراننىڭ قۇياش ئەتراپىدا ئايلىنىش دەۋرى84 يىل بولغاچقا، ئۇنىڭ يۇلتۇز تۈركۈملىرى ئارىسىدىكى ئورنىنىڭ ئۆزگىرىشى ئىنتايىن ئاستا بولىدۇ. ئۇراننىڭ قۇياش بىلەن بولغان ئوتتۇرىچە ئارىلىقى تەخمىنەن2 مىليارد864 مىليون كىلومېتىر، بۇ، يەر شارى بىلەن قۇياش ئارىلىقىنىڭ تەخمىنەن19 ھەسسىسىگە توغرا كېلىدۇ. ئۇنىڭ قۇياش بىلەن بولغان ئارىلىقى ئىنتايىن يىراق بولغاچقا، قۇياشتىن ئالىدىغان ئىسسىقلىقىمۇ ئاز بولىدۇ. ھېسابلاشلارغا ئاساسلانغاندا، ئۇران سىرتقى يۈزىنىڭ تېمپېراتۇرىسى200 - سېلىسىيە گرادۇستىنمۇ تۆۋەن ئىكەن. ئۇراننىڭ ئۆز ئوقىدا ئايلىنىش دەۋرى5 .15 سائەت، لېكىن ئۇنىڭ ئۆز ئوقىدا ئايلىنىش ھەرىكىتى ئىنتايىن غەلىتە. ئەگەر ئۇنىڭ ئۆز ئوقىدا ئايلىنىش ئوقىنى ئۇنىڭ «گەۋدە» سىنىڭ يۆنىلىشى، دەپ قارىساق، ئۇ تىك ھالەتتە ئايلانماستىن، بەلكى ياتقان ھالەتتە ئۆز ئوقىدا ئايلىنىدۇ. شۇڭا، ئۇ84 يىلدا قۇياش ئەتراپىنى بىر ئايلىنىش جەريانىدا، بەزىدە «باش» تەرىپى قۇياشقا يۈزلەنسە، بەزىدە «پۇت» تەرىپى قۇياشقا يۈزلىنىدۇ. بۇ خىل ئۆز ئوقىدا غەلىتە ئايلىنىش ھەرىكىتى، ئۇراندىكى «تۆت پەسىل» نىڭ ئۆزگىرىشىنى ناھايىتى بىنورمال قىلغان. «ياز پەسلى» ۋە «قىش پەسلى» دە ئۇراننىڭ ئۆز ئوقىدا ئايلىنىش ئوقى قۇياشقا قاراپ تۇرىدۇ، بۇ ۋاقىتتا كۈنگەي تەرەپ ئۇزاق مەزگىل قۇياش نۇرىنى قوبۇل قىلىدۇ، ھەر كۈنى كۈندۈز بولىدۇ، تېمپېراتۇرىسىمۇ نىسبەتەن يۇقىرى بولىدۇ؛ تەسكەي تەرەپتە بىرنەچچە يىل ھەر كۈنى كېچە بولىدۇ، تېمپېراتۇرىسىمۇ نىسبەتەن تۆۋەن بولىدۇ. «ئەتىياز پەسلى» ۋە «كۈز پەسلى» دە ئۇراندا كېچە ۋە كۈندۈز ئايرىلغان بولىدۇ. ئەمما ئىككى قۇتۇپقا يېقىنلاشقانسېرى كېچە - كۈندۈزنىڭ ئۆزگىرىش ۋاقتى قىسقىراپ بارىدۇ. ئۇراننىڭ جەمئىي15 دانە ھەمراھىنىڭ بارلىقى خېلى بۇرۇنلا بايقالدى، بۇنىڭ ئىچىدىكى تىتانىيە بىلەن ئوبېروننى ھېرشېل1786 - يىلى بايقىغان، ئۇرانغا ئەڭ يېقىن بولغان مىراندانى بولسا ئاسترونوملار1948 - يىلىغا كەلگەندە ئاندىن بايقىغان. ئىلگىرى كىشىلەر ساتۇرننىڭ بىر چىرايلىق نۇر ھالقىسى بارلىقىنى بىلەتتى.1977 - يىلى3 - ئايدا، ئۇران بىر دانە تۇرغۇن يۇلتۇزنى يوقىتىۋەتكەن (يەنى تۇرغۇن يۇلتۇزنىڭ نۇرىنى توسۇۋالغان)، بۇ ئىنتايىن ئاز ئۇچرايدىغان ھادىسە، ئاسترونوملار پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ، ئۇراننىڭ ئەتراپىدا ساتۇرننىڭكىگە ئوخشاپ كېتىدىغان بىر چىرايلىق نۇر ھالقىسىنىڭ بارلىقىنى، بۇ نۇر ھالقىسى چوڭ - كىچىك توققۇز تال نۇر بەلۋېغىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغانلىقىنى بايقىدى. كېيىن يۇپىتېرنىڭمۇ، نېپتۇننىڭمۇ نۇر ھالقىسى بارلىقىنى بايقىدى. ئەھۋالدىن قارىغاندا، سەييارىلەر ھالقىسى چوڭراق سەييارىلەردە بولىدىغان ئورتاق ئالاھىدىلىك ئىكەن.
← بارلىق تېمىلار قۇياش ئائىلىسى