UyghurWiki
UyghurWikiقۇياش ئائىلىسىتوققۇز چوڭ سەييارە

توققۇز چوڭ سەييارە

قۇياش ئائىلىسى توققۇز چوڭ سەييارە ئۆزىنىڭ ئوربىتىسىدا قۇياشنى چۆرىدەپ ئۆز ئالدىغا ئۈزلۈكسىز ھەرىكەت قىلىپ تۇرىدۇ، ئۇلارنىڭ ئوربىتىسىنىڭ چوڭ - كىچىكلىكى، ھەرىكەت سۈرئىتى ۋە دەۋرى ئوخشاش بولمايدۇ، ئادەتتە ئۇلار قۇياش سىستېمىسىدىكى ئوخشاش بولمىغان رايونلارغا تارقالغان. لېكىن بەلگىلىك ۋاقىت ئۆتكەندىن كېيىن، توققۇز چوڭ سەييارە بىرلا ۋاقىتتا قۇياشنىڭ بىر تەرىپىدىكى بۇلۇڭ گرادۇسى چوڭ بولمىغان بىر سېكتور شەكىللىك رايونغا يىغىلىدۇ، كىشىلەر بۇ خىل ھادىسىنى «تىزىلما» دەپ ئاتىغان. ئادەتتە يۇلتۇزلارنىڭ سانى قانچە كۆپ بولسا، يىغىلىش ياكى تىزىلىش پۇرسىتى شۇنچە ئاز بولىدۇ. توققۇز چوڭ سەييارىنىڭ تىزىلما بولۇشى ئاز كۆرۈلىدىغان ئالەم ھادىسىسىدۇر. توققۇز چوڭ سەييارىنىڭ تىزىلما بولۇشى تېخى1982 - يىلى بىر قېتىم يۈز بەرگەن، ئالدىنقى قېتىمدىكىسى1803 - يىلى كۆرۈلگەن بولۇپ، ئارىدا جەمئىي179 يىل ئۆتكەن. ھېسابلاشلارغا ئاساسلانغاندا، يەنە375 يىلدىن كېيىن، يەنى2357 - يىلىغا بارغاندا توققۇز چوڭ سەييارىنىڭ كېيىنكى قېتىملىق تىزىلما بولۇش ھادىسىسى يەنە بىر قېتىم يۈز بېرىدىكەن. شۇڭا، توققۇز چوڭ سەييارىنىڭ1982 - يىلىدىكى تىزىلما بولۇشى، ئىنسانلار ئۈچۈن تۇنجى قېتىم كۆرگەن، ئاز ئۇچرايدىغان ئالەم ھادىسىسى بولۇپ قالدى ھەم ئالىملار ئۈچۈن قۇياش سىستېمىسىنىڭ ئايلىنىشى، شۇنىڭدەك ئۆزئارا تەسىرلەرنى تەتقىق قىلىشنىڭ بىر قېتىملىق ياخشى پۇرسىتى بولۇپ قالدى. ئىلگىرى بەزى كىشىلەر توققۇز چوڭ سەييارىنىڭ تىزىلما بولۇش ھادىسىسىگە قارىتا خاتا چۈشەنچىدە بولغانىدى، شۇڭا،1982 - يىلىدىن ئىلگىرىكى گېزىت - ژۇرناللاردا «1982 - يىلى قۇياش سىستېمىسىدىكى توققۇز چوڭ سەييارىنىڭ ھەممىسى قۇياشنىڭ بىر تەرىپىدە سەپ تۈزۈپ تىزىلىدۇ، بۇ ھال سەپ تۈزگەن قاراۋۇللارنىڭ ئاسماندا پاراتتىن ئۆتۈۋاتقىنىغا بەكمۇ ئوخشايدۇ» دەپ خەۋەرلەر بېرىلگەنىدى. ئەمەلىيەتتە1982 - يىلىنىڭ ھەرقانداق بىر كۈنىدە، توققۇز چوڭ سەييارە تىزىلىپ سەپ ھاسىل قىلغان ئەمەس، پەقەت بۇلۇڭ گرادۇسى چوڭ بولمىغان سېكتورلۇق رايوندا ئىككى قېتىملىق يىغىلىش ھادىسىسىلا كۆرۈلگەن. توققۇز چوڭ سەييارىنىڭ بىرىنچى قېتىملىق يىغىلىش ھادىسىسى3 - ئاينىڭ10 - كۈنى بۇلۇڭ گرادۇسى °69 لۇق سېكتورلۇق رايوندا كۆرۈلگەن. ئىككىنچى قېتىملىق يىغىلىش ھادىسىسى5 - ئاينىڭ16 - كۈنى بۇلۇڭ گرادۇسى °401 لۇق سېكتورلۇق رايوندا يۈز بەرگەن. ئىلگىرى بەزى كىشىلەر توققۇز چوڭ سەييارىنىڭ تىزىلما بولۇشى يەر شارىغا قارىتا تارتىشىش كۈچىنى كەسكىنلەشتۈرۈۋېتىدۇ، شۇ ۋەجىدىن يەر تەۋرەيدۇ، كەلكۈن ئاپەتلىرى يۈز بېرىدۇ، دەپ قاراپ كەلگەنىدى. ئۆلچەش ۋە ھېسابلاشلارغا ئاساسلانغاندا، توققۇز چوڭ سەييارىنىڭ يەر شارىغا نىسبەتەن تارتىشىش كۈچىنىڭ يىغىندىسى قۇياشنىڭ تارتىشىش كۈچىنىڭ100000 /5 ئۈلۈشىگە توغرا كەلگەچكە، يەر شارىغا ھېچقانداق ئاپەت خاراكتېرلىك ئاقىۋەت ئېلىپ كەلمەيدىكەن. مىلادىيىدىن ئىلگىرىكى780 - يىلىدىن بۇيان ئىنسانلار توققۇز چوڭ سەييارىنىڭ15 قېتىملىق تىزىلما بولۇشىنى بېشىدىن ئۆتكۈزگەن بولسىمۇ، يەر شارىدا ھېچقانداق «بۇزغۇنچىلىق خاراكتېرلىك» ھادىسىلەر بولغىنى يوق، بۇ ھادىسە بىلەن يەر تەۋرەشنىڭمۇ ھېچقانداق ماسلىق مۇناسىۋىتى يوق. بىراق، ئاسترونومىيىلىك كۆزىتىشلەر توققۇز چوڭ سەييارىنىڭ تىزىلما بولۇشى قۇياش پائالىيىتىگە تەسىر پەيدا قىلىدىغانلىقىنى ئىسپاتلىدى. مەسىلەن،1982 - يىلى توققۇز چوڭ سەييارە تىزىلما بولغاندا قۇياش داغلىرىنى كۆپىيىپ، قۇياش پائالىيىتىنى كەسكىنلىشىپ، قۇياش بورىنى كۈچەيگەن.
← بارلىق تېمىلار قۇياش ئائىلىسى
توققۇز چوڭ سەييارە | UyghurWiki | UyghurWiki