دېھقانلار كالېندارى
قۇياش ئائىلىسى
نەچچە مىڭ يىلدىن بۇيان، بىزنىڭ ئەجدادلىرىمىز ئۇزاق مۇددەتلىك ئىشلەپچىقىرىش، ئىلمىي تەجرىبە ۋە ئەمەلىيەت بىلەن شۇغۇللىنىش ئارقىلىق، بىر يۈرۈش ئالاھىدە كالېندارنى تەدرىجىي يوسۇندا ئىجاد قىلدى ۋە مۇكەممەللەشتۈردى، ئەل ئىچىدە بۇ خىل كالېندار دېھقانلار كالېندارى، يازلىق كالېندار، ئاي كالېندارى دەپ ئاتالدى، ئەمەلىيەتتە بۇنداق ئاتاشلارنىڭ ھەممىسىنى توغرا ئاتاش دەپ كەتكىلى بولمايدۇ، بولۇپمۇ «ئاي كالېندارى» دەپ ئاتىغاندا، تامامەن خاتا بولىدۇ. ئادەتتە «دېھقانلار كالېندارى» دەپ ئاتاش زۆرۈر.
دېھقانلار كالېندارى ئادەتتە ئاي - قۇياش كالېندارى،24 مەۋسۇم، بۇرج ۋە مۈچەل دەۋرىدىن ئىبارەت ئۈچ قىسىمدىن تەركىب تاپقان.
بىرىنچى، دېھقانلار كالېندارىدا ئايلار بىلەن كۈنلەر ئاي - قۇياش كالېندارىنىڭ بەلگىلىمىسى بويىچە ئورۇنلاشتۇرۇلغان. ھازىر بېسىپ تارقىتىلىۋاتقان كالېندارلاردا، مىلادىيە چېسلاسىنىڭ يېنىدا ئومۇمەن دېھقانلار كالېندارى بويىچە ئاي - قۇياش كالېندارىنىڭ چېسلاسى ئەسكەرتىلگەن بولىدۇ. دېھقانلار كالېندارىدا ھەربىر ئاي29 كۈن ياكى30 كۈن بولىدۇ، يەنە كېلىپ كۈنلەر ھەمىشە ئاي فازىسىنى ئەكس ئەتتۈرىدۇ، مەسىلەن، ئاينىڭ8 - كۈنى ئاي فازىسىنىڭ دەسلەپكى چارەك ھالىتىنى ئەكس ئەتتۈرىدۇ، ئاينىڭ15 -،16 - كۈنلىرى ئاي فازىسىنىڭ تولۇن ھالىتىنى ئەكس ئەتتۈرىدۇ. دېھقانلار كالېندارىدا ھەربىر يىل12 ئاي ياكى13 ئاي بولىدۇ (كېيىنكىسى كەبىسە ئاينى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) ھەمدە ھەر19 يىل داۋامىدا، چوڭ جەھەتتىن7 كەبىسە ئاي كېلىدىغان چوڭ يىل ئورۇنلاشتۇرۇلۇش ئارقىلىق دېھقانلار كالېندارىنىڭ ئوتتۇرىچە ئۇزاقلىقى بىلەن مىلادىيە يىلى ياكى تروپىك يىلىنى تەڭلەشتۈرۈش كاپالەتلەندۈرۈلىدۇ. بۇلار دەل ئاي - قۇياش كالېندارىنىڭ ئاساسىي ئالاھىدىلىكىدۇر.24
مەۋسۇم دېھقانلار كالېندارىنىڭ ئىككىنچى تەركىبىي قىسمىدۇر.24 مەۋسۇم تروپىك يىلىنى دەۋر قىلىپ تەكرار ئايلىنىپ، پەسىللەرنىڭ ئۆزگىرىشىنى ئەكس ئەتتۈرىدۇ، شۇڭا ئۇ پۈتۈنلەي قۇياش كالېندارىنىڭ خاراكتېرىنى ئالغان بولىدۇ. ھازىر جۇڭگودا ئىشلىتىلىۋاتقان كالېندارلارنىڭ ھەممىسىدە دېگۈدەك24 مەۋسۇم قايسى كۈنگە ئۇدۇل كېلىدىغانلىقى ئەسكەرتىلگەن، بەزى كالېندارلاردا يەنە مەۋسۇملار پەيدا بولىدىغان پەيتلەرمۇ ئەسكەرتىپ قويۇلغان.
شۇنى چۈشەندۈرۈش زۆرۈركى، ئاي - قۇياش كالېندارى بىلەن24 مەۋسۇم جۇڭگو كالېندارىدا تەڭ قاتاردا تىزىلىپلا قالماستىن، بەلكى يەنە بىر - بىرى بىلەن باغلىنىشچان مۇناسىۋەتتە ئىپادىلىنىدۇ. مەسىلەن،24 مەۋسۇم ئارىسىدا قوش سان بىلەن كېلىدىغان مەۋسۇم (باش باھار بىرىنچى مەۋسۇم بولۇپ كېلىدۇ) ئادەتتە «ئوتتۇرا مەۋسۇم» دەپ ئاتىلىدۇ، دېھقانلار كالېندارىدا ئايلار ئاشۇ ئوتتۇرا مەۋسۇمدىن باشلاپ ئورۇنلاشتۇرۇلىدۇ. مەسىلەن، دېھقانلار كالېندارىدا «ئەگىز سۈيى» (ئىككىنچى مەۋسۇم) ئۇدۇل كېلىدىغان ئاي جەزمەن1 - ئاي بولىدۇ. «ئەتىيازلىق كۈن - تۈن تەڭلىشىش» (تۆتىنچى مەۋسۇم) ئۇدۇل كېلىدىغان ئاي جەزمەن2 - ئاي بولىدۇ، مۇشۇ تەرتىپ بويىچە تۆۋەندىكى جەدۋەلدە كۆرسىتىلگەندەك داۋاملاشتۇرۇپ ئورۇنلاشتۇرۇلىدۇ. كالېنداردىن يەنە شۇنى بايقاش مۇمكىنكى، ئوتتۇرا مەۋسۇمغا تاسادىپىي ئۇدۇل كېلەلمىگەن ئايلار جەزمەن كەبىسە ئاي بولىدۇ.
دېھقانلار كالېندارىنىڭ ئۈچىنچى تەركىبىي قىسمى بولسا بۇرج بىلەن مۈچەل ئارقىلىق ۋاقىت ھېسابلاش تۈزۈمى، يەنى بۇنىڭدا بۇرج بىلەن مۈچەلنىڭ60 دانە «جۈپ» ى (جيازى، يىچۇ ۋە باشقىلار) ئارقىلىق يىل، ئاي، كۈنلەر ھېسابلاپ چىقىلىدۇ. بۇرج بىلەن مۈچەل ئارقىلىق ۋاقىت ھېسابلاش تۈزۈمى جۇڭگونىڭ ئەنئەنىۋى كالېندارچىلىقىدىمۇ ئالاھىدە مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.