UyghurWiki
UyghurWikiقۇياش ئائىلىسىتەڭ ۋېنېرا

تەڭ ۋېنېرا

قۇياش ئائىلىسى تاڭ يورۇشنىڭ ئالدى - كەينىدە، شەرق تەرەپ سۈزۈلۈشكە باشلىغان ئاسماندا، بەزىدە ناھايىتى يورۇق بىر «تاڭ يۇلتۇزى» پەيدا بولىدۇ، كىشىلەر ئۇنى «چولپان يۇلتۇز» دەپ ئاتايدۇ؛ گۇگۇم چۈشكەندە، غەرب ئاسمىنىدا ناھايىتى يورۇق يەنە بىر «گۇگۇم يۇلتۇزى» پەيدا بولىدۇ، كىشىلەر ئۇنى »زۆھرە يۇلتۇز« دەپ ئاتايدۇ. بۇ ئىككى يۇلتۇز ئەمەلىيەتتە ئوخشاش بىر يۇلتۇز بولۇپ، ۋېنېرانى كۆرسىتىدۇ. ۋېنېرا ئاسماندىكى قۇياش ۋە ئايدىن قالسىلا ئەڭ يورۇق يۇلتۇز ھېسابلىنىدۇ، شۇڭا كىشىلەر ئۇنى «زۆھرە يۇلتۇز» دەپ ئاتايدۇ. نېمە ئۈچۈن ۋېنېرا بەزىدە تاڭ ئېتىشتىن ئىلگىرى شەرق تەرەپتە، بەزىدە گۇگۇم چۈشكەندىن كېيىن غەرب تەرەپتە پەيدا بولىدۇ؟ ئەسلىدە ۋېنېرا يەر شارى ئوربىتىسى ئىچىدىكى تۇرغۇن سەييارە بولۇپ، يەر شارىدا تۇرۇپ قارىغاندا، ئۇ ھەمىشە قۇياشنىڭ ئىككى تەرىپىدە ئۇياقتىن - بۇياققا ئايلىنىپ يۈرىدۇ. ئۇ ئايلىنىپ قۇياشنىڭ غەربىگە كەلگەندە قۇياش چىقىشتىن بۇرۇن شەرقتىن كۆتۈرۈلىدۇ، بۇ ۋاقىتتا ئۇ چولپان يۇلتۇز بولىدۇ؛ ئايلىنىپ قۇياشنىڭ شەرق تەرىپىگە كەلگەن ۋاقىتتا، قۇياش پاتقاندىن كېيىن غەرب ئاسمىنىدا پەيدا بولىدۇ. بۇ ۋاقىتتا ئۇ زۆھرە يۇلتۇز بولىدۇ. شۇنىڭدىن كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، چولپان يۇلتۇز بىلەن زۆھرە يۇلتۇزنىڭ ھەم كېچىدە پەيدا بولۇشىنى، ھەم ئىككىسىنى بىر كۈندە كۆرۈش مۇمكىن ئەمەس. يەر شارىنىڭ ۋاقتى بويىچە ھېسابلىغاندا، ۋېنېرانىڭ قۇياشنى بىر قېتىم ئايلىنىپ چىقىشى ئۈچۈن225 كۈن، ئۆز ئوقىدا بىر ئايلىنىپ چىقىشى ئۈچۈن243 كۈن كېتىدۇ. ئۇنىڭ ئۆز ئوقىدا ئايلىنىش يۆنىلىشى بىلەن قۇياش ئەتراپىدا ئايلىنىش يۆنىلىشى قارىمۇقارشى بولغاچقا، ئۆز ئوقىدا تەتۈر ئايلىنىدۇ، شۇڭا، ۋېنېرادا تۇرۇپ قارىغاندا قۇياش غەربتىن كۆتۈرۈلۈپ، شەرققە پاتىدۇ. ۋېنېرا ئۆز ئوقىدا تەتۈر ئايلانغاچقا، ۋېنېرادىكى بىر كېچە - كۈندۈز ئۇنىڭ ئۆز ئوقىدا ئايلىنىپ چىقىشى ئۈچۈن كەتكەن ۋاقىتتىن خېلىلا ئاز بولىدۇ. ھېسابلاشلارغا قارىغاندا، ۋېنېرادىكى بىر كېچە - كۈندۈز117 كۈن بولۇپ، كۈندۈز ۋە كېچىنىڭ ھەرقايسىسى59 كۈن ئەتراپىدا بولىدۇ. ۋېنېرادىكى «بىر يىل» تەخمىنەن يەر شارىدىكى «ئىككى كۈن» گە تەڭ بولىدۇ. ۋېنېرانىڭ ھەجىمى ۋە ماسسىسى يەر شارىنىڭكى بىلەن ئوخشىشىپ كېتىدۇ. ئۇنىڭمۇ ئاتموسفېرا قەۋىتى بار بولۇپ، قۇياش نۇرىنى قايتۇرۇش ئارقىلىق يورۇقلۇق تارقىتىدۇ. ئىلگىرى كىشىلەر ۋېنېرانى يەر شارى بىلەن «قوشكېزەك ئاچا - سىڭىل»، ئۇنىڭدىمۇ ھاياتلىق مەۋجۇت دەپ قاراپ كەلگەنىدى.1961 - يىلىدىن بۇيان، سوۋېت ئىتتىپاقى ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ ۋېنېراغا14 دانە سەييارە تەكشۈرۈش ئەسۋابى قويۇپ بېرىپ، ۋېنېرانىڭ ئاتموسفېرا قاتلىمىدا بىر قەۋەت ھەم ئىسسىق، ھەم قويۇق، ھەم قېلىن كىسلاتالىق يامغۇر ۋە كىسلاتالىق تۇمان قەۋىتىنىڭ بارلىقىنى ئىسپاتلاپ چىقتى. ئۇنىڭ ئاتموسفېراسىنىڭ ئاساسىي تەركىبى كاربون (Ⅳ) ئوكسىدى بولۇپ، %97 نى ئىگىلىگەن، ئارگون ۋە نېئون قاتارلىقلارنىڭ مىقدارى يەر شارىنىڭكىدىن خېلىلا كۆپ بولغان؛ ۋېنېرانىڭ سىرتقى يۈزىدىكى ئاتموسفېرا بېسىمى90 بولۇپ، ئۇ، يەر شارىدىكى دېڭىز - ئوكياننىڭ900 مېتىر چوڭقۇرلۇقتىكى بېسىمىغا توغرا كېلىدۇ. ۋېنېرانىڭ ئاتموسفېرا قاتلىمىدا دۇنياۋى خاراكتېرلىك «چوڭ پارنىك ئېففېكتى» شەكىللەنگەن. يۈزىنىڭ تېمپېراتۇرىسى480 سېلىتسىيە گرادۇستىن يۇقىرى بولغان. ناھايىتى ئېنىقكى، بۇنداق مۇھىتتا ھاياتلىقنىڭ مەۋجۇت بولۇشى مۇمكىن ئەمەس.
← بارلىق تېمىلار قۇياش ئائىلىسى