دېڭىز تاشقىنى
قۇياش ئائىلىسى
دېڭىز ياقىسىدا ياشاۋاتقان كىشىلەر دېڭىز سۈيىنىڭ ھەربىر سوتكىدا ئىككى قېتىم يۇقىرى كۆتۈرۈلۈپ، ئىككى قېتىم پەسىيىدىغانلىقىنى بىلىدۇ. كىشىلەر ھەر قېتىم كۈندۈزى يۈز بېرىدىغان دېڭىز سۈيىنىڭ يۇقىرى كۆتۈرۈلۈشىنى «دېڭىز سۈيىنىڭ كۆتۈرۈلۈشى»، كېچىسى يۈز بېرىدىغان دېڭىز سۈيىنىڭ يۇقىرى كۆتۈرۈلۈشىنى «دېڭىز سۈيىنىڭ پەسىيىشى»، ئۇلارنى بىرلەشتۈرۈپ «تاشقىن» ياكى «دېڭىز سۈيىنىڭ كۆتۈرۈلۈش - پەسىيىشى» دەپ ئاتايدۇ.
بۇنىڭدىن خېلى بۇرۇن، شەرقىي خەن سۇلالىسى دەۋرىدە ياشىغان پەيلاسوپ ۋاڭ چۇڭ دېڭىز سۈيىنىڭ كۆتۈرۈلۈش - پەسىيىش ھادىسىسى ئاي بىلەن ئىنتايىن زىچ مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ ئۆتكەن، ئۇ «دېڭىز دولقۇنى ئايغا ئەگىشىپ ئەۋج ئالىدۇ ۋە ئاجىزلىشىدۇ» دېگەن. بىراق، قەدىمكىلەر بۇنىڭ قانۇنىيىتىنى بىلمەي كەلگەنىدى. نيۇتون ئالەملىك تارتىشىش كۈچى قانۇنىنى بايقىغاندىن كېيىنلا، دېڭىز سۈيىنىڭ كۆتۈرۈلۈش - پەسىيىشىنىڭ سەۋەبىنى تېپىپ چىقتى.
ئالەملىك تارتىشىش كۈچى قانۇنى بىزگە: ئىككى جىسىم ئوتتۇرىسىدىكى ئارىلىق قانچە يىراق بولسا، تارتىشىش كۈچىنىڭ شۇنچە كىچىك بولىدىغانلىقىنى، ئارىلىق قانچە يېقىن بولسا، تارتىشىش كۈچىنىڭ شۇنچە چوڭ بولىدىغانلىقىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ. يۇقىرىقى رەسىمدىن (چۈشىنىشكە ئاسان بولسۇن ئۈچۈن، بىز يەر شارىنىڭ سىرتقى يۈزىنى دېڭىز دەپ پەرەز قىلىمىز) يەر شارىنىڭ ئايغا قاراپ تۇرغان Aنۇقتىسى ئاي شارىنىڭ ئەڭ چوڭ تارتىشىش كۈچىگە ئۇچرايدىغانلىقىنى، دېڭىز سۈيى كۆتۈرۈلۈپ چىقسا ئېگىز تاشقىن پەيدا بولىدىغانلىقىنى، يەر شارىنىڭ ئايغا تەتۈر تۇرغان B نۇقتىسى ئاي شارىنىڭ ئەڭ كىچىك تارتىش كۈچىگە ئۇچرايدىغانلىقىنى، دېڭىز سۈيى يەر شارى سىرتقى يۈزىدىن يىراقلىشىش يۈزلىنىشىدە بولسىمۇ، يەنىلا ئېگىز تاشقىن پەيدا بولىدىغانلىقىنى، C، D دىن ئىبارەت ئىككى نۇقتىدا سۇ ئورنىنىڭ بىرقەدەر تۆۋەن بولۇشى سەۋەبلىك پەس تاشقىن پەيدا بولىدىغانلىقىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ. يەر شارى ئۆز ئوقىدا توختىماي ئايلىنىدۇ، شۇڭا، بىر سوتكا ئىچىدە دېڭىز يۈزىنىڭ ھەربىر قىسمى A، B، C، D دىن ئىبارەت تۆت نۇقتىدىن ئۆتىدۇ. شۇنداق قىلىپ ئىككى قېتىم تاشقىن ئۆرلەش، ئىككى قېتىم تاشقىن پەسىيىش ھادىسىسى پەيدا بولىدۇ.
ئاي شارىنىڭ تارتىش كۈچى تەسىرىدىن پەيدا بولغان دېڭىز سۈيىنىڭ كۆتۈرۈلۈش - پەسىيىشى ئاي شارىنىڭ تەسىرىدىن پەيدا بولغان دېڭىز سۈيىنىڭ كۆتۈرۈلۈش - پەسىيىشى ياكى ئاي (قەمەر) تاشقىنى دەپ ئاتىلىدۇ. ئاي شارىدىن باشقا ئاسمان جىسىملىرىنىڭ يەر شارىنى تارتىش كۈچىمۇ دېڭىز سۈيىنىڭ كۆتۈرۈلۈش - پەسىيىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن، بۇنىڭ ئىچىدە قۇياشنىڭ تارتىش كۈچى تەسىرىدىن پەيدا بولغان دېڭىز سۈيىنىڭ كۆتۈرۈلۈش - پەسىيىشى قۇياشنىڭ تەسىرىدىن پەيدا بولغان دېڭىز سۈيىنىڭ كۆتۈرۈلۈش - پەسىيىشى ياكى قۇياش تاشقىنى دەپ ئاتىلىدۇ. قۇياشنىڭ يەر شارى بىلەن بولغان ئارىلىقى ئاي شارى بىلەن بولغان ئارىلىقىدىن كۆپ يىراق بولغانلىقى ئۈچۈن، قۇياشنىڭ تەسىرىدىن پەيدا بولىدىغان تاشقىننىڭ تەسىر كۈچى بىرقەدەر كىچىك بولۇپ، ئاينىڭ تەسىرىدىن پەيدا بولىدىغان تاشقىننىڭ تەسىر كۈچىنىڭ ئاران5 /2 سىگە توغرا كېلىدۇ، شۇڭا روشەن ئىپادىلەنمەيدۇ. بىراق، قۇياشنىڭ تەسىرىدىن پەيدا بولغان تاشقىننىڭ ئاينىڭ تەسىرىدىن پەيدا بولغان تاشقىنغا كۆرسىتىدىغان قاتلانما تەسىرىگە سەل قاراشقا بولمايدۇ؛ ئاي شارى تولۇن ئاي ياكى يېڭى ئاي ئورنىدا تۇرغاندا، ئاي شارى بىلەن قۇياشنىڭ تەسىرىدىن پەيدا بولىدىغان يەر شارىدىكى دېڭىز سۈيىنىڭ كۆتۈرۈلۈش - پەسىيىش يۆنىلىشى ئوخشاش بولىدۇ، دېڭىز سۈيىدە قۇياشنىڭ تارتىش كۈچى تەسىرىدىن پەيدا بولىدىغان كۆتۈرۈلۈش بىلەن ئاينىڭ تارتىش كۈچى تەسىرىدىن پەيدا بولىدىغان كۆتۈرۈلۈش ئۆزئارا قوشۇلىدىغان بولغاچقا، دېڭىز سۈيىنىڭ كۆتۈرۈلۈش - پەسىيىش ئامپلىتۇدىسى ئەڭ چوڭ بولىدۇ، بۇ «چوڭ تاشقىن» دەپ ئاتىلىدۇ. ئاي شارى دەسلەپكى چارەك ۋە كېيىنكى چارەك ئورنىدا تۇرغاندا، قۇياش ۋە ئاي شارىدىن پەيدا بولغان يەر شارىدىكى تاشقىن °90 لۇق بۇلۇڭ ھاسىل قىلىدۇ. قۇياشنىڭ تارتىش كۈچى تەسىرىدىن پەيدا بولغان تاشقىن ئاي شارىنىڭ تارتىش كۈچى تەسىرىدىن پەيدا بولغان تاشقىنغا نىسبەتەن ئاجىزلىتىش رولىنى ئوينايدۇ، يەنى ئاي شارى تاشقىننىڭ ئۆرلەش ھادىسىسىنى، قۇياش بولسا تاشقىننىڭ پەسىيىش ھادىسىسىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، بۇ ۋاقىتتىكى تاشقىن ئەڭ كىچىك بولۇپ، «كىچىك تاشقىن» دەپ ئاتىلىدۇ. بۇنىڭدىن، بىر قەمەرىيە ئېيىدا ئىككى قېتىم چوڭ تاشقىن ۋە ئىككى قېتىم كىچىك تاشقىن پەيدا بولىدىغانلىقىنى كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇ.
تاشقىننىڭ ئۆرلەش ۋە پەسىيىش ھادىسىسى مۇقەررەر ھالدا دېڭىز سۈيىنىڭ دەۋرىيلىك ئېقىمى بىلەن بىللە بولىدۇ (بۇ تاشقىن ئېقىمى دەپ ئاتىلىدۇ). شۇنىڭ بىلەن، دېڭىز سۈيىنىڭ ئىچكى قىسمىدا ھەمدە دېڭىز سۈيى بىلەن دېڭىز تېگى ئوتتۇرىسىدا بىر خىل سۈركىلىش پەيدا بولىدۇ. بۇ «تاشقىننىڭ سۈركىلىشى» دەپ ئاتىلىدۇ. تاشقىننىڭ سۈركىلىشى پەيدا قىلغان توسقۇنلۇق كۈچ يەر شارىنىڭ ئۆز ئوقىدا ئايلىنىش سۈرئىتىنى ئاستىلىتىپلا قالماستىن، يەنە ئاي شارىنىڭ يەر شارى ئەتراپىدا ئايلىنىش سۈرئىتىنىمۇ تەدرىجىي ئاستىلىتىۋېتىدۇ. تەتقىقاتلار ئارقىلىق، يەر شارىنىڭ ئۆز ئوقىدا ئايلىنىش دەۋرى ھەربىر ئەسىردە1 ~2 مىللىسېكۇنت ئۇزىرايدىغانلىقى ئىسپاتلاندى. بۇ ئۆزگىرىش گەرچە كىچىك بولسىمۇ، بىراق، ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشى بىلەن ناھايىتى كۆرۈنەرلىك بولىدۇ، ئەلۋەتتە.