UyghurWiki
UyghurWikiقۇياش ئائىلىسىيەر شارى

يەر شارى

قۇياش ئائىلىسى قۇياش سىستېمىسىدىكى توققۇز چوڭ سەييارە ئىچىدە يەر شارى ھەم ئاددىي بىر ئەزا، ھەم ئاجايىپ بىر يۇلتۇز. يەر شارىدا باشقا سەييارىلەردە مەۋجۇت بولمىغان نۇرغۇنلىغان ئېگىز، ھەيۋەتلىك تاغلار، ئۆركەشلەپ ئېقىۋاتقان دەريالار ھەم قاينام - تاشقىنلىققا چۆمگەن جانلىقلار دۇنياسى … بار. چوڭ - كىچىكلىكى جەھەتتىن يەر شارى قۇياش سىستېمىسى چوڭ ئائىلىسىدە بەشىنچى ئورۇنغا تىزىلىدۇ، ئۇنىڭ ئوتتۇرىچە دىئامېتىرى12742 كىلومېتىر كېلىدۇ، يەر شارىنىڭ510 مىليون كۋادرات كىلومېتىر كېلىدىغان سىرتقى يۈزىنىڭ % 8 .70 ى بىپايان دېڭىز - ئوكيانلار بىلەن قاپلانغان، قۇرۇقلۇق ۋە ئاراللار ئاران % 2 .29 نى ئىگىلىگەن. شۇڭا، ئالەم بوشلۇقىدىن يەر شارىغا نەزەر سالساق، يەر شارىنىڭ ئىنتايىن گۈزەل، كۆك رەڭلىك شار جىسىم ئىكەنلىكىنى كۆرىمىز. يەر شارىدىكى ئەڭ ئېگىز چوققا ئېلىمىزنىڭ شىزاڭ رايونىدىكى چومولاڭما چوققىسى بولۇپ، ئۇنىڭ دېڭىز يۈزىدىن ئېگىزلىكى13 .8848 مېتىر كېلىدۇ. ئەڭ چوڭقۇر دېڭىز چۆكمىسى تىنچ ئوكياندىكى مارىئان دېڭىز چۆكمىسى بولۇپ، چوڭقۇرلۇقى11034 مېتىرغا يېتىدۇ. يەر شارىنى قېلىن بىر قەۋەت ئاتموسفېرا ئوراپ تۇرىدۇ، ئۇ ئاساسلىق ئازوت ۋە ئوكسىگېندىن تۈزۈلگەن. مىقدارى جەھەتتىن ئازوت % 75 نى، ئوكسىگېن 23% نى ئىگىلەيدۇ، ئۇنىڭدىن باشقا يەنە ئارگون، كاربون (Ⅳ) ئوكسىدى، نېئون، گېلىي قاتارلىق گازلارمۇ بار بولۇپ، ئۇلار ئاران % 2 نى ئىگىلەيدۇ. ئاتموسفېرادا ئوكسىگېن ۋە كاربون (Ⅳ) ئوكسىدى مەۋجۇت بولغانلىقتىن، يەر شارىدىكى جانلىقلار ھايات كەچۈرەلىگەن. يەر شارىنىڭ ئىچكى قۇرۇلمىسىنى ئۈچ قاتلامغا بۆلۈشكە بولىدۇ. ئەڭ سىرتقى يۈزىدىكى بىر قەۋەت يەر پوستى بولۇپ، ئوتتۇرىچە قېلىنلىقى4 .21 كىلومېتىر ئەتراپىدا، ھەجىمى يەر شارى ئومۇمىي ھەجىمىنىڭ %5 .0 ىنى ئىگىلەيدۇ. يەر پوستىنىڭ ئاستىدا ئارا قاتلام، يەنى مانتىل بار بولۇپ، پۈتكۈل يەر شارى ھەجىمىنىڭ % 3 .83 ىنى ئىگىلەيدۇ. يەر پوستى بىلەن مانتىل سىلىكات تۇزلىرى تاغ جىنس ماددىلىرىدىن تەركىب تاپقان. بىراق يەر پوستى بىلەن مانتىل، شۇنىڭدەك ئۇلارنىڭ ھەرقايسى قاتلاملىرى ئوتتۇرىسىدا كونكرېت تۈزۈلۈش جەھەتتە يەنە پەرقلەر مەۋجۇت. مانتىلنىڭ ئاستى تەرىپى يەر يادروسى بولۇپ، ئۇ ئىچكى يادرو ۋە سىرتقى يادرودىن ئىبارەت ئىككى قىسىمدىن تۈزۈلگەن، سىرتقى يادرونىڭ قېلىنلىقى2891 كىلومېتىردىن5149 كىلومېتىرغىچە بولۇپ، سۇيۇق ھالەتتە تۇرىدۇ، ئۇنىڭ ئاستى تەرىپىدە قاتتىق ھالەتتىكى ئىچكى يادرو بار. يەر يادروسى مەركىزىنىڭ تېمپېراتۇرىسى4 -5 مىڭ سېلىسىيە گرادۇس، ھەتتا ئۇنىڭدىنمۇ يۇقىرى، بېسىم كۈچى3 مىليون500 مىڭ ئاتموسفېرا بېسىمىدىن يۇقىرى دەپ مۆلچەرلەنمەكتە. يەر يادروسى ماددىلىرى ئاساسلىق تۆمۈر، نىكېل قاتارلىق ئېلېمېنتلاردىن تەركىب تاپقان. يەر شارىنىڭ قۇياش ئەتراپىدا ئايلىنىش دەۋرى بىر يىل، ئۆز ئوقىدا ئايلىنىش دەۋرى23 سائەت56 مىنۇت بولىدۇ. يەر شارىنىڭ ئۆز ئوقىدا ئايلىنىشى كېچە - كۈندۈزنىڭ ئالمىشىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان؛ يەر شارىنىڭ ئۆز ئوقىدا ئايلىنىش ئوقى بىلەن ئۇنىڭ قۇياش ئەتراپىدا ئايلىنىش ئوربىتا تەكشىلىكىنىڭ تىك بولماسلىقى سەۋەبلىك يەر شارىدا تۆت پەسىلنىڭ ئۆزگىرىشى ۋە يەر شارىدىكى بەش بەلۋاغ (تروپىك بەلۋاغ، جەنۇبىي ۋە شىمالىي مۆتىدىل بەلۋاغ، جەنۇبىي ۋە شىمالىي سوغۇق بەلۋاغ) نىڭ بۆلۈنۈپ چىقىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان. يەر شارىنىڭ قۇياش ئەتراپىدا ئايلىنىش سۈرئىتى سېكۇنتىغا8 .29 كىلومېتىر بولىدۇ، بۇ تېزلىك يەر شارىدا ئەڭ تېز ئۇچىدىغان راكېتانىڭ تېزلىكىدىنمۇ كۆپ ئېشىپ كېتىدۇ. قۇياش سىستېمىسىدىكى توققۇز چوڭ سەييارە ئىچىدە مېركۇرىي بىلەن ۋېنېرانى ھېسابقا ئالمىغاندا، يەر شارىنىڭ ئايلىنىش سۈرئىتى ئەڭ تېز ھېسابلىنىدۇ. ئەمما يەر شارىنىڭ ئاجايىپ چوڭ گەۋدىسى بىلەن سېلىشتۇرما قىلغاندا، بۇ سۈرئەتنى ئەڭ تېز دېگىلى بولمايدۇ، چۈنكى، يەر شارىنىڭ يەتتە مىنۇتتىن كۆپرەك ۋاقىت ھەرىكەت قىلىپ باسقان مۇساپىسى ئاران يەر شارىنىڭ كەڭلىكى بىلەن تەڭلىشىدۇ.
← بارلىق تېمىلار قۇياش ئائىلىسى
يەر شارى | UyghurWiki | UyghurWiki