UyghurWiki
UyghurWikiقۇياش ئائىلىسىقۇياش ھەرىكىتى

قۇياش ھەرىكىتى

قۇياش ئائىلىسى بىز ئاسمانغا نەزەر سالغىنىمىزدا، قۇياش، ئاي ۋە يۇلتۇزلار بىز بىلەن تەڭ يىراقلىقتا تۇرغاندەك، بارلىق ئاسمان جىسىملىرى ۋە ئۇلار تۇرۇۋاتقان ئاسمانمۇ خۇددى ئۆزىمىزنى مەركەز قىلغان شار يۈزىدە تۇرغاندەك ھېس قىلىمىز. بىز قىياس قىلغان بۇ شار يۈزى «ئاسمان شارى» دەپ ئاتىلىدۇ. يەر شارىدا تۇرۇپ قارىغاندا، قۇياشنىڭ ئاسمان شارىدىكى ئۈزلۈكسىز يۆتكەلمە ھەرىكىتىنى كۆرگىلى بولىدۇ، بىز كۆرگەن قۇياشنىڭ بۇ ھەرىكىتى ئادەتتە «قۇياشنىڭ كۆرۈنمە ھەرىكىتى» دەپ ئاتىلىدۇ. قۇياشنىڭ كۆرۈنمە ھەرىكىتى قۇياشنىڭ ئالەم بوشلۇقىدىكى ھەقىقىي ھەرىكىتىنىڭ ئاران بىر قىسمىنى، يەنى قۇياشنىڭ ھەرىكەت يۆنىلىشىنىڭ ئۆزگىرىشىنىلا ئەكس ئەتتۈرۈپ بېرىدۇ. يەر شارى قۇياش ئەتراپىدا ئايلىنىش بىلەن بىللە يەنە غەربتىن شەرققە قاراپ ئۆز ئوقىدىمۇ ئايلىنىدۇ، شۇڭا، يەر يۈزىدە تۇرۇپ قارىساق، قۇياش ھەر كۈنى ئاسمان شارىدا شەرقتىن غەربكە قاراپ يەر شارىنى چۆرىدەپ دەۋرىيلىك ھالدا ئايلىنىپ تۇرغاندەك كۆرۈنىدۇ. بۇ خىل ھادىسە «قۇياشنىڭ سوتكىلىق كۆرۈنمە ھەرىكىتى» دەپ ئاتىلىدۇ. يەر شارى ھەر يىلى غەربتىن شەرققە قاراپ دەۋرىيلىك ھالدا قۇياشنى ئايلىنىپ ھەرىكەت قىلىدۇ. شۇنىڭغا ئوخشاش، يەر شارىدا تۇرۇپ كۆزەتسەك، قۇياشمۇ ئاسمان شارىدا غەربتىن شەرققە قاراپ دەۋرىيلىك ھالدا ئايلىنىپ تۇرغاندەك كۆرۈنىدۇ. مەسىلەن، يەر شارى ئايلىنىپ A ئورۇنغا كەلگەندە (رەسىمگە قاراڭ)، يەر يۈزىدە تۇرۇپ قۇياشنىڭ ئاسمان شارىدىكى مەلۇم يۇلتۇز تۈركۈمى1 A ئورۇنغا كەلگەنلىكىنى؛ يەر شارى ئايلىنىپ B ئورۇنغا كەلگەندە، قۇياشنىڭ يۆتكىلىپ يەنە بىر يۇلتۇز تۈركۈمى1 B ئورۇنغا كەلگەنلىكىنى؛ يەر شارى ئايلىنىپ C ئورۇنغا كەلگەندە، قۇياشنىڭ يۆتكىلىپ ئاسمان شارىنىڭ ئۇدۇلىدىكى يەنە بىر يۇلتۇز تۈركۈمى1 C ئورۇنغا كەلگەنلىكىنى كۆرىمىز. بۇنىڭدىن قۇياشنىڭ بىر يىل ئىچىدە، غەربتىن شەرققە قاراپ دەۋرىيلىك ھالدا يۇلتۇز بوشلۇقىنى ئايلىنىپ تۇرىدىغانلىقىنى كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇ. قۇياشنىڭ بۇ خىل كۆرۈنمە ھەرىكىتى «قۇياشنىڭ يىللىق كۆرۈنمە ھەرىكىتى» دەپ ئاتىلىدۇ. قۇياش يىللىق كۆرۈنمە ھەرىكەت قىلىش جەريانىدا تەخمىنەن12 يۇلتۇز تۈركۈمىنى كېسىپ ئۆتىدۇ. بىز ئادەتتە قۇياشنىڭ بىر يىل ئىچىدە يۇلتۇزلار تۈركۈمىنى كېسىپ ئۆتكەن لىنىيىسىنى «ئېكلىپتىكا» دەپ ئاتايمىز. ئەمەلىيەتتە ئېكلىپتىكا يەر شارىنىڭ قۇياشنى ئايلىنىپ ھەرىكەت قىلىش ئوربىتا تەكشىلىكى بىلەن ئاسمان شارىنىڭ كېسىشىدىن ھاسىل بولغان چوڭ چەمبەردىن ئىبارەت.
← بارلىق تېمىلار قۇياش ئائىلىسى