كۈن تۇتۇلۇش ۋە ئاي تۇتۇلۇش
قۇياش ئائىلىسى
يەر شارى بىلەن ئاي شارى ئۆزىدىن نۇر تارقاتمايدىغان ئاسمان جىسمىدۇر، ئۇلار قۇياش نۇرىنىڭ يورۇتۇشى ئاستىدا، قۇياشقا كەينىنى قىلىپ تۇرغان تەرىپى ئۇزۇن سايىسىنى بىللە ئېلىپ ماڭىدۇ. ئاي ئايلىنىپ قۇياش بىلەن يەر شارىنىڭ ئوتتۇرىسىغا كەلگەندە، ئەگەر قۇياش، ئاي شارى ۋە يەر شارى دەل بىر تۈز سىزىق ئۈستىگە جايلاشسا ياكى يېقىنلاشسا، ئاينىڭ سايىسى يەر شارىنىڭ سىرتقى يۈزىگە ئۇدۇل چۈشىدۇ، بۇ چاغدا ئاي سايىسى چۈشكەن بەلۋاغ ۋە رايوندا تۇرۇپ كۈن تۇتۇلۇش ھادىسىسىنى كۆرگىلى بولىدۇ. كۈننى يېپىۋالغان قارا سايە دەل ئاي شارىدۇر.
دېھقانلار كالېندارى بويىچە ھەر ئاينىڭ بېشىدا (يەنى ھەر ئاينىڭ1 - كۈنى) ئاي شارى ئايلىنىپ قۇياش بىلەن يەر شارىنىڭ ئوتتۇرىسىغا كېلىدۇ، شۇنىڭ ئۈچۈن، كۈن تۇتۇلۇش ئاينىڭ بېشىدا يۈز بېرىدۇ. لېكىن، ھەر ئاينىڭ بېشىدا يۈز بېرىۋەرمەيدۇ. چۈنكى، ئاي شارىنىڭ ئوربىتا تەكشىلىكى بىلەن يەر شارىنىڭ ئوربىتا تەكشىلىكى ئوتتۇرىسىدا تەخمىنەن °5 كېلىدىغان تار بۇلۇڭ مەۋجۇت بولغانلىقتىن، ئاي شارى كۆپ ھاللاردا قۇياش بىلەن يەر شارىنىڭ ئارىسىدا تۇرسىمۇ، بۇ ئۈچ ئاسمان جىسمى بىر تۈز سىزىق ئۈستىگە كېلەلمەيدۇ.
كۈن تۇتۇلۇشنى تولۇق تۇتۇلۇش، قىسمەن تۇتۇلۇش، ھالقىسىمان تۇتۇلۇش دەپ ئۈچ خىلغا بۆلۈشكە بولىدۇ. كۈننىڭ ئوخشاش بولمىغان تۇتۇلۇشى ئاساسلىق كۈن، يەر، ئاينىڭ ئارىلىقى ۋە بىر تۈز سىزىق ئۈستىگە جايلىشىش دەرىجىسى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولىدۇ.
ئاي تۇتۇلۇشنىڭ سەۋەبى بىرقەدەر ئاددىي بولىدۇ، ئاي شارى ئايلىنىپ يەر شارى قۇياشقا كەينىنى قىلىپ سايە چۈشۈرگەن رايونىغا كەلگەندە، ئاينى يەر شارىنىڭ سايىسى تامامەن يېپىۋالىدۇ. بۇ ۋاقىتتا ئاي تۇتۇلۇش ھادىسىسى يۈز بېرىدۇ.
ئاي تۇتۇلغاندا، يەر شارى قۇياش بىلەن ئاي شارىنىڭ ئارىسىدا تۇرىدۇ، شۇڭا ئاي تۇتۇلۇش تولۇن ئاي (يەنى تولۇق ئاي) كۆرۈنىدىغان ئورۇندا يۈز بېرىدۇ، يەنى دېھقانلار كالېندارى بويىچە ھەر ئاينىڭ15 -،16 - كۈنلىرى ئاي تۇتۇلىدۇ. بىراق، يەر شارىنىڭ قۇياش ئەتراپىدا ئايلىنىش ئوربىتا تەكشىلىكى بىلەن ئاينىڭ يەر شارى ئەتراپىدا ئايلىنىش ئوربىتا تەكشىلىكى ئوخشاش بىر تەكشىلىكتە بولمىغاچقا، ھەربىر قېتىملىق تولۇن ئاي ۋاقتىدا ئاي شارى يەر شارىنىڭ سايە رايونىغا كىرەلمەيدۇ، شۇڭا، ھەربىر تولۇن ئاي ۋاقتىدا ئاي تۇتۇلۇش ھادىسىسى يۈز بېرىشى ناتايىن.
ئاي تۇتۇلۇش − تولۇق تۇتۇلۇش ۋە قىسمەن تۇتۇلۇشتىن ئىبارەت ئىككى خىلغا بۆلۈنىدۇ. ئاي تولۇق تۇتۇلغاندا، ئاينىڭ ھەممە قىسمى يەر شارىنىڭ كۇنۇسسىمان سايە دائىرىسىگە كىرىدۇ. ئۇ ۋاقىتتا يەر شارىنىڭ يېرىمىدىكى (كېچە بولغان تەرەپتىكى) كىشىلەر ئاينىڭ تولۇق تۇتۇلۇشىنى كۆرەلەيدۇ. لېكىن، تەپسىلىي كۆزىتىش ئارقىلىق شۇنى بايقاشقا بولىدۇكى، ئاي تولۇق تۇتۇلغاندا، ئاي پۈتۈنلەي قاراڭغۇ بولۇپ كەتمەيدۇ، ئاي يۈزى سىرلىق خورما رەڭگە كىرىپ قالىدۇ، چۈنكى، ئاز مىقداردىكى قۇياش نۇرىنى (بۇنىڭ ئىچىدە قىزىل نۇر بىرقەدەر كۆپ) يەر شارى ئاتموسفېراسى سۇندۇرۇپ ئايغا چۈشۈرۈپ بېرىدۇ. ئاي قىسمەن تۇتۇلغاندا، ئاينىڭ پەقەت بىر قىسمىلا يەر شارىنىڭ كونۇسسىمان سايە دائىرىسىگە كىرىدۇ، يەر شارىنىڭ سايىسى ئاينىڭ پەقەت بىر قىسمىنىلا يېپىۋالىدۇ.
ئاي تۇتۇلۇش ۋاقتى كۈن تۇتۇلۇش ۋاقتىدىن ئۇزاق بولىدۇ، ئاي تۇتۇلۇشنىڭ تولۇق تۇتۇلۇش باسقۇچى كۈن تولۇق تۇتۇلۇش باسقۇچىدىن كۆپ ئۇزاق بولىدۇ. نەزەرىيىدە، ئەڭ ئۇزاق بولغان كۈننىڭ تولۇق تۇتۇلۇش ۋاقتى يەتتە يېرىم مىنۇتتىن ئېشىپ كەتمەيدۇ (پۈتۈن جەريانى ئىككى سائەتكە يېتىدۇ)، ئاينىڭ تولۇق تۇتۇلۇش ۋاقتى ئۇزاق بولغاندا بىر سائەتتىن ئارتۇقراق بولىدۇ (پۈتۈن جەريانى ئۈچ سائەتتىن ئارتۇقراق بولىدۇ).