UyghurWiki
UyghurWikiقۇياش ئائىلىسىبۇرج ۋە مۈچەل

بۇرج ۋە مۈچەل

قۇياش ئائىلىسى ئون بۇرج: جيا (甲، بىرىنچى)، يى (已، ئىككىنچى)، بىڭ (丙، ئۈچىنچى)، دىڭ (丁، تۆتىنچى)، ۋۇ (戊، بەشىنچى)، جى (己، ئالتىنچى)، گېڭ (庚، يەتتىنچى)، شىن (辛، سەككىزىنچى)، رېن (壬، توققۇزىنچى)، كۇي (癸، ئونىنچى)؛ ئون ئىككى مۈچەل: زى (子، چاشقان)، چۇ (丑، كالا)، يىن (寅، يولۋاس)، ماۋ (卯، توشقان)، چېن (辰، ئەجدىھا)، سى (巳، يىلان)، ۋۇ (午، ئات)، ۋېي (未، قوي)، شېن (申، مايمۇن)، يۇ (酉، توخۇ)، شۈي (戌، ئىت)، خەي (亥، چوشقا). ئون بۇرج بىلەن ئون ئىككى مۈچەلنى تەرتىپ بويىچە جۈپلەشتۈرۈش ئارقىلىق جەدۋەلدە كۆرسىتىلگەن60 بۇرج ۋە مۈچەل، يەنى «ئاتمىش جيازى» نى ھاسىل قىلغىلى بولىدۇ. جۇڭگونىڭ ئەنئەنىۋى كالېندارچىلىقىدىكى بۇرج ۋە مۈچەل ئارقىلىق ۋاقىت ھېسابلاش تۈزۈمىدە ئەنە شۇ «60 بۇرج ۋە مۈچەل» نى تەرتىپ بويىچە تەكرارلاش ئارقىلىق يىل، ئاي، كۈن ۋە »ۋاقىت« (ئىككى سائەتكە توغرا كېلىدىغان ۋاقىت ھېسابلاش بىرلىكى) ھېسابلاپ چىقىلىدۇ. بۇ يەردە ئېيتىلىۋاتقان چاغ ھازىرقى ئىككى سائەتكە باراۋەر كېلىدۇ؛ قەدىمكى زاماندا، كىشىلەر بىر كۈن (كېچە - كۈندۈز) نى12 «ۋاقىت» قا بۆلگەن. مەسىلەن،1984 - يىلى جيازى يىلى (1 - نومۇرلۇق بۇرج ۋە مۈچەل) غا توغرا كېلىدۇ،1985 - يىلى بولسا يىچۇ يىلى (2 - نومۇرلۇق) غا توغرا كېلىدۇ،1986 - يىلى بىڭيىن يىلى (3 - نومۇرلۇق) غا توغرا كېلىدۇ. ... مۇشۇنداق تەرتىپ بويىچە،1984 - يىلىدىن باشلاپ59 يىل ئۆتكەندىن كېيىن، يەنى مىلادىيە2043 - يىلى كۈيخەي يىلى (60 - نومۇرلۇق بۇرج ۋە مۈچەل) غا توغرا كېلىدۇ. قائىدە بويىچە ئۇلىنىپ كېلىدىغان يىل، يەنى2044 - يىلى يەنە جيازى يىلىغا توغرا كېلىدۇ،60 يىل ئاۋۋالقى1984 - يىلى بىلەن ئوخشاش بولىدۇ. ئۇنىڭدىن كېيىن داۋاملىشىدىغان2045 -،2046 -،2047 - يىلى ... يىل، تەبىئىي ھالدا تەرتىپ بويىچە يىچۇ يىلى، بىڭيىن يىلى، دىڭماۋ يىلى ... بولىدۇ. مۇشۇ قائىدە بويىچە، ئېلىمىزنىڭ ئەنئەنىۋى كالېندارچىلىقىدا يەنە شۇ «60بۇرج ۋە مۈچەل» نى قوللىنىپ تەرتىپ بويىچە تەكرارلاش ئارقىلىق، ئاي، كۈن ۋە «ۋاقىت» لار ھېسابلاپ چىقىلىدۇ. بۇرج ۋە مۈچەل بىلەن ۋاقىت ھېسابلاش تۈزۈمىدە، يىل بىلەن ئاي ئاساس قىلىنىدۇ. پەقەت شۇ يىل بىلەن شۇ كۈن مەلۇم بولسىلا، شۇ يىلدىكى ھەرقايسى بۇرج ۋە مۈچەلنى ياكى شۇ كۈندىكى ھەرقايسى «ۋاقىت» لارنىڭ بۇرجى بىلەن مۈچىلىنى قىياسەن بېكىتكىلى بولىدۇ. مەسىلەن، جيازى كۈنىدە بولىدىغان12 «ۋاقىت» قا توغرا كېلىدىغان بۇرج ۋە مۈچەلنى جەزمەن تەرتىپ بويىچە1 ~12 - نومۇرلۇق بۇرج ۋە مۈچەل (يۇقىرىدا كۆرسىتىلگەن جەدۋەلنىڭ بىرىنچى رېتىگە قاراڭ) دىن بېكىتىشكە بولىدۇ؛ ئۇلىنىپ كېلىدىغان يىچۇ كۈنىدىكى12 «ۋاقىت» قا توغرا كېلىدىغان بۇرج ۋە مۈچەلنى جەزمەن تەرتىپ بويىچە13 ~24 - نومۇرلۇق بۇرج ۋە مۈچەل (ئىككىنچى رەتكە قاراڭ) دىن بېكىتىشكە بولىدۇ؛ ئۇلاپلا يەنە بىڭيىن كۈنىدىكى12 «ۋاقىت» قا توغرا كېلىدىغان بۇرج ۋە مۈچەلنى جەزمەن25 ~36 - نومۇرلۇق بۇرج ۋە مۈچەل (ئۈچىنچى رەتكە قاراڭ) دىن بېكىتىشكە بولىدۇ. ... بۇرج ۋە مۈچەل بىلەن ھەربىر ئادەمنىڭ تۇغۇلغان يىل، ئاي، كۈن، »ۋاقتى« نى خەنزۇچە جەمئىي سەككىز خەت ئارقىلىق كۆرسىتىشكە بولىدۇ. مەسىلەن، مەلۇم بىر ئادەم «گېڭۋۇ» 午庚( )يىلى، «رېنۋۇ» (午壬) ئېيى، »ۋۇشېن« (申戊) كۈنى، «شىنيۇ» (酉辛) «ۋاقتى» دا تۇغۇلغان بولسا، ئىسكوپكا ئىچىگە ئېلىنغان سەككىز خەت دەل ئۇنىڭ «تۇغۇلغان ۋاقتى پۈتۈلگەن سەككىز خەت» بولىدۇ. ئېلىمىزدە ئادەت بويىچە «يىل» ئون ئىككى مۈچەل ئارقىلىق ئىپادە قىلىنىدۇ، ئون ئىككى مۈچەل «ئون ئىككى يىلغا» توغرا كېلىدۇ. ئومۇمەن «زى (تۈن يېرىمى) چاشقان» خېتى بار بۇرج ۋە مۈچەل يىلى، «چاشقان يىلى» نى كۆرسىتىدۇ، بۇ يىلدا تۇغۇلغان ئادەم «چاشقان يىللىق» بولىدۇ؛ ئەگەر «چۇ (توخۇ چىللىغان) كالا» خېتى ئۇدۇل كەلسە، بۇ بۇرج ۋە مۈچەل يىلى «كالا يىلى» نى بىلدۈرىدۇ، بۇ يىلدا تۇغۇلغان ئادەم «كالا يىللىق» بولىدۇ، مۇشۇ ئۇسۇل بويىچە ئېنىقلىنىدۇ. بۇرج ۋە مۈچەل بىلەن ۋاقىت ھېسابلاش تۈزۈمى ئېلىمىزنىڭ ئەنئەنىۋى كالېندارچىلىقىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى. «60» تىن ئىبارەت بۇ ساپ سان دەۋر قىلىنىپ ۋاقىت ھېسابلىنىدىغان بولغاچقا، بۇ تۈزۈم ھەم ئاسترونومىيىلىك سەۋىيىنىڭ ئۆسۈشى، شۇنداقلا كالېندارنى يېڭىلاش ئىشلىرىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىمايدۇ، ھەم ھاكىمىيەت ئالمىشىش سەۋەبىدىن ئۈزۈلۈپ قالمايدۇ، دۆلەتنىڭ پارچىلىنىشى سەۋەبىدىنمۇ قالايمىقانلىشىپ كەتمەيدۇ. جۇڭگونىڭ تارىخى ناھايىتى ئۇزاق، ئوخشاش بولمىغان دەۋردە، ئوخشاش بولمىغان خانىدانلىقتا كالېندارلار (خانىدانلىقنىڭ يىلنامىنى ھېسابلاش ئۇسۇلىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) كۆپ قېتىم ئۆزگەرتىلگەن بولسىمۇ، لېكىن، بۇرج ۋە مۈچەلنى دەۋرىيلەشتۈرۈپ ھېسابلاش باشتىن - ئاخىر ئۈزۈلۈپ قالمىدى، يەنە كېلىپ ھەرقايسى جايلاردا بىردەك بولدى. ئارخېئولوگىيىلىك ئىسپاتلاشقا ئاساسلانغاندا،2700 يىل مابەينىدە، تەخمىنەن1 مىليون كۈن ئاشۇ بۇرج ۋە مۈچەل بىلەن ھېسابلاپ خاتىرىلىنىپ، بىر كۈنمۇ ئۈزۈلۈپ قالمىغانىكەن. شۇڭا، بۇرج ۋە مۈچەل بىلەن ۋاقىت ھېسابلاش تۈزۈمى خۇددى بىر مەرۋايىت ئۆتكۈزۈلىدىغان زەر يىپقا ئوخشاش ھەر خىل كالېندارنى بىر - بىرىگە تۇتاشتۇرۇپ، ئېلىمىزنىڭ تارىخىي ماتېرىياللىرىنىڭ مۇكەممەل ۋە ئىزچىل بولۇشىدا مۇھىم روللارنى ئويناپ كەلدى.
← بارلىق تېمىلار قۇياش ئائىلىسى