UyghurWiki
UyghurWikiقۇياش ئائىلىسىنېپتۇن

نېپتۇن

قۇياش ئائىلىسى نېپتۇن − ئۇراندىن كېيىن ئىككىنچى بولۇپ بايقالغان يېڭى سەييارە، بىراق ئۇراننىڭ بايقىلىشىغا ئوخشىمايدىغان يېرى شۇكى، نېپتۇننىڭ بايقىلىشى بىر مۆجىزىۋى ئالدىن كۆرەرلىكنىڭ نەتىجىسى، شۇنداق بولغاچقا، نېپتۇن بىر مەھەل داغدۇغا پەيدا قىلغان «داڭلىق يۇلتۇز» بولۇپ قالغان. بۈگۈنگە قەدەر، ئۇ كىشىلەر تەرىپىدىن ئىلمىي ئالدىن كۆرەرلىكنىڭ نۇرلۇق نەمۇنىسى دەپ تەرىپلىنىپ، قەلەم ئاستىدا بايقالغان سەييارە دەپ ئاتىلىپ كەلمەكتە. ھېرشېل ئۇراننى بايقىغان18 - ئەسىردىلا ئاسترونومىيە ئالىملىرى نيۇتوننىڭ ئالەملىك تارتىشىش كۈچى قانۇنىدىن پايدىلىنىپ مېركۇرىي، ۋېنېرا، مارس، يۇپىتېر، ساتۇرنلارنىڭ ئالەمدىكى ئورنىدىن ئالدىن مەلۇمات بېرەلەيدىغان بولغانىدى. بىراق، ئوخشاش ئۇسۇل ئارقىلىق ئۇراننىڭ ئورنىنى ھېسابلىغاندا، نەتىجە كۆزىتىشنىڭ نەتىجىسى بىلەن ئانچە ماس كەلمىگەن. بۇ غەلىتە سەييارە ھەمىشە ئۆز لىنىيىسىدىن چەتنەپ كېتەتتى. زادى نېمە سەۋەبتىن شۇنداق بولىدۇ؟1840 - يىلى ئاسترونومىيە ئالىمى بېسسېل ئۇراننىڭ ھەرىكەت ئوربىتىسىنىڭ سىرتىدا نامەلۇم بولغان سەييارە ئۇراننىڭ ھەرىكىتىگە تەسىر كۆرسىتىپ تۇرىدۇ، دېگەن قاراشنى يۈرەكلىك ھالدا ئوتتۇرىغا قويغانىدى. بېسسېلنىڭ بۇ قارىشى ناھايىتى تېزلا قوللاشقا ئېرىشتى. ئەنگلىيە ۋە فرانسىيىنىڭ ياش ئاسترونومىيە ئالىملىرىدىن ئادامس بىلەن لېۋېرئېر نەچچە يىل جاپالىق تىرىشىش، بىر قاتار مۇرەككەپ ھېسابلاشلار ئارقىلىق1845 ~1846 - يىللىرى ھەرقايسىسى مۇستەقىل ھالدا بۇ پەرەز قىلىنغان سەييارىنىڭ ھەرىكەت لىنىيىسى ۋە ئورنىنى تېپىپ چىقتى. ئۇنىڭغا ئەگىشىپلا، گېرمانىيە ئاسترونومىيە ئالىمى گاللې بۇ نامەلۇم سەييارىنى بايقاپ چىقتى ھەم ئۇنى نېپتۇن دەپ ئاتىدى. ئەمەلىيەتتە، نېپتۇن قۇياش سىستېمىسىدىكى توققۇز چوڭ سەييارىنىڭ بىرى بولسىمۇ، بىراق، ئۇنىڭ ھېچقانداق ئالاھىدە يېرى يوق. ئۇنىڭ چوڭلۇقى يەر شارى چوڭلۇقىنىڭ تۆت ھەسسىسىگە يېقىن كېلىدۇ؛ دىئامېتىرى تەخمىنەن50 مىڭ كىلومېتىر، قۇياش بىلەن بولغان ئوتتۇرىچە ئارىلىقى4 مىليارد500 مىليون كىلومېتىر بولۇپ، يەر شارى بىلەن قۇياش ئوتتۇرىسىدىكى ئارىلىقنىڭ تەخمىنەن30 ھەسسىسىگە توغرا كېلىدۇ. نېپتۇننىڭ قۇياش ئەتراپىدا ئايلىنىش دەۋرى165 يىل، ئۆز ئوقىدا ئايلىنىش دەۋرى15 سائەت48 مىنۇت بولىدۇ. نېپتۇندىمۇ تۆت پەسىلنىڭ ئالمىشىشى مەۋجۇت، ئەمما ئۇنىڭ قۇياش ئەتراپىدا ئايلىنىش دەۋرى ناھايىتى ئۇزاق بولغاچقا، تۆت پەسىلنىڭ ئالمىشىشى ناھايىتى ئاستا بولىدۇ. نېپتون قۇياشتىن ناھايىتى يىراق بولغاچقا، ئۇنىڭ قوبۇل قىلىدىغان يورۇقلۇقى ۋە ئىسسىقلىقى ئىنتايىن ئاز بولىدۇ، شۇڭا ئۇنىڭ سىرتقى يۈزى ئىنتايىن قاراڭغۇ ھەم سوغۇق بولۇپ، تېمپېراتۇرىسى200 - سېلىسىيە گرادۇستىن تۆۋەن بولىدۇ. تېلېسكوپ بىلەن كۆزەتكەن ۋاقىتتا، ناھايىتى يىراقتىكى بۇ يۇلتۇزمۇ يۇپىتېرغا ئوخشاش ياپىلاق شارسىمان كۆرۈنىدۇ. سىرتقى يۈزىدە ئېكۋاتورغا پاراللېل بولغان، يورۇق - خىرەلىك ئارىلىشىپ كەتكەن بەلۋاغسىمان سىزىقچىلار بولۇپ، رەڭگى سۇس يېشىل رەڭدە كۆرۈنىدۇ. نېپتۇن ئاتموسفېراسىنىڭ ئاساسلىق تەركىبى ھىدروگېندىن ئىبارەت. نېپتۇننىڭ ئىككى ھەمراھى بار، نېپتۇنغا يېقىنراق بولغىنى تىرىتون بولۇپ، ھەجىمى ئاينىڭ ھەجىمىدىن چوڭ، ئۇنىڭ ئۈستىدە ئاتموسفېرا قاتلىمى بولۇشى مۇمكىن. نېرېيدانىڭ ھەجىمى خېلى كىچىك بولۇپ، دىئامېتىرى تەخمىنەن400 كىلومېتىر، نېپتۇن بىلەن بولغان ئارىلىقى5 مىليون560 مىڭ كىلومېتىر كېلىدۇ. قىزىقارلىقى شۇكى، بۇ ئىككى ھەمراھنىڭ بىرى سائەت ئىسترېلكىسىنىڭ يۆنىلىشى بويىچە ئايلانسا، يەنە بىرى سائەت ئىسترېلكىسىغا قارشى يۆنىلىشتە ئايلىنىدۇ، ئىككىلىسى پۈتۈنلەي قارىمۇقارشى يۆنىلىشتە نېپتۇننى ئايلىنىپ ھەرىكەت قىلىدۇ.
← بارلىق تېمىلار قۇياش ئائىلىسى