UyghurWiki
UyghurWikiقۇياش ئائىلىسىقۇياش كالېندارى

قۇياش كالېندارى

قۇياش ئائىلىسى قۇياش كالېندارى يەنە شەمسىيە دەپمۇ ئاتىلىدۇ، ئۇ تروپىك يىلنى ئاساس قىلىپ تۈزۈلگەن بىر خىل كالېنداردىن ئىبارەت. بىر تروپىك يىلى2422 .365 كۈنگە تەڭ بولغانلىقى ئۈچۈن، بىر يىلدىكى كۈننىڭ سانى چوقۇم پۈتۈن سان بولۇشى كېرەك. شۇڭا، قۇياش كالېندارىدا يىللار ئىككى خىلغا بۆلۈنگەن بولۇپ، چوڭ يىل (كەبىسە يىلى دەپمۇ ئاتىلىدۇ)366 كۈن، كىچىك يىل (ئادەتتىكى يىل دەپمۇ ئاتىلىدۇ)365 كۈن بولىدۇ، مۇۋاپىق نىسبەت بويىچە تىزىلغان چوڭ يىل، كىچىك يىل مۇنداق بولىدۇ: (كۈن)2422 .365 = تروپىك يىلى = ئوتتۇرىچە كالېندار يىلى قۇياش كالېندارىدا بىر يىل12 ئايغا بۆلۈنىدۇ، شۇڭا (كۈن)44 .30 =12 ÷2422 .365 = ئوتتۇرىچە كالېندار ئېيى شۇنداق بولغانلىقى ئۈچۈن، كالېندار ئېيى قەمەرىيە ئېيى بىلەن مۇناسىۋەتسىز بولىدۇ. ھازىرقى مىلادىيە كالېندارى تىپىك قۇياش كالېندارىدۇر، مىلادىيە كالېندارى مىلادىيىدىن ئىلگىرىكى46 - يىلى رىم قوماندانى جۇلىئان كائېسار ئىشلىتىشنى قارار قىلغان بىر خىل كالېندار، يەنى ئۇ جۇلىئان كالېندارى ئاساسىدا بارلىققا كەلگەن. مىلادىيە532 - يىلى، ياۋروپا دىنىي ئىشلار يىغىنىدا مىلادىيە كالېندارىنى ئىشلىتىش قارار قىلىنغان ھەمدە ھەربىر كالېندار يىلىنىڭ يىل سانىنى4 كە پۈتۈن بۆلگىلى بولسا، ئۇنى كەبىسە يىلى قىلىپ بېكىتكەن، شۇنداق بولغاندا بىر يىل366 كۈن بولىدۇ؛4 كە پۈتۈن بۆلگىلى بولمايدىغان يىللارنى ئادەتتىكى يىل قىلىپ بېكىتكەن، شۇنداق بولغاندا، بىر يىل365 كۈن بولىدۇ. مۇشۇ بويىچە ھەر تۆت يىلنىڭ ئىچىدە ئۈچ ئادەتتىكى يىل، بىر كەبىسە يىلى بولغان. جۇلىئان كالېندارى قوللىنىلغاندىن كېيىن، بىر يىل12 ئايغا بۆلۈنۈپ، تاق سانلىق ئايلار31 كۈنلۈك چوڭ ئاي، جۈپ سانلىق ئايلار30 كۈنلۈك كىچىك ئاي قىلىپ ئىشلىتىلگەن. ئىگىلىنىشىچە، بۇلار ئاساسلىق ھۆكۈمران جۇلىئاننىڭ خاھىشى بويىچە بولغانىكەن، چۈنكى، ئۇنىڭ تۇغۇلغان كۈنى7 - ئايدا بولغانلىقى ئۈچۈن،7 - ئاينى چوڭ ئاي قىلىپ بېكىتكەن. مۇشۇنداق بولغاندا، ھەر يىلى366 كۈن بولۇپ قالغان. ئادەتتىكى يىلنى365 كۈن قىلىش ئۈچۈن، بىر كۈننى چىقىرىۋېتىشكە توغرا كەلگەن. ئۇنداقتا، قايسى كۈننى چىقىرىۋېتىش كېرەك؟ رىۋايەتلەرگە ئاساسلانغاندا، قەدىمكى رىمدا ئۆلۈم جازاسى2 - ئايدا ئىجرا قىلىنىدىكەن، بۇ شۇم ئاينىڭ تېزرەك ئۆتۈپ كېتىشى ئۈچۈن، مۇشۇ ئايدىن بىر كۈننى چىقىرىۋېتىش قارار قىلىنغانىكەن. ئۇزاق ئۆتمەي جۇلىئاننىڭ جىيەنى ئاۋگۇست پادىشاھ بولغانىكەن. ئاۋگۇستنىڭ تۇغۇلغان كۈنى8 - ئايدا بولۇپ، بۇ ئاي كىچىك ئاي بولغانلىقى ئۈچۈن، ئۇ ئۆزىنىڭ نام - شۆھرىتىگە داغ يەتكۈزىدۇ دەپ ئويلاپ،2 - ئايدىن يەنە بىر كۈننى چىقىرىپ8 - ئايغا قوشۇپ،8 - ئاينى چوڭ ئايغا ئايلاندۇرىدىكەن. شۇ سەۋەبلىك2 - ئايدىن يەنە بىر كۈن كېمىيىپ، ئادەتتىكى يىلدا28 كۈن، كەبىسە يىلىدا29 كۈن بولۇپ قالغانىكەن. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا،8 - ئايدىن كېيىنكى تاق سانلىق ئايلار كىچىك ئاي، جۈپ سانلىق ئايلار چوڭ ئايغا ئۆزگەرتىلگەنىكەن. شۇنداق قىلىپ، بىر يىل ئىچىدىكى1 -،3 -،5 -،7 -،8 -،10 -،12 - ئايلار چوڭ ئاي،4 -،6 -،9 -،11 - ئايلار كىچىك ئاي بولۇپ قالغانىكەن. جۇلىئان كالېندارىدىكى يىللارنىڭ ئوتتۇرىچە كۈن سانى: (كۈن)25 .365=4 ÷ (كۈن366 +3×كۈن365 ) يەنى، بىر تروپىك يىلدىن0078 .0 كۈن كۆپ بولىدۇ. شۇنداق بولغاندا،400 يىلدا ئۈچ كۈن ئارتۇق بولىدۇ. مىلادىيە325 - يىلى ياۋروپا دىنىي ئىشلار يىغىنىدا ئەتىيازلىق كۈن - تۈن تەڭلىشىش ۋاقتى3 - ئاينىڭ21 - كۈنىگە بېكىتىلگەن. بىراق يۇقىرىقى سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن، قۇياش كالېندارىدىكى3 - ئاينىڭ21 - كۈنى (ئەتىيازلىق كۈن - تۈن تەڭلىشىش) ئەسلىي ئورنىغا ماس كەلمەي،3 - ئاينىڭ11 - كۈنىگە سۈرۈلۈپ كەتكەن. شۇڭا، رىم پاپاسى گرېگورى 1582 - يىلى كالېندار ئىسلاھاتى ئېلىپ بېرىشنى ئېلان قىلغان ھەمدە يېڭى كالېندارنى گرېگورى كالېندارى دەپ ئاتىغان، بۇ كالېندار دەل ھازىر خەلقئارادا بىر تۇتاش ئىشلىتىلىۋاتقان مىلادىيە كالېندارىدۇر. گرېگورى كالېندارى بىلەن بۇرۇنقى كالېندارلار پەقەت ئىككى جەھەتتىن ئوخشاشمايدۇ: بىر جەھەتتىن،1582 - يىل10 - ئاينىڭ4 - كۈنىنىڭ ئەتىسىنى10 كۈن ئاتلىتىپ ھېسابلاپ،10 - ئاينىڭ15 - كۈنى قىلىش بەلگىلەنگەن. بۇنداق بولغاندا،1200 نەچچە يىل مابەينىدە جۇغلىنىپ قالغان10 كۈنلۈك خاتالىق پەرقىنى توغرىلاپ، ئەتىيازلىق كۈن - تۈن تەڭلىشىشىنى3 - ئاينىڭ21 - كۈنىگە قايتۇرغىلى بولاتتى. يەنە بىر جەھەتتىن، شۇنىڭدىن كېيىن يەنە بۇخىل خاتالىق پەرقىنىڭ كېلىپ چىقىشىدىن ساقلانغىلى بولاتتى، گرېگورى كالېندارىدا، جۇلىئان كالېندارىدىكى4 كە پۈتۈن بۆلگىلى بولىدىغان يىللار كەبىسە يىلى بولىدۇ، دېگەن بەلگىلىمە ساقلىنىپ قالغاندىن تاشقىرى، يەنە پۈتۈن100 گە توغرا كەلگەن يىللار (يەنە ئەسىر يىلى دەپمۇ ئاتىلىدۇ) ھەققىدە قوشۇمچە بەلگىلىمە بېكىتىلگەن، يەنى ئەسىر يىللىرى ئىچىدە400 گە پۈتۈن بۆلگىلى بولىدىغان يىللار كەبىسە يىلى بولىدۇ، ئەكسىچە بولسا ئادەتتىكى يىل بولىدۇ دەپ بېكىتىلگەن. مەسىلەن،1600 - يىلى،1700 - يىلى،1800 - يىلى،1900 - يىلىدىن ئىبارەت بۇ تۆت ئەسىر يىلى جۇلىئان كالېندارى بويىچە كەبىسە يىلى بولىدۇ، ئەمما گرېگورى كالېندارىدا پەقەت1600 - يىلىلا كەبىسە يىلى بولىدۇ. شۇنداق قىلىپ، ھەر400 يىلدا ئۈچ كەبىسە يىلى كەملەپ كېتىدۇ، يەنى گرېگورى كالېندارى بويىچە400 يىل ئىچىدە ئاران97 كەبىسە يىلى بولىدۇ. گرېگورى كالېندارىدىكى كالېندار يىلىنىڭ ئايلار سانى بىلەن كالېندار ئېيىنىڭ كۈنلەر سانى جۇلىئان كالېندارىدىكى ئەھۋال بىلەن ئوخشاش بولىدۇ. گرېگورى كالېندارى بويىچە ئوتتۇرىچە كالېندار يىلى2425 .365 كۈن بولىدۇ، مۇشۇنداق بولغاندا،3000 يىل ئۆتكەندە ئاران بىر كۈن پەرق كېلىپ چىقىدۇ. گرېگورى كالېندارىدا كالېندار ئېيى قالايمىقانلىشىپ كەتكەن، كۈن ۋە ھەپتە ئۆزئارا ماس كەلمىگەن بولسىمۇ، لېكىن ئۇنىڭ ئارتۇقچىلىقى ناھايىتى كۆپ، جۈملىدىن ئۇ ناھايىتى توغرا ھېسابلانغان، ئۇنىڭدا چېسلا خېلى ئۇزاق مەزگىلگىچە مەۋسۇم ۋە تېرىقچىلىق مەزگىلىنى توغرا ئەكس ئەتتۈرۈپ بېرەلەيدۇ، كىشىلەر ناھايىتى ئاسانلا2000 ~3000 يىل ئىچىدىكى كۈنلەرنى ئايرىيالايدۇ. شۇنداق بولغانلىقى ئۈچۈن، گرېگورى كالېندارىنى دۇنيادىكى ھەرقايسى دۆلەتلەر ئومۇميۈزلۈك قوللانغان. مەملىكىتىمىز مىنگونىڭ1 - يىلى (1912 - يىلى) يېڭى يىلدىن باشلاپ گرېگورى كالېندارىنى قوللانغان
← بارلىق تېمىلار قۇياش ئائىلىسى
قۇياش كالېندارى | UyghurWiki | UyghurWiki