قۇياشنىڭ ئايلىنىشى
قۇياش ئائىلىسى
قۇياش سىستېمىسىدا، يەر شارى بىلەن بارلىق سەييارىلەرنىڭ ھەممىسى بىر تەرەپتىن، ئۆز ئوقىدا ئايلانسا، يەنە بىر تەرەپتىن، قۇياش ئەتراپىدا ئايلىنىدۇ. ئۇنداقتا، قۇياش سىستېمىسىنىڭ مەركىزى بولغان قۇياش ھەم ئۆز ئوقىدا، ھەم ئوربىتىلىق ئايلىنامدۇ؟ بۇ مەسىلىنى قەدىمكىلەر بىلمەي كەلگەنىدى.1609 - يىلىغا كەلگەندە، گالىلېي تېلېسكوپنى ئىجاد قىلغاندىن كېيىنلا، كىشىلەر قۇياشنىڭ ئۆز ئوقىدا توختىماي ئايلىنىدىغانلىقىنى ئىسپاتلىدى.
قۇياشنىڭ ئۆز ئوقىدا ئايلىنىش يۆنىلىشى يەر شارىنىڭكىگە ئوخشاش بولىدۇ، يەنى ئۇمۇ غەربتىن شەرققە قاراپ ئايلىنىدۇ، شۇڭا، يەر شارىدا تۇرۇپ قارىغاندا قۇياش يۈزىدىكى قارا داغلار شەرقتىن غەربكە قاراپ سىلجىغاندەك كۆرۈنىدۇ. قۇياش − گاز ھالەتتىكى شارسىمان جىسىم بولغاچقا، ئوخشاش بولمىغان كەڭلىكلەردىكى ئايلىنىش سۈرئىتىمۇ ئوخشاش بولمايدۇ. ئېكۋاتور رايونىدىكى ئايلىنىش سۈرئىتى ئەڭ تېز بولۇپ، بىر ئايلىنىپ چىقىش ئۈچۈن25 كۈن كېتىدۇ. كەڭلىكنىڭ ئېشىپ بېرىشىغا ئەگىشىپ، ئايلىنىش سۈرئىتى بارغانسېرى ئاستىلاپ، °80 كەڭلىكتىكى رايونغا كەلگەندە، بىر ئايلىنىپ چىقىش ئۈچۈن35 كۈن كېتىدۇ. توققۇز چوڭ سەييارىنىڭ ئايلىنىش سۈرئىتى بىلەن سېلىشتۇرغاندا، پەقەت مېركۇرىي بىلەن ۋېنېرانىڭلا ئۆز ئوقىدا ئايلىنىش دەۋرى قۇياشنىڭكىدىن ئۇزاق بولىدۇ، باشقا سەييارىلەر (يەر شارىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان) نىڭ ئۆز ئوقىدا ئايلىنىش دەۋرى ئومۇمەن قۇياشنىڭ ئۆز ئوقىدا ئايلىنىش دەۋرىدەك ئۇزاق بولمايدۇ. يېقىنقى يىللاردىن بۇيانقى تەتقىقاتلاردىن قۇياشنىڭ ئىچكى قىسمىدىكى ئوخشاش بولمىغان قەۋەتلەرنىڭ ئۆز ئوقىدا ئايلىنىش دەۋرى ئوخشاش بولمايدىغانلىقى بايقالدى.
قۇياش ئۆز ئوقىدا ئايلىنىپلا قالماستىن، بەلكى يەنە قۇياش سىستېمىسىدىكى بارلىق ئەزالىرىنى ئەگەشتۈرۈپ، سېكۇنتىغا250 كىلومېتىرلىق سۈرئەت بىلەن سامانيولى سىستېمىسىنىڭ مەركىزىنى چۆرىدەپ ئۇچقاندەك ئايلىنىدۇ. بىز بۇ ھەرىكەتنى «قۇياشنىڭ ئوربىتىلىق ئايلىنىش ھەرىكىتى» دەپ ئاتايمىز. قۇياشنىڭ ئوربىتىلىق ئايلىنىش دەۋرى تەخمىنەن250 مىليون يىل. قۇياش سامانيولى سىستېمىسىنىڭ مەركىزىنى چۆرىدەپ ئايلىنىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، يەنە سېكۇنتىغا20 كىلومېتىرلىق تېزلىك بىلەن گېركۇلېس يۇلتۇز تۈركۈمىگە قاراپ قەدەممۇقەدەم سىلجىماقتا.
قۇياش شۇنداق تېزلىك بىلەن ھەرىكەت قىلسىمۇ، بىز بۇنى نېمە ئۈچۈن سېزەلمەيمىز؟ بۇنىڭ سەۋەبى قۇياش سىستېمىسىدىكى بارلىق ئەزالارنىڭ ھەممىسى قۇياشقا ئەگىشىپ ھەرىكەت قىلىدۇ، يەنە كېلىپ ھەربىرى قۇياش بىلەن ئوخشاش تېزلىكتە ماس قەدەملىك ھەرىكەت قىلىدۇ، شۇڭا، بىز ئاسانلىقچە بۇ خىل ماس قەدەملىك ھەرىكەتنى سېزەلمەيمىز، پەقەت قۇياش بىلەن ئۆزىمىز ئارىسىدىكى نىسپىي ھەرىكەتنىلا سېزەلەيمىز. بۇ كىشىلەرنىڭ يەر شارىنىڭ ئۆز ئوقىدا ئايلىنىدىغانلىقىنى ھېس قىلالمىغىنىغا ئوخشايدۇ.