ھالىلېي قۇيرۇقلۇق يۇلتۇزى
قۇياش ئائىلىسى
1682- يىل11 - ئاينىڭ22 - كۈنى كەچتە، پۈتۈن لوندون شەھىرىدە قالايمىقانچىلىق يۈز بېرىپ، ھەممە يەردىن كىشىلەرنىڭ نالە - پەرياد ئاۋازى ۋە تەڭرىدىن ئامانلىق تىلىگەن تىلاۋەت قىلغان ئاۋازنى ئاڭلىغىلى بولاتتى. بۇ زادى نېمە ئىش؟ ئەسلىدە، بۇ كۈنى كەچتە ئاسماندا شەكلى غەلىتە بولغان غايەت زور «غەلىتە مەخلۇق» − ئالاھىدە چوڭ قۇيرۇقلۇق يۇلتۇز پەيدا بولغان، ئۇ نۇر چېچىپ تۇرغان ئۆتكۈر شەمشەرگە ئوخشاش قاراڭغۇ كېچە ئاسمىنىنى كېسىپ ئۆتۈپ، يۇلتۇز قاپلىغان ئاسماننىڭ ئەسلىي تۈسىنى ئۆزگەرتىۋەتكەنىدى. ۋەھالەنكى، ئۇ گويا بىر چوڭ سۈپۈرگىگە ئوخشاش ئاسمان بوشلۇقىدا مۇئەللەق تۇرۇپ، كىشىلەرنى تولىمۇ تەشۋىشلەندۈرگەنىدى.
بۇ كۈنى ئەنگلىيە ئاسترونومىيە ئالىمى ھالىلېيمۇ پۈتۈن دىققىتى بىلەن ئاسمانغا قاراپ تۇراتتى، ئۇ باشقىلارغا ئوخشاش قورقۇپ كەتمەستىن، بەلكى تېلېسكوپ بىلەن بۇ ئۆزگىچە يۇلتۇزنى ئىنچىكىلىك بىلەن كۆزەتتى. بۇ قۇيرۇقلۇق يۇلتۇزنىڭ تارىختا پەيدا بولغان ئىككى قۇيرۇقلۇق يۇلتۇز بىلەن ئوخشاشلىقى بارلىقىنى بايقىدى. ئۇ تارىخىي ماتېرىياللاردىن ئىزدىنىش ئارقىلىق، تەخمىنەن76 يىل ئىلگىرى، يەنى1607 - يىلى بىر چوڭ قۇيرۇقلۇق يۇلتۇزنىڭ پەيدا بولغانلىقىنى، يەنە ئالدىغا76 يىل سۈرگەندە، يەنى1531 يىلىمۇ يەنە بىر چوڭ قۇيرۇقلۇق يۇلتۇزنىڭ پەيدا بولغانلىقىنى ئېنىقلاپ چىقتى. ھالىلېي ھېسابلاش ئارقىلىق بۇ قۇيرۇقلۇق يۇلتۇزنىڭ ئوربىتىسىنىڭ ئالدىنقى ئىككى قېتىم پەيدا بولغان چوڭ قۇيرۇقلۇق يۇلتۇزلارنىڭ ئوربىتىسىغا ناھايىتى ئوخشايدىغانلىقىنى ئىسپاتلاپ چىقتى. شۇنىڭ بىلەن ھالىلېي1682 - يىلى،1607 - يىلى ۋە1531 - يىلى ئۈچ قېتىم پەيدا بولغان ئۈچ چوڭ قۇيرۇقلۇق يۇلتۇز ئەمەلىيەتتە تەخمىنەن76 يىلنى بىر دەۋر قىلىپ قۇياش ئەتراپىدا ئايلىنىدىغان قۇيرۇقلۇق يۇلتۇزدىن ئىبارەت دېگەن قانۇنىيەتنى يۈرەكلىك ھالدا ئوتتۇرىغا قويدى. ئۇ يەنە76 يىل ئۆتكەندىن كېيىن، بۇ قۇيرۇقلۇق يۇلتۇز يەنە پەيدا بولىدۇ دەپ ئالدىن ھۆكۈم قىلدى. راست دېگەندەك، بۇ چوڭ قۇيرۇقلۇق يۇلتۇز نەزەرىيىدە مۆلچەرلەنگەن ئورۇندا1759 - يىلىنىڭ بېشىدا يەنە بىر قېتىم پەيدا بولدى. ئەپسۇسلىنارلىقى شۇكى، ھالىلېي1742 - يىلى ئالەمدىن ئۆتكەن بولۇپ، ئۆز مۆلچەرىنىڭ ئەمەلىيەتكە ئايلانغانلىقىنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرەلمىدى.
بۇ چوڭ قۇيرۇقلۇق يۇلتۇزغا دائىر ھېسابلاش ۋە ئالدىن مۆلچەرلەشنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك بولۇشى، ئاسترونومىيە تارىخىدىكى كىشىنى خۇش قىلىدىغان زور نەتىجە ئىدى. شۇڭا، ھالىلېينىڭ بۇ ئۇلۇغ تۆھپىسىنى خاتىرىلەش ئۈچۈن كىشىلەر ئۇ قۇيرۇقلۇق يۇلتۇزغا «ھالىلېي قۇيرۇقلۇق يۇلتۇزى» دەپ نام بەردى.
باشقا كۆپ ساندىكى قۇيرۇقلۇق يۇلتۇزلارغا ئوخشاش ھالىلېي قۇيرۇقلۇق يۇلتۇزىمۇ مۇز ۋە باشقا مۇز ماددىلىرى، تاغ جىنسلىرىدىن تەركىب تاپقان. ئۇ قۇياشتىن يىراق ئورۇندا ھەرىكەت قىلغاندا تېمپېراتۇرىسى بىرقەدەر تۆۋەن بولىدىغانلىقى ئۈچۈن، ماددىلار قېتىشىپ، قاتتىق ھالەتكە ئۆتىدۇ، ھەجىمىمۇ كىچىكلەيدۇ، بۇ قاتتىق ھالەتتىكى ماددا قۇيرۇقلۇق يۇلتۇز يادروسى دەپ ئاتىلىدۇ. قۇيرۇقلۇق يۇلتۇز يادروسى قۇياشقا يېقىن ئورۇندا ھەرىكەت قىلغاندا تېمپېراتۇرىسى بارغانسېرى يۇقىرى ئۆرلەپ، مۇز ماددىلىرى پارلىنىپ، قۇيرۇقلۇق يۇلتۇز يادروسىدىنمۇ چوڭ بولغان »قۇيرۇقلۇق يۇلتۇز چېچى« نى ھاسىل قىلىدۇ، قارىماققا ئۇ يورۇق داغقا ئوخشايدۇ، چوڭ - كىچىكلىكى ۋە يورۇقلۇقىمۇ بارغانسېرى چوڭىيىدۇ. ئۇ قۇياشقا داۋاملىق يېقىنلاشقان چاغدا، قۇياش رادىئاتسىيىسى ۋە قۇياش بورىنىنىڭ تەسىرىدە، قۇيرۇقلۇق يۇلتۇزنىڭ قۇيرۇقى پەيدا بولۇشقا باشلايدۇ، يۆنىلىشى داۋاملىق قۇياشقا تەتۈر بولىدۇ.1910
- يىلى ھالىلېي قۇيرۇقلۇق يۇلتۇزى قايتىش ۋاقتىدا، ئاسترونومىيە ئالىملىرى شۇ يىلى5 - ئاينىڭ مەلۇم بىر كۈنى قۇياش، ھالىلېي قۇيرۇقلۇق يۇلتۇزى ۋە يەر شارى بىر تۈز سىزىقنى ھاسىل قىلىدۇ ھەمدە ھالىلېي قۇيرۇقلۇق يۇلتۇزىنىڭ قۇيرۇقى يەر شارىنى سىيپاپ ئۆتىدۇ، دەپ ھېسابلاپ چىققانىدى. ئەينى ۋاقىتتا نۇرغۇن كىشىلەر ئالاقزادە بولغانلىقتىن، قىيامەت قايىم بولىدىغان ئوخشايدۇ، دەپ نېمە قىلارىنى بىلمەي قالغانىدى. ئەمەلىيەتتە بۇ «غايەت زور مەخلۇق» ئىنسانلارغا ھېچقانداق خېيىمخەتەر ئېلىپ كەلمەيتتى، چۈنكى، ئۇنىڭ ماسسىسى ئىنتايىن كىچىك بولۇپ، يەر شارى ماسسىسىنىڭ600 مىليوندىن بىرىگە توغرا كېلىدۇ، شۇڭا، ئۇنىڭ يەر شارىنى تارتىش كۈچى ناھايىتى ئاجىز بولۇپ، يەر شارىنىڭ ئوربىتىسىنى ئۆزگەرتىۋېتەلمەيتتى. يەنە كېلىپ قۇيرۇقىمۇ ئىنتايىن شالاڭ بولۇپ، زىچلىقى پەقەت يەر شارى سىرتقى يۈزى ھاۋا زىچلىقىنىڭ100000000000000000 /1 گە توغرا كېلىدۇ، ئەگەر قۇيرۇقلۇق يۇلتۇزنىڭ قۇيرۇقى يەر شارىنى سىيپاپ ئۆتۈپ كەتكەن تەقدىردىمۇ كىشىلەر ئۇنى ھېس قىلالمايدۇ.1986
- يىلى ھالىلېي قۇيرۇقلۇق يۇلتۇزى ئاسماندا يەنە بىر قېتىم پەيدا بولدى.