UyghurWiki
UyghurWikiقۇياش ئائىلىسىكىچىك سەييارىلەر

كىچىك سەييارىلەر

قۇياش ئائىلىسى كىچىك سەييارىلەرنىڭ كۆپىنچىسى مارس بىلەن يۇپىتېر ئوربىتىسىنىڭ ئارىسىغا جايلاشقان بولۇپ، ئېللىپسسىمان ئوربىتىنى بويلاپ قۇياش ئەتراپىدا ئايلىنىپ، ھالقىسىمان كىچىك سەييارىلەر بەلۋېغىنى ھاسىل قىلىدۇ. ھازىر ھەرىكەت ئوربىتىسى ئېنىقلانغان، ئىسىم ۋە نومۇرى قويۇلغان كىچىك سەييارىلەر3000 دىن ئاشىدۇ، بۇنىڭ ئىچىدە40 تىن كۆپرەكىنى مەملىكىتىمىزنىڭ ئاسترونوملىرى بايقىغان. ئالەمنى تەكشۈرۈشتىن مۆلچەرلىنىشىچە، جەمئىي500 مىڭدىن كۆپرەك كىچىك سەييارە بار ئىكەن. كىچىك سەييارىلەرمۇ قۇياش ئەتراپىدا ئايلىنىدۇ، شۇڭا، ئۇلار سەييارىسىمان ئاسمان جىسمىغا تەۋە. ئەڭ چوڭ كىچىك سەييارىنىڭ دىئامېتىرى ئاي شارى دىئامېتىرىنىڭ ئاران5 /1 ئۈلۈشىگە تەڭ. قالغانلىرىنىڭ دىئامېتىرى50 ~70 كىلومېتىرغىچە كېلىدۇ، يەنىمۇ كىچىكلىرىدىن دىئامېتىرى200 مېتىر كېلىدىغانلىرىمۇ بار.1766 - يىلى گېرمانىيىنىڭ ئوتتۇرا مەكتەپ ماتېماتىكا ئوقۇتقۇچىسى تىتىيۇس مېركۇرىي، ۋېنېرا، مارس، يەر شارى، يۇپىتېر، ساتۇرن قاتارلىقلارنىڭ قۇياش بىلەن بولغان ئارىلىقلىرى ئارىسىدا قىزىقارلىق سانلىق مۇناسىۋەت بارلىقىنى بايقىغان، يەنى بىرىنچى سان0 ، ئىككىنچى سان3 .0، ئاندىن تەرتىپ بويىچە ئالدىنقى ساندىن بىر ھەسسە چوڭ بولغان ساننى يازساق، تۆۋەندىكى سانلار ئارقىمۇئارقىلىقى كېلىپ چىقىدۇ:0 ،3 .0،6 .0،2 .1،4 .2،8 .4،6 .9،2 .19 ... بۇ سانلار ئارقىمۇئارقىلىقىدىكى ھەربىر سانغا4 .0 نى قوشۇپ بەرسەك، يەنە بىر سانلار ئارقىمۇئارقىلىقى، يەنى:4 .0،7 .0،0 .1،6 .1،8 .2،2 .5،10 ،6 .19 ...گە ئېرىشىمىز. تىتىيۇس، ئەگەر قۇياش بىلەن يەر شارى ئارىسىدىكى ئارىلىقنى بىر ئۆلچەم بىرلىكى قىلساق، ئۇ چاغدا8 .2 دىن باشقا، يۇقىرىدىكى سانلار ئارقىمۇئارقىلىقى سەييارىلەرنىڭ قۇياشقىچە بولغان ئارىلىقىنى خېلى توغرا ئېنىقلىقتا ئىپادىلەپ بېرىدۇ دەپ كۆرسەتكەن. مەسىلەن، مېركۇرىينىڭ ئارىلىقى4 .0 قۇياش - يەر ئارىلىقىغا تەڭ بولىدۇ، ۋېنېرانىڭ7 .0 بولىدۇ، يەر شارىنىڭ1 ، مارسنىڭ6 .1، يۇپىتېرنىڭ2 .5، ساتۇرننىڭ10 بولىدۇ.15 يىلدىن كېيىن، ھېرشېل ئۇراننى بايقىغان. ئوربىتىغا ئاساسەن ھېسابلىغاندا، ئۇراننىڭ قۇياش بىلەن بولغان ئارىلىقى دەل6 .19 گە يېقىنلىشىپ، يۇقىرىدا بايان قىلىنغان سانلار ئارقىمۇئارقىلىقىغا ماس كەلگەن. شۇنداق قىلىپ، كىشىلەردە سانلار ئارقىمۇئارقىلىقى8 .2 بولغان رايونغا نىسبەتەن، يەنى مارس بىلەن يۇپىتېر ئارىسىدىكى بوشلۇققا نىسبەتەن چۈشىنىكسىز تۇيغۇ پەيدا بولدى. بەزى ئاسترونومىيە ئالىملىرى بۇنىڭدىن مارس بىلەن يۇپىتېر ئوتتۇرىسىدا تېخى بايقالمىغان يەنە بىر سەييارىنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى پەرەز قىلدى. ئويلىمىغان يەردىن1801 - يىل1 - ئاينىڭ1 - كۈنى، ئىتالىيىنىڭ سىتسىلىيە ئارىلىدىكى ئاسترونومىيە رەسەتخانىسىنىڭ باشلىقى پىئاززى بۇ رايوندىن دىئامېتىرى700 كىلومېتىردىن ئاشىدىغان يېڭى سەييارىنى بايقىدى ھەمدە ئۇنىڭغا «سېرېرا» دەپ نام بەردى. بۇ ئىش ئەينى ۋاقىتتا ئىلىم - پەن ساھەسىنى زىلزىلىگە سالغانىدى. ئۇزاق ئۆتمەي گېرمانىيە ئاسترونومىيە ئالىمى ئولبېرس1802 - يىل3 - ئاينىڭ28 - كۈنى مارس بىلەن يۇپىتېر ئارىلىقىدىن باشقا بىر كىچىك سەييارە − پاللادانى؛ گېرمانىيە ئاسترونومىيە ئالىمى خاردىن1804 - يىلى يەنە3 - كىچىك سەييارە — يۇنونانى؛1807 - يىلى ئولبېرس4 - كىچىك سەييارە − ۋېستانى بايقىدى. كىچىك سەييارىلەرنىڭ داۋاملىق بايقىلىشى ئاسترونومىيە ئالىملىرىغا «تىتىيۇس پرىنسىپى» دا كۆرسىتىلگەن8 .2 يېنىدا، يەنى مارس بىلەن يۇپىتېر ئارىسىدا مەۋجۇت بولغان سەييارە پەقەت بىرلا بولماستىن، بەلكى بىر تۈركۈم كىچىك سەييارىلەردىن تەركىب تاپقان كىچىك سەييارىلەر بەلۋېغى ئىكەنلىكىنى چوڭقۇر تونۇتتى. كىچىك سەييارىلەرنىڭ ھاسىل بولۇش سەۋەبى توغرىسىدا ئاسترونوملاردا ئىلگىرى ھەر خىل قاراشلار بار ئىدى. كۆپ ساندىكى كىشىلەر نۇرغۇنلىغان كىچىك سەييارىلەر چوڭ بىر سەييارىنىڭ پارتلىشىدىن ھاسىل بولغان ئەمەس، بەلكى قۇياش سىستېمىسى شەكىللەنگەن دەسلەپكى چاغدىلا مەلۇم سەۋەبلەر تۈپەيلى مارس بىلەن يۇپىتېر ئارىسىدىكى بوش بەلۋاغدا پەيدا بولغان، لېكىن جۇغلىنىپ بىر چوڭ سەييارىنى ھاسىل قىلالمىغان، ئەكسىچە «يېرىم مەھسۇلات» − كىچىك سەييارىلەر بەلۋېغىنى ھاسىل قىلغان دەپ قارىدى. ھازىرقى كىچىك سەييارىلەر بەلۋېغى ئەينى چاغدىكى كىچىك سەييارىلەر بەلۋېغىنىڭ ئاز بىر قىسىم قالدۇقىدىن ئىبارەت. كىچىك سەييارىلەر كىچىكرەك بولغاچقا،1000 سېلىسىيە گرادۇستىن يۇقىرى بولىدىغان ئىسسىقلىق جەريانىنى باشتىن كەچۈرمىگەن، شۇڭلاشقا قۇياش سىستېمىسىدا ئۇزاق مۇددەت «سوغۇق ساقلانغان»، «تاش قاتما» غا ئايلانغان، بۇ كىچىك سەييارىلەردە قۇياش سىستېمىسىنىڭ دەسلەپكى دەۋرىدىكى نۇرغۇن ئالامەتلەر (ئۇچۇرلار) ساقلانغان. كىچىك سەييارىلەر بەلۋېغىنى تەتقىق قىلىش قۇياش سىستېمىسى، سەييارىلەرنىڭ ئۆزگىرىشى ۋە يەر شارى ئىلمى توغرىسىدا ئىزدىنىش قاتارلىق جەھەتلەردە ناھايىتى مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.
← بارلىق تېمىلار قۇياش ئائىلىسى