كالېندار
قۇياش ئائىلىسى
قەدىمدىن بۇيان، ئىنسانلار ئاسمان جىسىملىرىنىڭ ئاسمان شارىدىكى ھەرىكىتىدىن پايدىلىنىپ ۋاقىت ھېسابلاپ كەلگەن. چۈنكى، بۇ خىل ھەرىكەت ھەم تەكشى بولىدۇ، ھەم بارلىق ئادەم ئۇنى كۆزىتەلەيدۇ، ئۇنىڭدىن پايدىلىنالايدۇ. ئالدى بىلەن قۇياشنىڭ شەرقتىن كۆتۈرۈلۈپ غەربكە پېتىش ھەرىكىتى (يەنى سوتكىلىق كۆرۈنمە ھەرىكەت) دىن پايدىلىنىپ كۈن، سائەت، مىنۇت، سېكۇنت قاتارلىق «بىر كۈن» ئىچىدىكى ۋاقىتنى ھېسابلاپ چىققىلى بولىدۇ. بىزنىڭ ئادەتتە بىر كۈن24 سائەتكە تەڭ بولىدۇ دېگىنىمىز، قۇياشنىڭ دەۋرىيلىك كۆرۈنمە ھەرىكىتىنىڭ ئوتتۇرىچە دەۋرىيلىكىدىن ئىبارەت. »كۈن« دىن ئۇزاق ۋاقىت بىرلىكلىرىدىن يەنە «ئاي» ۋە «يىل» بار. كالېندار يىل، ئاي، كۈنلەرنىڭ ئۇزاقلىقى، شۇنداقلا ئۇلارنىڭ ئۆزئارا مۇناسىۋىتىنى ھېسابلايدۇ ھەم كالېندار ئېيى ۋە يىللارنى، ھەتتا ئەسىرلەرنى قائىدىسى بويىچە ھېسابلاپ مۇقىملاشتۇرىدۇ.
كالېنداردىكى ئەڭ ئاساسىي بىرلىك − قەمەرىيە ئېيى بىلەن تروپىك يىلىدۇر. بىر قەمەرىيە ئېيى5306 .29 كۈنگە تەڭ بولىدۇ، ئۇ ئاي فازىلىرىنىڭ ئۆزگىرىش دەۋرى، دېڭىز سۈيىنىڭ كۆتۈرۈلۈش - پەسىيىشى، كۈن تۇتۇلۇش ۋە ئاي تۇتۇلۇش ھادىسىلىرى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولغانلىقى ئۈچۈن، كىشىلەر ئەڭ دەسلەپتە ئۇنىڭ بىلەن ۋاقىت ھېسابلىغان. بىر تروپىك يىلى2422 .365 كۈنگە تەڭ، بۇ قۇياشنىڭ تىك چۈشۈش نۇقتىسى يەر شارى ئېكۋاتورىنىڭ جەنۇب ۋە شىمالىدا قىلغان تروپىك ھەرىكىتىنىڭ دەۋرى (يەر شارىنىڭ قۇياش ئەتراپىدا ئايلىنىش دەۋرى بىلەن پۈتۈنلەي تەڭ بولمايدۇ) دۇر، شۇڭلاشقا، يەر شارىدىكى پەسىللەرنىڭ ئالمىشىش دەۋرى بىلەن ئوخشاش بولىدۇ؛ ئەگەر ئۇنى دەۋر قىلىپ كۈنلەرنىڭ ئالمىشىشىنى ھېسابلىساق، چېسلا مەۋسۇم ۋە تېرىقچىلىق مەزگىلىنى ئەكس ئەتتۈرۈپ بېرىدۇ. بۇ يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشى ئۈچۈن ئىنتايىن مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.
بىراق، تروپىك يىلى بىلەن قەمەرىيە ئېيىدا كۈنلەر پۈتۈن سان ھەسسىسىگە تەڭ بولمايدۇ، بەلكى ئەمەلىيەتتە قوللىنىۋاتقان يىل ۋە ئاي، ئالماناخ ياكى كالېنداردىكى يىللار ۋە ئايلار جەزمەن كۈننىڭ پۈتۈن سان ھەسسىسى بولۇشى كېرەك. مەسىلەن، بىر ئاينى53 .29 كۈن، بىر يىلنى365 كۈن بولىدۇ، دەپ پەرەز قىلىشقا بولمايدۇ. چۈنكى، بۇنداق دېسەك، بىر - ئىككى يىل ئىچىدە خاتالىق چىقمايدۇ، بىراق، يىللار ئۇزارغانسېرى خاتالىق پەرقى يىغىلىپ، چېسلا مەۋسۇمنى توغرا ئەكس ئەتتۈرۈپ بېرەلمەيدۇ.
بۇ مەسىلىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن، كىشىلەر چوڭ ئاي، كىچىك ئاي ياكى چوڭ يىل، كىچىك يىلنى نۆۋەتلەشتۈرۈپ تىزىپ چىقىش ئۇسۇلىنى قوللىنىپ، يىللار ياكى ئايلارنى پۈتۈن سانلىق كۈنگە ئايلاندۇرۇپ، يىللار ياكى ئايلارنىڭ ئوتتۇرىچە قىممىتىنى تروپىك يىلى ياكى قەمەرىيە ئېيىغا تەڭ قىلدى. مەسىلەن، چوڭ ئاي30 كۈن، كىچىك ئاي29 كۈن قىلىنىپ،100 ئايغا53 چوڭ ئاي ئورۇنلاشتۇرغاندا ھەمدە ئوتتۇرىچە كالېندار ئېيىنى53 .29 كۈنگە تەڭ قىلغاندا، قەمەرىيە ئېيىغا يېقىنلاشتۇرغىلى بولىدۇ.
بۇنىڭدىن باشقا، تروپىك يىلى3683 .12 قەمەرىيە ئېيىغا تەڭ بولۇپ، ئىككىسىنىڭ ئوتتۇرىسىدىمۇ ئايلار پۈتۈن سان ھەسسىسىگە تەڭ بولمايدۇ. شۇڭا، بىر يىلنى12 ئايغا بۆلسەك، يىل ۋە ئايغا تەڭ ئېتىبار بەرگىلى بولمايدۇ. مەسىلەن، ئەگەر ئوتتۇرىچە كالېندار ئېيىنى قەمەرىيە ئېيىغا تەڭ بولىدۇ، دېسەك، ئۇ چاغدا بىر يىل (12 كالېندار ئېيى) بىر تروپىك يىلىغا تەڭ بولمايدۇ؛ ئەگەر ئوتتۇرىچە بىر كالېندار يىلىنى بىر تروپىك يىلىغا،12 ئوتتۇرىچە كالېندار ئېيىغا تەڭ بولىدۇ، دېسەك، ئۇ چاغدا بىر ئوتتۇرىچە كالېندار ئېيى قەمەرىيە ئېيىغا تەڭ بولمايدۇ. شۇڭا، قەدىمدىن تارتىپ ھازىرغىچە ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ كالېندارى ھەر خىل بولسىمۇ، لېكىن، تۆۋەندىكى ئۈچ خىلنىڭ سىرتىدا بولمىدى: تروپىك يىلنى ئاساس قىلغان قۇياش كالېندارى؛ قەمەرىيە ئېيىنى ئاساس قىلغان ئاي كالېندارى؛ بىر يىل12 ئايغا تەڭ بولىدۇ، دەيدىغان ئەنئەنىنى بۇزۇپ تاشلىغان ھەم تروپىك يىلى، ھەم قەمەرىيە ئېيىنىڭ دەۋرىگە ئەمەل قىلغان ئاي - قۇياش كالېندارىدىن ئىبارەت.