UyghurWiki
UyghurWikiقۇياش ئائىلىسىپېرتۇرباتسىيە ۋە پرېتسېسسىيە

پېرتۇرباتسىيە ۋە پرېتسېسسىيە

قۇياش ئائىلىسى نەزەرىيە جەھەتتىن ھېسابلىغاندا، ئەگەر ئالەم بوشلۇقىدا پەقەت قۇياش ۋە يەر شارىدىن ئىبارەت ئىككىلا ئاسمان جىسمى مەۋجۇت بولغاندا، يەر شارى قۇياشنىڭ تارتىش كۈچى تەسىرىدە، ئېللىپسسىمان ئوربىتىدا قۇياشنى ئايلىنىپ نورمال ھەرىكەتتە بولىدىغانلىقى ئىسپاتلىنىدۇ. بىراق، ئالەمدە سانسىزلىغان ئاسمان جىسىملىرى بار بولۇپ، بۇ ئاسمان جىسىملىرى (بولۇپمۇ ئاي شارى ۋە قۇياش سىستېمىسىدىكى باشقا سەييارىلەر) مۇ تارتىش كۈچى ئارقىلىق يەر شارىغا تەسىر كۆرسىتىدۇ، شۇ سەۋەبتىن، يەر شارىنىڭ قۇياش ئەتراپىدا ئايلىنىش ئەمەلىي ئوربىتىسى نەزەرىيىدە ھېسابلانغان ئېللىپسسىمان ئوربىتىدىن ئېغىپ كېتىدۇ. بۇ خىل ھادىسە ئاسترونومىيىدە پېرتۇرباتسىيە دەپ ئاتىلىدۇ. پېرتۇرباتسىيە ھادىسىسى ئالەمدە ئومۇميۈزلۈك مەۋجۇت بولىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، ئاسمان جىسمىنىڭ ئۆزىنىڭ قانۇنىيەتسىز شەكىل - ھالىتى (مەسىلەن، پۈتۈنلەي شارسىمان ئەمەس) مۇ پېرتۇرباتسىيە ھادىسىسىنى شەكىللەندۈرىدۇ، بىراق بۇ خىل پېرتۇرباتسىيە ئادەتتە ئىنتايىن ئاجىز بولىدۇ. پېرتۇرباتسىيە ھادىسىسىنى تەتقىق قىلىش ئىنتايىن مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. ئالىملار ھەمىشە مەلۇم ئاسمان جىسمىنىڭ پېرتۇرباتسىيە تەسىرىگە ئۇچرىغان ئەھۋالىغا ئاساسلىنىپ تۇرۇپ، بۇ خىل پېرتۇرباتسىيىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان كۈچ ۋە بۇ كۈچنى پەيدا قىلغان ئاسمان جىسمىنى ئالدىن مۆلچەرلەيدۇ. مەسىلەن، ئۆز ۋاقتىدا ئالىملار نېپتۇننى ئۇنىڭ ئۇرانغا بولغان پېرتۇرباتسىيىسىگە ئاساسلىنىپ بايقىغان؛ پلۇتونمۇ ئۇنىڭ نېپتۇنغا بولغان پېرتۇرباتسىيىسى كۆزىتىلگەندىن كېيىن بايقالغان. ئالىملار ھەمىشە سەييارىلەرنىڭ كىچىك سەييارىلەرگە بولغان پېرتۇرباتسىيىسىگە ئاساسەن، ئۇلارنىڭ ماسسىسىنى ئېنىق ھېسابلاپ بېكىتىدۇ. ئاسمان جىسىملىرىنىڭ پرېتسېسسىيە ھادىسىسىمۇ ئاسمان جىسىملىرىنىڭ ئۆز ئوقىدا ئايلىنىشىنىڭ بىر خىل شەكلى. نۇر (پىرقىرىغۇچ) ئويناپ باققان كىچىك دوستلارنىڭ ھەممىسى ئەگەر بىر نۇرنى سىلىق قاچىغا قويۇپ ئۇنى تېز سۈرئەتتە ئايلاندۇرغاندا، نۇر ئۆزىنىڭ ئايلىنىش ئوقىنى (ئۆز ئوقىدا ئايلىنىش ئوقى دېيىلىدۇ) چۆرىدەپ ھەرىكەت قىلىشى بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئۇنىڭ ئايلىنىش ئوقى يەنە باشقا بىر ئوقنى (پرېتسېسسىيە ئوقى دېيىلىدۇ) چۆرىدەپ ھەرىكەت قىلىۋاتقانلىقىنى بىلىدۇ. بۇ خىل ھەرىكەت «پرېتسېسسىيە» دەپ ئاتىلىدۇ. ئالەمدىكى بارلىق ئاسمان جىسىملىرى نۇرغا ئوخشاش، ئۆزىنىڭ ئايلىنىش ئوقىنى چۆرىدەپ توختىماي ئايلىنىپ تۇرىدۇ. بەلگىلىك تەسىر كۈچكە ئۇچرىغان شارائىتتا، ئاسمان جىسىملىرىنىڭ ئۆزىنىڭ ئايلىنىش ئوقى خۇددى نۇرنىڭ ئايلىنىش ئوقىغا ئوخشاش پرېتسېسسىيە پەيدا قىلىدۇ. لېكىن، ئاسمان جىسىملىرىنىڭ پرېتسېسسىيە مىقدارى ئىنتايىن كىچىك بولىدۇ. مەسىلەن، يەر شارىنىڭ ئايلىنىش ئوقىنىڭ پرېتسېسسىيە بولۇش نەتىجىسىدە يەر شارىنىڭ ئۆز ئوقىدا ئايلىنىش ئوقىنىڭ يۆنىلىشى، شۇنىڭدەك ئايلىنىش ئوقى بىلەن تىك بولغان ئېكۋاتور تەكشىلىك يۈزىنى ئۈزلۈكسىز ئۆزگەرتىپ تۇرىدۇ، شۇڭا، ئاسمان شارىدىكى ئاسمان ئېكۋاتورى بىلەن ئېكلىپتىكىنىڭ كېسىشىش نۇقتىسى (ئاسترونومىيىدە ئەتىيازلىق كۈن - تۈن تەڭلىشىش نۇقتىسى ۋە كۈزلۈك كۈن - تۈن تەڭلىشىش نۇقتىسى دەپ ئاتىلىدۇ) مۇ ئۈزلۈكسىز ئۆزگىرىپ تۇرىدۇ، بۇ خىل ھادىسە »ئىككى كۈن تەڭلىك نۇقتىلىرىنىڭ غەربكە يۆتكىلىشى« دەپ ئاتىلىدۇ. بىراق، بۇ خىل غەربكە يۆتكىلىش ئىنتايىن ئاستا بولۇپ، تەخمىنەن25800 يىلدا ئاندىن ئېكلىپتىكىنى بويلاپ بىر دەۋر يۆتكىلىدۇ. ئىككى كۈن تەڭلىك نۇقتىلىرى غەربكە يۆتكەلگەنلىكتىن، قۇياشنىڭ ئېكلىپتىكىدىكى نىسپىي يۇلتۇز ئورنى بىر دەۋر قىلىپ يۆتكىلىشىگە كېتىدىغان ۋاقىت − يۇلتۇز يىلى، قۇياشنىڭ كۈن - تۈن تەڭلىك نۇقتىلىرى بىر دەۋر قىلىپ يۆتكىلىپ چىقىشقا كېتىدىغان ۋاقىت − تروپىك يىلى بىلەن سەل پەرقلىنىدۇ. بۇ «پرېتسېسسىيە» دەپ ئاتىلىدۇ.
← بارلىق تېمىلار قۇياش ئائىلىسى