قۇياش پائالىيىتى
قۇياش ئائىلىسى
ئەتراپقا نۇر چېچىپ تۇرغان قۇياشقا سىرتقى يۈزىدىن قارىغاندا تىنچ ھالەتتە تۇرغاندەك كۆرۈنىدۇ، ئەمەلىيەتتە قۇياشنىڭ (بولۇپمۇ سىرتقى قەۋىتى) قىسمەن دائىرىسىدە ناھايىتى كۆپ پائالىيەتلەر بولۇپ تۇرىدۇ، ھەتتا ئىنتايىن شىددەتلىك يۈز بېرىدۇ. بۇ دەل كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى تارتىپ كېلىۋاتقان قۇياش پائالىيىتىدۇر.
فوتوسفېراغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، ئۇ تىنچ ھەم سىلىقتەك كۆرۈنىدۇ، ئەمما ئاسترونومىيە تېلېسكوپى بىلەن كۆزەتكەندە، فوتوسفېرانىڭ سىرتقى يۈزى «گۈرۈچ دېنى» غا ئوخشىشىپ كېتىدىغان مىجىر - مىجىر نەرسىلەر بىلەن قاپلىنىپ كەتكەنلىكىنى بايقايمىز، ئاسترونوملار ئۇلارنى «دانىچىلىك توقۇلما» دەپ ئاتايدۇ. بۇ «دانىچىلىك توقۇلما» قۇياشنىڭ ئەڭ سىرتقى قاتلىمىدا چوغدەك قىزىپ تۇرغان گازلار ئەۋج ئېلىپ پەيدا قىلغان »دولقۇن« دۇر. فوتوسفېرادا دانىچىلىك توقۇلمىدىن تاشقىرى يەنە قۇياش داغلىرى، فاكېل قاتارلىق قۇياش پائالىيىتى ھادىسىلىرىنى كۆرگىلى بولىدۇ.
خروموسفېرا ۋە قۇياش تاجىسىدا قۇياش پائالىيىتى ئىنتايىن كۆپ بولىدۇ. مەسىلەن، خروموسفېرادا شىددەتلىك دولقۇن، يالقۇن پۈركۈش، قۇياش ئۆسۈكى ۋە چاقناش قاتارلىق ھادىسىلەر يۈز بېرىدۇ.
قۇياش ئۆسۈكى بىر خىل ناھايىتى ھەيۋەتلىك، گۈزەل كۆرۈنىدىغان گاز تۈۋرۈكىنىڭ پۈركۈلمە ھادىسىسى ھېسابلىنىدۇ: غايەت زور يالقۇن تىلى خروموسفېرادىن ئۇزىراپ چىقىپ، تاكى قۇياش تاجىسىغىچە يېتىپ بارىدۇ. بەزى قۇياش ئۆسۈكلىرى بۇلدۇقلاپ تۇرغان بۇلاققا ئوخشىسا، بەزىلىرى بايرام كۈنى كېچە ئاسمىنىدا ئېتىلغان ساليوت گۈلىگە ئوخشايدۇ، بەزىلىرى ئەگمە كۆۋرۈككە ۋە غەلىتە تاشلارغا ئوخشايدۇ. قۇياش ئۆسۈكىنىڭ پۈركىلىش ئېگىزلىكى نەچچە ئون مىڭ، نەچچە يۈز مىڭ، ھەتتا نەچچە مىليون كىلومېتىرغا يېتىدۇ.
چاقناش ئەڭ شىددەتلىك بولىدىغان قۇياش پائالىيىتى ھادىسىسى ئادەتتە خروموسفېرا بىلەن قۇياش تاجى ئوتتۇرىسىدىكى قاتلامدا يۈز بېرىدۇ. ئۇ ئەڭ دەسلەپتە خروموسفېرا سۈرئىتىدىن بايقالغان بولۇپ، نۇر تۇيۇقسىز پەيدا بولىدىغان ۋە ناھايىتى تېز كۈچىيىپ كېتىدىغان بىر يالتىراق داغ ھالىتىدە ئىپادىلىنىدۇ. شۇڭا، «خروموسفېرانىڭ پارتلىشى» دېيىلىدۇ. نەچچە مىنۇتتىن ئون نەچچە مىنۇت ئىچىدە چاقناش ئارقىلىق كىشىنى ھەيران قالدۇرغۇدەك ئېنېرگىيە رادىئاتسىيىسى تارقىلىپ، تېز سۈرئەتتە زەرەتلىك زەررىچىلەر قويۇپ بېرىلىدۇ. مۇشۇنداق شىددەتلىك كۈچەيگەن قۇياش رادىئاتسىيىسى ۋە زەررىچىلەر ئېقىمى يەر شارىغا بىر قاتار تەسىرلەرنى پەيدا قىلىدۇ، مەسىلەن، ماگنىتلىق پارتلاش، قۇتۇپ نۇرى قاتارلىقلار.
بارلىق قۇياش پائالىيەتلىرى ئىچىدە قۇياش داغلىرى ئەڭ ئاساسلىق، ئەڭ روشەن بولىدىغان ھادىسىدۇر. قۇياش داغلىرى ئەمەلىيەتتە قۇياشنىڭ سىرتقى يۈزىدە چوغدەك قىزىپ تۇرغان بىر خىل گازلارنىڭ غايەت زور قاينىمى دەپ قارىلىدۇ. ئۇنىڭ تېمپېراتۇرىسى تەخمىنەن4500 سېلىسىيە گرادۇس كېلىدۇ، يورۇقلۇقى ئەتراپىدىكى فوتوسفېرانىڭ يورۇقلۇقىدىن تۆۋەن بولىدۇ، قارىماققا ئۇ قېنىق قارا داغقا ئوخشايدۇ. كۆزىتىشكە ئاساسلانغاندا، قۇياش داغلىرىنى شەكىللەندۈرىدىغان گازلىق قاينام مەركىزىنىڭ چوڭقۇرلۇقى تەخمىنەن100 كىلومېتىرغا يېتىدۇ، دىئامېتىرى نەچچە مىڭدىن نەچچە ئون مىڭ كىلومېتىرغىچە كېلىدۇ، ئىچكى قىسىمدىكى ماددىلار ھەرىكىتىنىڭ تېزلىكى سېكۇنتىغا2000 مېتىرغا يېتىدۇ، بۇنى يەر شارىدىكى12 بال تەيفېڭ بورىنىنىڭ سۈرئىتى بىلەن سېلىشتۇرغاندىمۇ نەچچە ئون ھەسسە تېز، دېگەنلىك.
قۇياش داغلىرىنىڭ چوڭ - كىچىكلىك پەرقى ناھايىتى چوڭ بولۇپ، ئەڭ كىچىكىنىڭ دىئامېتىرى1000 كىلومېتىردىن ئاشىدۇ. ئەڭ چوڭىنىڭ دىئامېتىرى200 مىڭ كىلومېتىر ئەتراپىدا بولىدۇ. داغلار يالغۇز پەيدا بولىدىغان ئەھۋال ناھايىتى ئاز ئۇچرايدۇ، دائىم دېگۈدەك توپ - توپ پەيدا بولىدۇ، بۇ «داغلار توپى» دېيىلىدۇ. كۆزىتىشلەر شۇنى ئىسپاتلايدۇكى، قۇياش داغلىرىنىڭ سانى دەۋرىيلىك ھالدا ئۆزگىرىپ تۇرىدۇ، ئۆزگىرىشنىڭ ئوتتۇرىچە دەۋرىيلىكى11 يىل ئەتراپىدا بولىدۇ.
قۇياش داغلىرى قۇياش پائالىيىتىنىڭ ئاساسىي ئالامىتىدۇر. باشقا ھەر خىل قۇياش پائالىيەتلىرى، مەسىلەن، فاكېل، چاقناش، قۇياش ئۆسۈكى قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك قۇياش داغلىرىنىڭ ئاز - كۆپلۈكى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولىدۇ. داغلار توپى قانچە چوڭ بولسا، ئۇنىڭ ئەتراپىدا باشقا قۇياش پائالىيەتلىرى ھادىسىسى شۇنچە كۆپ يۈز بېرىدۇ. شۇڭا، قۇياش داغلىرىنىڭ دەۋرىيلىكى قۇياش پائالىيىتىنىڭ ئاساسىي دەۋرىيلىكى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. نۇرغۇن تەتقىقاتلار شۇنى ئىسپاتلاپ بەردىكى، يەر شارىدىكى ئىقلىم، سۇ ئەھۋالى، ئۆسۈملۈكلەرنىڭ ئۆسۈشى قاتارلىق ھادىسىلەرنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك قۇياش داغلىرىنىڭ دەۋرىيلىكى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك بولىدۇ.