سپارتاك قوزغىلىڭى
قۇللار قوزغىلىڭى
سپارتاك قوزغىلىڭى قەدىمكى رىم تارىخىدىكى كەڭ كۆلەملىك قۇللار قوزغىلىڭىنىڭ بىرى. سپارتاك قوزغىلىڭى قۇلدارلار سىنىپىنىڭ ھۆكۈمرانلىقىغا قاقشاتقۇچ زەربە بېرىپ، ئېزىلگۈچى سىنىپلارغا شانلىق ئۈلگە تىكلەپ بەردى. ماركس بۇ قېتىمقى قوزغىلاڭغا رەھبەرلىك قىلغان سپارتاكنى «قەدىمكى زامان تارىخىدىكى مەشھۇر شەخس» دەپ ماختىغان.
قەدىمكى رىم قۇللۇق تۈزۈمدىكى دۆلەت ئىدى. بۇ دۆلەتتە قۇللار پەقەت «گەپ قىلالايدىغان قورال» بولۇپ، ھەتتا بازاردا ھايۋانلارغا ئوخشاش ئېلىپ - سېتىلاتتى. بارلىق قۇللار ئىچىدە گلادىئاتورلارنىڭ ئەھۋالى ئەڭ ئېچىنىشلىق ئىدى. گلادىئاتورلارنى ئېلىشىشقا سېلىش رىم قۇلدارلار سىنىپىنىڭ بىر تۈرلۈك ياۋايىلارچە كۆڭۈل ئېچىش ئۇسۇلىدۇر. ئۇلار مەخسۇس تەربىيىلەنگەن گلادىئاتورلارنى گلادىئاتور مەيدانىدا ئۆزئارا قىرغىن قىلىشقا ياكى ياۋايى ھايۋانلار بىلەن ئېلىشىشقا سالاتتى. مەغلۇپ قىلىنغۇچى ئېچىنىشلىق ھالدا ئۆلۈپ كېتەتتى، قۇلدارلار مۇشۇنداق قانلىق ئويۇندىن ھۇزۇر ئېلىشاتتى.
سپارتاكمۇ بىر گلادىئاتور ئىدى. سپارتاك سېراسلار بولۇپ، ئۇرۇشتا رىملىقلار تەرىپىدىن ئەسىرگە چۈشۈپ، گلادىئاتورلارنى تەربىيىلەش مەكتىپىدە تەربىيىلەنگەندىن كېيىن گلادىئاتور بولغان. مىلادىيىدىن ئىلگىرىكى73 - يىلى يازدا، سپارتاك گلادىئاتورلار مەكتىپىدىكى200 گلادىئاتور بىلەن مەخپىي مەسلىھەتلىشىپ، كۈرەش قىلىپ ئەركىنلىكنى قولغا كەلتۈرۈشكە ئىرادە باغلىغان. قوزغىلاڭ پىلانى ئاشكارىلىنىپ قالغاچقا، سپارتاك ئالدىراش ھالدا قوزغىلاڭ كۆتۈرۈشكە مەجبۇر بولغان، نەتىجىدە ئاران78 نەپەرلا گلادىئارتور قاتمۇقات مۇھاسىرىنى بۆسۈپ چىقىپ، ۋېسۇۋىئو يانار تېغىغا قېچىپ بارالىغان. قوزغىلاڭ خەۋىرى يېقىن ئەتراپتىكى شەھەر - بازارلارغا تېزدىن تارقالغان، ھەرقايسى جايلاردىكى قۇللار ئارقا - ئارقىدىن سپارتاكقا قوشۇلغان. قوزغىلاڭچى قوشۇننىڭ ئادىمى ناھايىتى تېزلىكتە كۆپىيىپ10 مىڭ كىشىگە يەتكەن. رىم ھۆكۈمرانلىرى ئالاقزادىلىككە چۈشۈپ، سېنات كونسۇل كراۋدىئۇسنى3000 ئەسكەرنى باشلاپ قوزغىلاڭنى باستۇرۇشقا ئەۋەتكەن بولسىمۇ، ئېغىر مەغلۇپ بولغان. قوزغىلاڭچىلار قوشۇنى تېز سۈرئەتتە زورايغان.
سپارتاك ئاساسىي كۈچكە باشچىلىق قىلىپ، ئاپىننىن يېرىم ئارىلىنىڭ شەرقىي قىسمىنى بويلاپ شىمالغا يۈرۈش قىلغان، شەھەر ۋە قۇرۇقلۇقلارنى ئىشغال قىلغان، يەككە دېھقانلارنىڭ مەنپەئىتىگە زىيان يەتكۈزمىگەن، ئۇرۇش غەنىيمەتلىرىدىن كۆپچىلىك تەڭ بەھرىمەن بولغان، شەخسلەردە ئالتۇن - كۈمۈش بولۇشنى مەنئى قىلغان. كېيىن ئۇ شىمالىي يولنى ئايلىنىپ ئۆتۈپ ئالىپ تاغلىرىغىچە ئۇرۇش قىلىپ بارغان، ئارقىدىن تۇيۇقسىز پىلانىنى ئۆزگەرتىپ، قايتىدىن قوشۇن باشلاپ جەنۇبقا يۈرۈش قىلغان. رىم سېناتى قاتتىق ساراسىمىگە چۈشكەن، ھېچقانداق كىشى قوزغىلاڭچى قوشۇن بىلەن جەڭ قىلىشقا جۈرئەت قىلالمىغان، رىم سېناتى كراسسۇسنى قوماندانلىققا تەيىنلەشكە مەجبۇر بولغان، كراسسۇس8 يول قوشۇننى باشلاپ رىمغا يېقىن جايدا قوزغىلاڭچى قوشۇننى قورشاپ يوقاتماقچى بولغان، بىراق سپارتاك رىمدىن ئايلىنىپ ئۆتۈپ، قوزغىلاڭچى قوشۇنغا رەھبەرلىك قىلىپ پۈتكۈل ئىتالىيىنى دېگۈدەك ئايلىنىپ يۈرۈپ جەڭ قىلغان، ئاندىن ئىتالىيىنىڭ جەنۇبىدىكى دېڭىز بوغۇزىدىن ئۆتۈپ سىتسىلىيە ئارىلىنى ئىشغال قىلىپ، رىم بىلەن ئۇزاق مۇددەت ئۇرۇش قىلماقچى بولغان. ئويلىمىغان يەردىن، قوزغىلاڭچى قوشۇن ئىتالىيىنىڭ جەنۇبىدىكى تار يېرىم ئارالدا قورشاۋدا قالغان. كراسسۇس يېرىم ئارالنىڭ ئەڭ تار جايىدا ئۇزۇنلۇقى50 كىلومېتىر كېلىدىغان خەندەك كولىتىپ، قوزغىلاڭچى قوشۇننى يېرىم ئارالنىڭ جەنۇبىي بۆلىكىدە ھالاك قىلىشقا ئۇرۇنغان. بىراق سپارتاك قىشنىڭ بىر كېچىسى قار - شىۋىرغاندىن پايدىلىنىپ قامالنى بۆسۈپ چىققان.
مىلادىيىدىن ئىلگىرىكى71 - يىلى سپارتاك ناھايىتى پايدىسىز شارائىتتا بۇرىننىڭ غەربىي بوغۇزىغا يېقىن ئاپۇلىيىدە كراسسۇس بىلەن ھەل قىلغۇچ جەڭ قىلغان. شىددەتلىك جەڭدىن كېيىن كۈچ سېلىشتۇرمىسىدا زور پەرق بولغاچقا، قوزغىلاڭچى قوشۇن مەغلۇپ بولغان. سپارتاك باتۇرلارچە قۇربان بولغان، كراسسۇس ئەسىرگە چۈشكەن6000 قوزغىلاڭچىنى شەپقەتسىزلەرچە كاپرىئادىن رىمغا بارىدىغان چوڭ يولنىڭ ئىككى قاسنىقىدىكى كرېستقا مىخلاپ ئۆلتۈرۈۋەتكەن.