گېرمانىيە دېھقانلار ئۇرۇشى
قۇللار قوزغىلىڭى
1524 - −1525 يىللىرى يۈز بەرگەن گېرمانىيە دېھقانلار ئۇرۇشى − ئوتتۇرا ئەسىردىكى غەربىي ياۋروپادا يۈز بەرگەن كۆلىمى ئەڭ زور بىر قېتىملىق دېھقانلار قوزغىلىڭىدۇر.
قوزغىلاڭنىڭ بىۋاسىتە سەۋەبى گېرمانىيىنىڭ دىنىي ئىسلاھاتىدۇر. مارتىن لۇتېر ۋەكىللىكىدىكى گېرمانىيە دىنىي ئىسلاھات ھەرىكىتى رىم دىنىي جەمئىيىتىنىڭ نوپۇزىنى يەرگە ئۇرۇپ، كەڭ خەلق ئاممىسىنى مەنىۋى جەھەتتىن ئازاد قىلغان، بىراق لۇتېر رادىكال سىياسىي ھەرىكەتلەرنى قوللىمايتتى. ھەرىكەتنىڭ چوڭقۇرلىشىشىغا ئەگىشىپ دىنىي ئىسلاھاتچىلار لاگېرى پارچىلىنىشقا باشلىغان. يەنە بىر دىنىي ئىسلاھات داھىيسى ميونتزېر رادىكاللارنىڭ رەھبىرىگە ئايلانغان. ميونتزېرمۇ لۇتېرغا ئوخشاش بىر تۆۋەن دەرىجىلىك دىنىي خادىم ئىدى، ئۇ ناھايىتى ياخشى تەربىيىلەنگەن بولۇپ، لاتىن تىلى ۋە گرېك تىلىنى پۇختا بىلەتتى، كلاسسىك ئەسەرلەر ۋە گۇمانىزم تەلىماتىغا پىششىق ئىدى. بىراق ئۇنىڭ ئوخشىمايدىغان يېرى شۇكى، ئۇ ھەرىكەتنى دىنىي ساھەدىلا چەكلەپ قويۇشنى قوللىماي، دىنىي ئىسلاھات ھەرىكىتى بىلەن ئىجتىمائىي ئىسلاھاتنى بىرلەشتۈرۈشنى تەلەپ قىلاتتى. ميونتزېر دىنىي جەمئىيەتكە قارشى تۇرۇپلا قالماستىن، بەلكى فېئوداللىق تۈزۈمنى ئاغدۇرۇپ تاشلاشنى تەشەببۇس قىلىپ، قوراللىق ئىنقىلاب بىلەن مەۋجۇت جەمئىيەتنى يوقىتىشقا چاقىرغان. ئۇنىڭ تەرغىباتىنىڭ ئىلھامىدا دىنىي ئىسلاھات ھەرىكىتى ئاخىر بىر مەيدان ئۇلۇغ دېھقانلار ئۇرۇشىغا ئايلانغان.1524
- يىلى يازدا قوزغىلاڭ ئەڭ ئاۋۋال گېرمانىيىنىڭ جەنۇبىدىكى شۋابېن رايونىدا پارتلاپ، ناھايىتى تېزلا پۈتۈن مەملىكەتكە كېڭەيگەن. پۈتۈن مەملىكەتتىكى ئۈچتىن ئىككى قىسىم دېھقانلار قوزغىلاڭغا ئاۋاز قوشقان. قوزغىلاڭ ئاساسلىق شۋابېن، فرانكونىيە ۋە ساكسون، تۇرىنگېردىن ئىبارەت ئۈچ رايونغا مەركەزلەشكەن. قوزغىلاڭغا دېھقانلاردىن باشقا يەنە كان ئىشچىلىرى، توقۇمىچىلىق ئىشچىلىرىمۇ قاتناشقان.1525 - يىلى3 - ئايدا قوزغىلاڭچى قوشۇن مۇيراۋسېن شەھىرىنى ئىشغال قىلىپ، شەھەردىكى ئاقسۆڭەكلەرنىڭ ھۆكۈمرانلىقىنى ئاغدۇرۇپ، «مەڭگۈلۈك كېڭەش» دەپ ئاتىلىدىغان ئىنقىلابىي ھاكىمىيەتنى قۇرغان. ميونتزېر رەئىسلىككە سايلانغان. ميونتزېر: دىنىي جەمئىيەتنىڭ مال - مۈلكى مۇسادىرە قىلىنىدۇ، فېئودال ئاقسۆڭەكلەرنىڭ ئىمتىيازى بىكار قىلىنىدۇ، دېھقانلار ئۈستىگە ئالغان فېئوداللىق مەجبۇرىيەتلەر بىكار قىلىنىدۇ، مال - مۈلۈككە ئومۇم ئىگىدارچىلىق قىلىدۇ ۋە ھەممە ئادەم بابباراۋەر بولىدۇ دەپ جاكارلىغان. دېھقانلار قوزغىلىڭى فېئودال ئاقسۆڭەكلەرنى قورقۇتۇۋەتتى، ئۇلار بىرلىشىپ قوزغىلاڭچى قوشۇننى بىرلىكتە باستۇرۇشقا باشلىدى.1525
- يىلى4 - ئايدا فېئودال كىنەزلەر خبسسېن كېنەزلىكىنىڭ گرافى فلىپ باشچىلىقىدىكى ئاقسۆڭەكلەر بىرلەشمە قوشۇنىنى تەشكىل قىلغان.5 - ئاينىڭ16 - كۈنى دېھقانلار قوشۇنى بىلەن ئاقسۆڭەكلەر بىرلەشمە قوشۇنى شىددەتلىك جەڭ قىلغان، نەتىجىدە دېھقانلار قوشۇنى تارمار قىلىنغان. ميونتزېر قەھرىمانلارچە قۇربان بولغان.