UyghurWiki
UyghurWikiقۇللار قوزغىلىڭىۋات . تيلېر قوزغىلىڭى

ۋات . تيلېر قوزغىلىڭى

قۇللار قوزغىلىڭى ۋات . تيلېر قوزغىلىڭى1381 - يىلى يۈز بەرگەن بولۇپ، ئوتتۇرا ئەسىردە ئەنگلىيىدە يۈز بەرگەن كۆلىمى ئەڭ زور بىر قېتىملىق دېھقانلار قوزغىلىڭىدۇر. ئەنگلىيە - فرانسىيە ئوتتۇرىسىدىكى100 يىللىق ئۇرۇش ئەنگلىيىنى ئېغىر زىيانغا ئۇچراتقان، بولۇپمۇ1369 - يىلىدىن كېيىن100 يىللىق ئۇرۇش ئىككىنچى باسقۇچقا كىرىپ، ئەنگلىيە ئارقا - ئارقىدىن مەغلۇپ بولغان.1375 - يىلىغا كەلگەندە، ئەنگلىيە فرانسىيىدىكى بارلىق زېمىنلىرىنى دېگۈدەك قولدىن بېرىپ قويغان. ئۇرۇش چىقىمىنى غەملەش ئۈچۈن ئەنگلىيە نوپۇس بېجى يىغىشقا باشلىغان، باج نورمىسى يىلمۇيىل ئۆرلەپ،1380 - يىلىغا كەلگەندە ئەڭ دەسلەپكى باج نورمىسىنىڭ ئۈچ ھەسسىسىگە يەتكەن. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا،1348 - يىلىدىن باشلانغان ياۋروپا قىتئەسىنى قاپلىغان چۇما كېسىلى ئەنگلىيە نوپۇسىنىڭ يېرىمىنى دېگۈدەك ئازايتىۋەتكەن. ئەمگەكچىلەر نوپۇسىنىڭ جىددىي ئازلاپ كېتىشى ئەنگلىيە ئىقتىسادىنى يىمىرىلىش گىردابىغا چۈشۈرۈپ قويغان، ئەينى ۋاقىتتا مال باھاسى ئۆرلەپ كەتكەن بولسىمۇ، ئەنگلىيە پادىشاھى «ئەمگەك - ئىش ھەققى» پەرمانىنى ئېلان قىلىپ، ئىش ھەققىنى تۆۋەنلىتىۋەتكەن. يۇقىرى باج نورمىسى بىلەن ئىش ھەققىنى مەجبۇرىي كېمەيتىۋېتىش، خەلىقنى چىدىغۇسىز ئازابقا دۇچار قىلغان. بۇ ۋاقىتتا جون بال ئىسىملىك تۆۋەن دەرىجىلىك مىسسىئونېر جەمئىيەتنىڭ باراۋەرسىزلىكىنى غەزەپ بىلەن سۆكۈپ، باراۋەرلىك ئىدىيىسىنى تەرغىب قىلغان. يوھان بالنىڭ مەشھۇر سۆزى: «ئادەم ئاتا يەر تېرىپ، ھاۋا ئانا رەخت توقۇغاندا كىم ئاقسۆڭەك ئىدى؟» دېگەندىن ئىبارەت. بۇ خىل باراۋەرلىك ئىدىيىسى شەھەر - بازار پۇقرالىرى ئارىسىدا كۈچلۈك ئىنكاس قوزغاپ، كېيىن پارتلىغان قوزغىلاڭغا جامائەت پىكرى تەييارلاپ بەرگەن.1381 - يىلى5 - ئايدا ئەنگلىيىنىڭ شەرقىي جەنۇبىدىكى ئېسېكس ۋە كېنتلىق دېھقانلار باج ئۆستۈرۈشكە قارشى تۇرۇش ئۈچۈن باجگىرنى ئۆلتۈرۈپ قوزغىلاڭ كۆتۈرگەن. بىر ئاي ۋاقىت ئىچىدىلا، پۈتۈن مەملىكەتتىكى40 ۋىلايەت ئىچىدىكى25 ۋىلايەت قوزغىلاڭغا ئاۋاز قوشقان. دېھقانلار قورۇق ۋە چېركاۋلارنى ۋەيران قىلىپ، ئاشلىق، چارۋا ۋە مال - مۈلۈكلەرنى قولغا چۈشۈرۈپ، تۈرلۈك باج دەپتەرلىرىنى كۆيدۈرۈۋەتكەن ھەمدە ۋات تيلېرنى رەھبەرلىككە سايلاپ، قوراللىق قىسىم تەشكىللەپ لوندونغا قاراپ ئىلگىرىلىگەن. لوندوندىكى نامرات خەلق شەھەر دەرۋازىسىنى ئېچىپ ئۇلارنى قارشى ئالغان. قوزغىلاڭچى قوشۇن خەلقنىڭ غەزەپ - نەپرىتىنى قوزغىغان (فېئودال) ۋەزىرلەرنى ئۆلتۈرۈپ، سوتنىڭ ئارخىپلىرىنى كۆيدۈرۈۋەتكەن. چارلېس Ⅱ لوندون مۇنارىغا مۆكۈۋالغان. ئۇ دېھقانلار قوشۇنىنىڭ كۈچلۈك تەلىپى ۋە بېسىمى بىلەن دېھقانلار بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزۈشكە مەجبۇر بولغان. ئىككىنچى قېتىملىق سۆھبەت ئۆتكۈزۈلۈۋاتقاندا، تيلېر ئۆلتۈرۈۋېتىلگەن. دېھقانلار قوشۇنى ئالدىنىپ ئارقا - ئارقىدىن تارقىلىپ ئۆيلىرىگە قايتىپ كېتىشكەن. بىراق، دېھقانلار قورالنى تاشلىغاندىن كېيىن، چارلېس Ⅱ ۋەدىسىگە ۋاپا قىلماي ئاتلىق ئەسكەرلەرنى (رىتسارلارنى) ئەۋەتىپ، ئۆيلىرىگە قايتىپ كەتكەن دېھقان سەركەردە - ئەسكەرلەرنى قوغلاپ يۈرۈپ ۋەھشىيلەرچە قىرغىن قىلغان. قوزغىلاڭ مەغلۇپ بولغاندىن كېيىن، جون بال دارغا ئېسىلغان.
← بارلىق تېمىلار قۇللار قوزغىلىڭى
ۋات . تيلېر قوزغىلىڭى | UyghurWiki | UyghurWiki