«جاككۇس» قوزغىلىڭى
قۇللار قوزغىلىڭى
«جاككۇس» قوزغىلىڭى1358 - يىلىدىكى فرانسىيىنىڭ شىمالىي قىسمىدىكى دېھقانلارنىڭ فېئودالىزمغا قارشى قوزغىلىڭى. چۈنكى ئاقسۆڭەكلەر دېھقانلارنى كەمسىتىپ، «جاككۇس» («سەھرالىق» دېگەن مەنىدە) دەپ ئاتىغاچقا، تارىختا بۇ قېتىمقى قوزغىلاڭ «جاككۇس» قوزغىلىڭى دەپ ئاتالغان.
مىلادىيە1337 - يىلى ئەنگلىيە - فرانسىيە ئوتتۇرىسىدىكى100 يىللىق ئۇرۇش پارتلىغاندىن كېيىن، فرانسىيە ئارقا - ئارقىدىن مەغلۇپ بولغان.1356 - يىلى فرانسىيە پادىشاھى جون ئەسىرگە چۈشۈپ قالغان، ئەنگلىيە فرانسىيىدىن زور مىقداردا قايتۇرۇۋېلىش سوممىسى ئېلىش ھېسابىغا پادىشاھنى قايتۇرۇپ بەرمەكچى بولغان. فرانسىيە يالغۇز ئېغىر ئۇرۇش چىقىمىنى زىممىسىگە ئېلىپلا قالماستىن، بەلكى ئۇرۇشتا ئېغىر ۋەيرانچىلىققا ئۇچرىدى. بارلىق ئالۋان - سېلىق پۈتۈنلەي دېگۈدەك نامرات شەھەر خەلقى ۋە دېھقانلارنىڭ زىممىسىگە يۈكلەندى. ئۇنىڭ ئۈستىگە1348 - يىلىدىن كېيىن غەربىي ياۋروپادا تارقالغان چۇما كېسىلى تۈپەيلىدىن فرانسىيە نوپۇسىنىڭ3 /1 قىسمى ئازلاپ كەتتى.
بۇ خىل ئۇرۇش ۋە ئېغىر يۈكنىڭ بېسىمى تۈپەيلىدىن،1358 - يىلى2 - ئايدا پارىژ خەلقى ئالدى بىلەن قوزغىلاڭ كۆتۈرگەن. دۆلەت ئىشىنى ۋاكالىتەن باشقۇرۇۋاتقان شاھزادە چارلېس پارىژدىن قېچىپ چىقىپ ئەسكەر توپلاپ پارىژنى قورشاپ، قوزغىلاڭچىلانى پارىژ شەھىرى ئىچىدە ئۇجۇقتۇرۇۋېتىشنى خام خىيال قىلغان.5 - ئايدا فرانسىيىنىڭ غەربىي شىمالىدىكى بۇۋاي رايونىدا دېھقانلار قوزغىلىڭى پارتلاپ، تېز سۈرئەت بىلەن پۈتكۈل شىمال ۋە غەربتىكى رايونلارنى قاپلاپ پارىژغا قىستاپ كەلگەن. قوزغىلاڭچى قوشۇننىڭ ئاساسلىق رەھبىرى گۇيىللام كالې ھەربىي ئىشلاردا تالانتلىق دېھقان ئىدى. ئۇنىڭ رەھبەرلىكىدە قوزغىلاڭچى قوشۇن بىر قاتار غەلىبىلەرنى قولغا كەلتۈرۈپ، ھۆكۈمەت ئارمىيىسىنىڭ پارىژ قورشاۋىنى تارمار قىلغان. قوزغىلاڭچى قوشۇن «بارلىق ئاقسۆڭەكلەرنى قويماي يوقىتىش» شوئارىنى ئوتتۇرىغا قويغان. داغدۇغىلىق دېھقانلار قوزغىلىڭىغا قارىتا، ئەسلىدە پارچىلىنىش ھالىتىدە تۇرۇۋاتقان فرانسىيە فېئودال ئاقسۆڭەكلەر جىددىي ئىتتىپاق تۈزۈشكە مەجبۇر بولۇپ، چارلېسنىڭ رەھبەرلىكىدە دېھقانلار ئارمىيىسى بىلەن جەڭ قىلغان.1358
- يىلى6 - ئايدا دېھقانلار قوشۇنى بىلەن فېئودال ئاقسۆڭەكلەرنىڭ بىرلەشمە قوشۇنى بوۋاي رايونىدا توقۇنۇشۇپ، ھەل قىلغۇچ جەڭ قىلغان. ئاقسۆڭەكلەر سۆھبەت ئېلىپ بېرىش نىقابى ئاستىدا گۇيىللام كالېنى ئالداپ تۇتۇۋالغان، ئاندىن كېيىن تۇيۇقسىز ھۇجۇم قوزغىغان، شۇنىڭ بىلەن دېھقانلار قوشۇنى مەغلۇپ بولغان. فېئودال ئاقسۆڭەكلەر قوزغىلاڭچىلارنى ۋەھشىيلەرچە قىرغىن قىلغان، گۇيىللام كالېمۇ قىيناپ ئۆلتۈرۈلگەن.