UyghurWiki
UyghurWikiقۇللار قوزغىلىڭىئـەدەبىـيـات - سـەنـئەتـنـىڭ قـايـتا گۈللىنىشى

ئـەدەبىـيـات - سـەنـئەتـنـىڭ قـايـتا گۈللىنىشى

قۇللار قوزغىلىڭى ئەدەبىيات - سەنئەتنىڭ گۈللىنىشى − ياۋروپادا يېڭىدىن كۆتۈرۈلگەن بۇرژۇئازىيە قوزغىغان، فېئودالىزم ۋە كاتولىك ئىلاھىيىتىنىڭ ھۆكۈمرانلىقىغا قارشى تۇرىدىغان ئىدىيە ۋە مەدەنىيەت ھەرىكىتىدۇر. چۈنكى ئۇ قەدىمكى مەدەنىيەتنى قايتا گۈللەندۈرۈش بايرىقىنى كۆتۈرۈۋالغانلىقتىن، تارىختا «ئەدەبىيات - سەنئەتنىڭ قايتا گۈللىنىشى» دەپ ئاتالغان. ئەمەلىيەتتە ئۇ قەدىمكى مەدەنىيەتنى قايتا گۈللەندۈرمەستىن بەلكى يېڭى مەدەنىيەتنى ياراتقانلىقتىن، ئېنگېلس ئۇنى «ئىنسانىيەت ئەزەلدىن بېشىدىن كەچۈرمىگەن ئەڭ ئۇلۇغ ۋە ئىلغار ئۆزگىرىش» دەپ تەرىپلىگەن. ئەدەبىيات - سەنئەتنىڭ گۈللىنىشى14 - ئەسىردە ئىتالىيىدىن باشلانغان.14 - ۋە15 - ئەسىرلەردە ئىتالىيىدىكى فلورېنسىيە، ۋېنېتسىيە، ژېنوۋا قاتارلىق شەھەرلەردە ئىقتىساد يۈكسەك دەرىجىدە گۈللەنگەندە ئۆسۈپ يېتىلگەن يېڭىدىن باش كۆتۈرگەن بۇرژۇئا زىيالىيلىرى قەدىمكى مەدەنىيەتنى تەتقىق قىلىشنى باھانە قىلىپ، ئالدى بىلەن ئىدىيە جەھەتتە فېئودالىزمغا ۋە كاتولىك ئىلاھىيىتىنىڭ ھۆكۈمرانلىقىغا قارشى كۈرەشنى قانات يايدۇرغان. ئەدەبىيات - سەنئەتنىڭ گۈللىنىشى15 - ئەسىردە پۈتكۈل ياۋروپاغا كېڭەيگەن،16 - ئەسىردە يۇقىرى دولقۇنغا كۆتۈرۈلگەن. ئەدەبىيات - سەنئەتنى گۈللەندۈرۈش ھەرىكىتىدە بۇرژۇئا مۇتەپەككۇرلىرى فېئودال ئىلاھلىقنىڭ نادانلىقى ۋە تەركىدۇنياچىلىقىنى قاتتىق سۆكۈپ، «ئىلاھ» نى مەركەز قىلماستىن بەلكى «ئادەم» نى مەركەز قىلىپ، بارلىق نەرسىلەرنى كۆزىتىپ، «ئىنسانىيلىق» نى تەشەببۇس قىلىش ئارقىلىق دىن تەلىماتىنىڭ «ئىلاھىيلىق» ىغا قارشى تۇرۇشنى، «كىشىلىك ھوقۇق» ئارقىلىق فېئودال «ئىلاھ ھوقۇقى» غا قارشى تۇرۇشنى، «ئىنسانىيەتچىلىك» ئارقىلىق فېئوداللىق تۈزۈم قوغدايدىغان «ئىلاھ تەلىماتى» غا قارشى تۇرۇشنى، شۇنداقلا شەخسلەرنىڭ ئازادلىقى ۋە ئەركىنلىكىنى تەشەببۇس قىلىپ، گۇمانىتارلىق دۇنيا قاراشنى شەكىللەندۈرگەن. ئەدەبىيات - سەنئەتنىڭ گۈللىنىشى بىلەن ئەدەبىيات - سەنئەت ۋە سىياسىي - ئىدىيە جەھەتلەردە شانلىق مۇۋەپپەقىيەتلەر قولغا كەلتۈرۈلدى. ئىتالىيىدە «ئەدەبىيات ساھەسىدىكى ئۈچ مەشھۇر كىشى» (دانتې، پېتراك، بوكاسكئو) ۋە «سەنئەت ساھەسىدىكى ئۈچ مەشھۇر كىشى» (داۋىنچى، مىكېلانگىلو، راففائېللو) قاتارلىقلار مەيدانغا كەلدى. فرانسىيىلىك مۇتەپەككۇر مونتاينې، ئەنگلىيىلىك شائىر ۋە دراماتورگ شېكېسپېر ۋە خىيالىي سوتسىيالىزمچى توماس مور، ئىسپانىيىلىك ئەدىب ساۋېدرا قاتارلىقلار مەيدانغا كەلدى. ئەدەبىيات - سەنئەتنىڭ گۈللىنىشى بىلەن، تەبىئىي پەن ساھەسى زور مۇۋەپپەقىيەتكە ئېرىشتى. پولشالىق ئالىم كوپېرنىك «قۇياش مەركەز تەلىماتى» نى يارىتىپ، كاتولىك دىنى ئىلمىنىڭ يەر شارى ئالەمنىڭ ئوتتۇرىسى دەيدىغان قارىشىنى ئاغدۇرۇپ تاشلىغان. ئىتالىيىلىك ئالىم گالىلېي ئاسترونومىيىلىك مىكروسكوپ قاتارلىقلارنى ياساپ چىققان. فرانسىيىلىك ماتېماتىك دېكارت ئاناتومىيىلىك گېئومېتىرىيىنى ياراتقان. ئەنگلىيىلىك دوختۇر خارۋې بىئولوگىيە تەلىماتى ئۈچۈن مۇھىم تۆھپە قوشقان. ئەدەبىيات - سەنئەتنىڭ قايتا گۈللىنىشىدە قولغا كەلتۈرۈلگەن ئۇلۇغ مۇۋەپپەقىيەتلەر ياۋروپادىكى كاتولىك دىنى جەمئىيىتىنىڭ ئەكسىيەتچىل ھۆكۈمرانلىقىغا زەربە بېرىپ، يېڭىدىن گۈللەنگەن بۇرژۇئا مەدەنىيىتىنىڭ ئورنىتىلىشىغا تۈرتكە بولغان.
← بارلىق تېمىلار قۇللار قوزغىلىڭى