UyghurWiki
UyghurWikiقۇللار قوزغىلىڭىپۇگاچيۇۋ قوزغىلىڭى

پۇگاچيۇۋ قوزغىلىڭى

قۇللار قوزغىلىڭى پۇگاچيۇۋ قوزغىلىڭى روسىيە تارىخىدىكى ئەڭ زور دېھقانلار قوزغىلىڭى ھېسابلىنىدۇ. بۇ قوزغىلاڭ چارروسىيە ئايال پادىشاھى يېكاتېرىنا Ⅱ ھۆكۈمرانلىق قىلغان مەزگىل (1762 —1796 - يىللار) دە يۈز بەرگەن. يېكاتېرىنا Ⅱ چار پادىشاھ پېتېر Ⅲ نىڭ ئايالى ئىدى.1762 - يىل6 - ئاينىڭ28 - كۈنى ئۇ سىياسىي ئۆزگىرىش قوزغاپ، پېتېر Ⅲ نى تەختتىن چۈشۈرۈپ، ئۆزى ئايال پادىشاھ بولغان.7 - ئاينىڭ6 - كۈنى پېتېر Ⅲ يوشۇرۇن ئۆلتۈرۈلگەندىن كېيىن، روسىيىدە ساختا پېتېر Ⅲ ئۈزلۈكسىز پەيدا بولۇپ تۇرغان. پۇگاچيۇۋ دەل شۇلارنىڭ ئىچىدىكى بىرى ئىدى. پۇگاچيۇۋ (1742 −1775 - يىللار) دون كازاكلىرىدىن ئىدى. يەتتە يىللىق ئۇرۇش (1756 −1763 - يىللار) ۋە روسىيە - تۈركىيە ئۇرۇشىغا قاتناشقان. ئۇ باتۇر، جەڭگە ماھىر بولۇپ، ئەركىنلىككە ئىنتىلەتتى، كۆپ قېتىم قوشۇندىن قاچقان، ئەمما ھەر قېتىم قولغا چۈشۈپ قوشۇنغا قايتۇرۇپ كېلىنگەن.1773 - يىلى8 - ئايدا ئۇ قازان تۈرمىسىدىن قېچىپ چىقىپ ئۆزىنى پېتېر Ⅲ دەپ ئاتاپ، يايىق رايونىدىكى كازاكلارنى باشلاپ قوزغىلاڭ كۆتۈرگەن. قوزغىلاڭغا ھەر مىللەت خەلقى ئارقا - ئارقىدىن ئاۋاز قوشقان. قوزغىلاڭ زورىيىپ زور كۆلەملىك دېھقانلار ئۇرۇشىغا ئايلانغان. ئۇزاق ئۆتمەي، قوزغىلاڭچى قوشۇن چېگرا رايوندىكى پايتەخت ئورېنبۇرگقا ئەسكەر چىقارغان. شۇ يىلنىڭ ئاخىرىدا، پۇگاچيۇۋ كارل رەھبەرلىك قىلغان چار پادىشاھ ياردەمچى قوشۇنىنى مەغلۇپ قىلغان، ئارقىدىنلا يەنە بىنكوف قوماندانلىقىدىكى زور قوشۇننى مەغلۇپ قىلغان. قوزغىلاڭ پۈتكۈل ئورېنبۇرگ شەھىرىگە ھەمدە پېرىم ئۆلكىسى بىلەن سىمبىرسك ئۆلكىسىگە كېڭەيگەن. قوزغىلاڭ پارتلىغان چاغدا روسىيە - تۈركىيە ئۇرۇشى بولۇۋاتقان بولغاچقا، چار پادىشاھ ھەربىي كۈچىنى يىغىپ قوزغىلاڭنى باستۇرۇشقا ئامالسىز قالغان.1774 - يىلى7 - ئايدا روسىيە - تۈركىيە ئۇرۇشى ئاياغلاشقان. يېكاتېرىنا Ⅱ دەرھال نۇرغۇن كىشىلىك قوشۇن يۆتكەپ شىمالغا يۈرۈش قىلىپ قوزغىلاڭنى باستۇرماقچى بولغان. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، قوزغىلاڭچى قوشۇن قازاننى بىر مەھەل ئىشغال قىلغان ھەمدە موسكۋاغا يۈرۈش قىلىشقا تەييارلانغان. پۇگاچيۇۋ موسكۋاغا يىغىلىۋاتقان چار پادىشاھ ئارمىيىسىدىن ئەنسىرەپ ئارقىغا قايتىپ جەنۇبقا يۈرۈش قىلغاندا، چار پادىشاھ ھۆكۈمىتىدىكى مېخائىلنىڭ قوشۇنى ئىز بېسىپ قوغلىغان.1774 - يىلى8 - ئايدا قوزغىلاڭچى قوشۇن سارىتسىنغا يېقىن جايدا سارنىكوۋ تەرىپىدىن مەغلۇپ قىلىنغان. پۇگاچيۇۋ قېچىش جەريانىدا قول ئاستىدىكى ئاسىيلار تەرىپىدىن چار پادىشاھ ھۆكۈمىتىگە تاپشۇرۇپ بېرىلگەن،1775 - يىل1 - ئاينىڭ10 - كۈنى ئۆلتۈرۈلگەن.
← بارلىق تېمىلار قۇللار قوزغىلىڭى