يەر قاشالاش ھەرىكىتى
قۇللار قوزغىلىڭى
يەر قاشالاش ھەرىكىتى پومېشچىك ۋە ئاقسۆڭەكلەرنىڭ زوراۋانلىق كۈچى بىلەن دېھقانلارنىڭ يېرىنى كەڭ كۆلەمدە تارتىۋالىدىغان بىر خىل ئۇسۇلىدۇر. «قوي ئادەم يەيدىغان» دېگەن سۆز ئوبرازلىق ئوخشىتىشتۇر، چۈنكى يەر قاشالاش قوي بېقىش ئۈچۈن بولغانلىقتىن، كىشىلەر ئۇنى قوي ئادەمنى «يەۋەتتى» دەپ قارىغان.
يەر قاشالاش ھەرىكىتى ئەنگلىيىدە ئەڭ تىپىك بولغان. ئەنگلىيە ياۋروپا چوڭ قۇرۇقلۇقىنىڭ چېتىگە جايلاشقان ئارال دۆلەت بولۇپ، دۆلەت ئىچىنىڭ كۆپ قىسمى تاغلىق، ھاۋا كىلىماتى نەم بولۇپ، قويچىلىقنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا باب كېلىدۇ.15 - ئەسىرنىڭ ئاخىرىدىن كېيىن ئەنگلىيىدە قوي يۇڭى توقۇمىچىلىقىنىڭ تەرەققىياتى ناھايىتى تېز بولغان، بۇ قويچىلىقنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا ئىنتايىن پايدىلىق ئىدى. پومېشچىك ۋە ئاقسۆڭەكلەر زوراۋانلىق كۈچى بىلەن دېھقانلارنى قوغلىۋېتىپ، كەنتلەرنى كۆيدۈرۈۋېتىپ كەڭ يەرلەرنى ئىگىلىۋېلىپ، چېگرا پاسىلىنى بۇزۇپ تاشلاپ، يەرلەرنى قاشالاپ ئوت - چۆپ ئۆستۈرگەن، بۇ مىڭلىغان - ئون مىڭلىغان قوي پادىسىنى بېقىشقا پايدىلىق ئىدى. دېھقانلار جان باقىدىغان يېرىدىن ئايرىلىپ قالغاندىن كېيىن بىر - بىرىگە يار - يۆلەك بولۇپ، ناتونۇش جايلاردا سەرگەردان بولغان. شۇڭا، ئەنگلىيىلىك خىيالىي سوتسىيالىزمچى توماس مور مۇشۇنداق ئەھۋالنى «قوي ئادەم يەيدىغان» ئەھۋالغا ئوخشاتقان، ئۇ: «قوي ئەسلىدە ئىنتايىن ئىتائەتچان نەرسە... ھازىر ئۇ تولىمۇ ئاچكۆز ۋە ۋەھشىي بولۇپ كەتتى، ھەتتا ئادەمنىمۇ يەۋېتىدىغان بولدى» دېگەنىدى.
ئەنگلىيىدە يەر قاشالاش ھەرىكىتى15 - ئەسىرنىڭ ئاخىرىدا باشلىنىپ،19 - ئەسىرنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا ئاخىرلاشقان، جەمئىي300 نەچچە يىل داۋام قىلغان. بۇ جەرياندا ئەسلىدىكى پومېشچىك ۋە ئاقسۆڭەكلەر بۇرژۇئازىيىگە ئايلىنىپ قالغان، ھالبۇكى، يېرى قولىدىن كېتىپ سەرگەردانغا ئايلانغان دېھقانلار ئەنگلىيە ھۆكۈمىتىنىڭ بىر قاتار قانلىق قانۇنلىرىنىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچرىغان، مەسىلەن، تۆمۈرنى قىزىتىپ تامغا بېسىش، قۇلىقىنى كېسىۋېتىش، قامچا بىلەن ئۇرۇش، ۋەھاكازا. ھەر خىل زىيانكەشلىكنىڭ بېسىمى ئاستىدا، سەرگەردان دېھقانلار نائىلاج كاپىتالىستلارنىڭ قول سانائەت مەيدانى ۋە چارۋا فېرمىلىرىغا بېرىپ ياللىنىپ ئىشلىگەن. يەر قاشالاش ھەرىكىتى كاپىتالنىڭ ئىپتىدائىي جۇغلانمىسىنى ئاشۇرۇپ، كاپىتالىزمنىڭ پەيدا بولۇشى ۋە تەرەققىي قىلىشىغا تۈرتكە بولغان.