فرانسىيىدىكى مەرىپەتچىلىك ھەرىكىتى
قۇللار قوزغىلىڭى
مەرىپەتچىلىك ھەرىكىتى ياۋروپا تارىخىدىكى ئۇلۇغ ئىدىيىنى ئازاد قىلىش ھەرىكىتىدۇر. ئۇ پۈتكۈل دۇنيا مىقياسىدىكى بۇرژۇئا ئىنقىلابى ئۈچۈن ئىدىيىۋى ئاساس سېلىپ بەرگەن. بۇ ھەرىكەت دەسلەپتە ئەنگلىيىدە يۈز بەرگەن. ئىساك نيۇتون (642 −1727 ) ۋە جون روككېر (1632 −1704 ) لارنى بۇ ھەرىكەتنىڭ ئەڭ دەسلەپكى ئىجادچىسى دېيىشكە بولىدۇ. لېكىن ۋولتېر قاتارلىق كىشىلەرنىڭ رەھبەرلىكىدە، بۇ ھەرىكەت18 - ئەسىردىكى فرانسىيىنىڭ تەرەققىياتىنى تولۇق گۈللىنىش دەۋرىگە كىرگۈزگەن.
ۋولتېر ئاقارتىش ھەرىكىتىنىڭ ۋەكىلىدۇر. ئۇ كىچىكىدىن باشلاپلا ئەركىنلىك ئىدىيىسى بىلەن تەربىيىلىنىپ، ئەنئەنىۋى ئىدىيە ۋە خان جەمەتىدىكى ئەمەلدارلارنى مەنسىتمەي، ياش چېغىدىن باشلاپلا ئۆز ئەسىرىدە ھوقۇقلۇق ئېسىلزادىلەرنى مەسخىرە قىلغاچقا، قولغا ئېلىنىپ تۈرمىدە ياتقان، كېيىن يەنە نائىلاجلىقتىن نۇرغۇن يىل چەت ئەلگە سۈرگۈن قىلىنغان، لېكىن ئۇ ئۆزىنىڭ قەلىمى بىلەن ئەركىنلىكنى قوغداش كۈرىشىنى زادىلا توختاتمىغان. ئۇ ئۆزىگە قارشى تۇرغۇچىغا يازغان خېتىدە: «مەن سېنىڭ ھەربىر سۆزۈڭگە قوشۇلمايمەن، لېكىن مەن سېنىڭ سۆزلەش ھوقۇقۇڭنى ئۆلگۈچە قوغداشقا رازىمەن» دەپ يازغان. ۋولتېر ئۆمۈر بويى ئەركىنلىك ئۈچۈن كۈرەش قىلغانلىقتىن،1778 - يىلى ئۇ ۋاپات بولغان چاغدا كىشىلەر ئۇنىڭ تاۋۇتىغا «ئۇ بىزگە ئەركىنلىككە مېڭىشنى ئۆگەتكەن» دېگەن سۆزنى يېزىپ ئۇنىڭ ئۆمرىنى يىغىنچاقلىغان ھەمدە شۇ ئارقىلىق ئۇنىڭغا بولغان ھۆرمىتىنى ئىپادىلىگەن.
ۋولتېر بىلەن بىر ۋاقىتتا ياشىغان يەنە بىر مەشھۇر ئاقارتىش ھەرىكىتى خادىمى مونتېسكيۇ1689 - يىلى فرانسىيىدىكى ئاقسۆڭەك ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن.1748 - يىلى ئۇنىڭ ئەڭ مۇھىم ئەسىرى «قانۇننىڭ روھى توغرىسىدا» دېگەن كىتاب نەشردىن چىقىپ، بۇرژۇئازىيىنىڭ ئۈچ ھوقۇق ئايرىلىپ تۇرۇش توغرىسىدىكى دۆلەت تەلىماتى ئۈچۈن ئاساس سېلىپ بەرگەن.
ۋولتېردىن كېيىنكى يەنە بىر ئاقارتىش ھەرىكىتى مۇتەپەككۇرى دىدېرو ۋەكىللىكىدىكى قامۇسچىلار، كۇئېسناي ۋەكىللىكىدىكى يېزا ئىگىلىكىگە ئېتىبار بېرىش ئىلمىي ئېقىمىدىكىلەر ئىدى.1751 - يىلىدىن باشلاپ فرانسىيىدە بىر «قامۇس» نەشر قىلىنغان. ئۇنىڭ باش مۇھەررىرى دىدېرو ئىدى. دىدېرو ۋەكىللىكىدىكى بۇ گۇرۇھتىكىلەر «قامۇسچىلار» دەپ ئاتالغانىدى. ئۇلار «قامۇس» نىڭ مەزمۇنىنى يېزىش ئارقىلىق ئەقىلچىلىق ۋە ئىنسانپەرۋەرلىكنى تەرغىب قىلغان ھەمدە شۇنى قورال قىلىپ دىنىي جەمئىيەتكە ۋە مۇستەبىت پادىشاھ ھوقۇقىغا زەربە بەرگەن.
مەرىپەتچىلەر ئىچىدە ئىدىيىسى ئەڭ رادىكال، كېيىنكى فرانسىيە بۈيۈك ئىنقىلابىغا ئەڭ زور تەسىر كۆرسەتكەن كىشى رۇسسو ھېسابلىنىدۇ. ئۇ «ئىنسانلار ئارىسىدىكى تەڭسىزلىكنىڭ مەنبەسى ۋە ئاساسى» ۋە «ئىجتىمائىي توختام توغرىسىدا» دېگەن كىتابىدا باراۋەرلىك ۋە ئەركىنلىكنى كۈچىنىڭ بارىچە تەرغىب قىلغان. ئۇنىڭ قارىشىچە، ئادەم تۇغۇلۇش بىلەنلا باراۋەر بولاتتى، خۇسۇسىي مۈلۈكچىلىكنىڭ مەۋجۇت بولۇشى ۋە تەرەققىي قىلىشى تۈپەيلىدىنلا باراۋەرسىزلىك پەيدا بولغان. كىشىلەر ئەركىنلىككە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈنلا توختام تۈزۈپ دۆلەتنى شەكىللەندۈرىدۇ ۋە ھاكىمىيەت تەشكىللەيدۇ، شۇڭا دۆلەت بىلەن ھۆكۈمەتنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى خەلققە مەنسۇپ بولۇشى كېرەك. ھۆكۈمەت خەلقنىڭ ئىرادىسىگە خىلاپلىق قىلىدىغان بولسا، خەلق قوزغىلاڭ كۆتۈرۈپ ھۆكۈمەتنى ئاغدۇرۇۋېتىشكە ھوقۇقلۇق. ئۇ مۇشۇنداق رادىكال ئەركىنلىك، باراۋەرلىك ۋە دېموكراتىيە غايىسىنى تەشەببۇس قىلغانلىقتىن،1789 - يىلى قوزغالغان فرانسىيە بۈيۈك ئىنقىلابىنىڭ مەنىۋى داھىيسى بولۇپ قالغان.