UyghurWiki
UyghurWikiقۇللار قوزغىلىڭىيېڭى دېڭىز يولىنىڭ ئېچىلىشى

يېڭى دېڭىز يولىنىڭ ئېچىلىشى

قۇللار قوزغىلىڭى 15 - ئەسىردىن باشلاپ يېڭى دېڭىز (سۇ) يولىنىڭ ئېچىلىشىغا ئەگىشىپ ياۋروپاغا كۆپلەپ بايلىق ئېلىپ كېلىنىپ، ھەرقايسى ئەللەر كاپىتالىزمىنىڭ تەرەققىياتى ئىلگىرى سۈرۈلگەن.13 - ئەسىرنىڭ ئاخىرقى مەزگىلىدە ئىتالىيىدىكى ۋېنېتسىيىلىك ساياھەتچى ماركپولو «ماركپولو ساياھەت خاتىرىسى» دېگەن كىتابنى يازغان، بۇ كىتابتا جۇڭگو بىلەن ھىندىستان قاتارلىق شەرقتىكى دۆلەتلەردە «ھەممە يەردە ئالتۇن ۋە خۇش پۇراقلىق ماتېرىيال» قاتارلىقلار بار ئىكەن ... دەپ يېزىلغان. بۇ كىشىلەرنى ئىنتايىن جەلپ قىلغان.15 - ئەسىرنىڭ كېيىنكى يېرىمىدا ياۋروپا دۆلەتلىرىدىكى فېئوداللار، سودىگەرلەر ۋە شەكىللىنىۋاتقان بۇرژۇئازلار شەرققە بېرىپ سودا قىلىش ۋە شەرقنىڭ مال - دۇنياسىنى تالان - تاراج قىلىشقا تەشنا بولغان. لېكىن، شەرققە بارىدىغان يولنى تۈركلەر ۋە ئەرەبلەر كونترول قىلىۋالغان. ئۇنداقتا، شەرققە قانداق بېرىش كېرەك؟ بۇنىڭدا پەقەت يېڭى دېڭىز يولى تېپىشلا ئۇنىڭ چارىسى ئىدى. ئاسترونومىيە ۋە جۇغراپىيە بىلىملىرىنىڭ كېڭىيىشى، كېمىسازلىق تېخنىكىسىنىڭ يۇقىرى كۆتۈرۈلۈشى، بولۇپمۇ جۇڭگولۇقلار كەشىپ قىلغان كومپاسنىڭ غەربتە تارقىلىشى ۋە ئىشلىتىلىشى ياۋروپالىقلارنىڭ يېڭى دېڭىز يولىنى تېپىشى ئۈچۈن شارائىت يارىتىپ بەرگەن. شۇنىڭ بىلەن، ياۋروپالىقلار يېڭى دېڭىز يولىنى ئىزدەش دولقۇنىنى قوزغىۋەتكەن.1486 - يىلى پورتۇگالىيىلىك دىئاس ئافرىقىنىڭ غەربىي دېڭىز قىرغىقىنى بويلاپ جەنۇبقا قاراپ يۈرۈش قىلىپ، ئافرىقىنىڭ ئەڭ جەنۇب تەرىپىدىكى ئۈمىد تۇمشۇقىغا يېتىپ بارغان.1497 - يىلى يەنە بىر پورتۇگالىيىلىك دا. گاما دېگەن كىشى100 نەچچە ماتروسنى باشلاپ تۆت كېمىگە چىقىپ ئۈمىد تۇمشۇقىنى ئايلىنىپ ئۆتۈپ، شەرقىي ئافرىقىنىڭ دېڭىز بويىنى بويلاپ ھىندى ئوكيانغا كىرىپ، ئەرەب ماتروسلىرىنىڭ يېتەكلىشى بىلەن ئىككىنچى يىلى ھىندىستانغا يېتىپ بارغان.1492 - يىلى ئىتالىيىلىك ماتروس كولومبو پەقەت ئۈچ كېمىلىك كېمە ئەترىتىنى باشلاپ ئاتلانتىك ئوكياندىن كېسىپ ئۆتۈپ، ئامېرىكا قىتئەسىگە يېتىپ بارغان.1519 - يىلى پورتۇگالىيىلىك ماگېللان كېمە ئەترىتىنى باشلاپ دۇنيانى ئايلىنىش ساياھىتى قىلىپ ئاتلانتىك ئوكياندىن ئۆتۈپ، برازىلىيىنىڭ دېڭىز قىرغىقىنى بويلاپ جەنۇبقا يۈرۈش قىلىپ ئامېرىكا قىتئەسىنىڭ جەنۇب تەرىپىدىكى بوغۇزنى ئايلىنىپ ئۆتۈپ، تىنچ ئوكيان ئارقىلىق فىلىپپىن تاقىم ئارىلىغا يېتىپ بارغان. ماگېللان شۇ جايدىكى ئاھالىنىڭ ماجراسىغا ئارىلاشقانلىقتىن ئۆلتۈرۈۋېتىلگەن، ئۇنىڭ ھەمراھلىرى ھىندى ئوكيان ئارقىلىق ئۈمىد تۇمشۇقىنى ئايلىنىپ ئۆتۈپ1522 - يىلى ئىسپانىيىگە قايتىپ كېلىپ، تۇنجى قېتىملىق دۇنيانى ئايلىنىش سەپىرىدە مۇۋەپپەقىيەت قازانغان. ياۋروپادىن چىقىپ ئافرىقىنى ياكى جەنۇبىي ئامېرىكىنى ئايلىنىپ ئۆتۈپ ئاسىياغا بارىدىغان دېڭىز يولى شۇنىڭدىن ئېتىبارەن ئېچىلغان. يېڭى دېڭىز يولىنىڭ ئېچىلىشىغا ئەگىشىپ ياۋروپادىكى مۇستەملىكىچىلەر كەينى - كەينىدىن ئاسىيا، ئامېرىكا ۋە ئافرىقا قىتئەلىرىگە كېلىپ دەھشەتلىك ھالدا مۇستەملىكە تالان - تارىجىنى باشلاپ، ئۈچ چوڭ قىتئەدىكى خەلققە تۈگىمەس بالايىئاپەتلەرنى ئېلىپ كەلگەن. ياۋروپا مۇستەملىكىچىلىرى تالان - تاراج قىلغان بايلىقنى كاپىتالىستلارنىڭ قولىدىكى كاپىتالغا ئايلاندۇرۇپ، كاپىتالىزمنى تەرەققىي قىلدۇرغان.
← بارلىق تېمىلار قۇللار قوزغىلىڭى
يېڭى دېڭىز يولىنىڭ ئېچىلىشى | UyghurWiki | UyghurWiki