UyghurWiki
UyghurWikiقۇللار قوزغىلىڭىدىن ئىسلاھاتى ھەرىكىتى

دىن ئىسلاھاتى ھەرىكىتى

قۇللار قوزغىلىڭى ياۋروپادا رىم كاتولىك دىنى جەمئىيىتى ئۇزاققىچە ئۆزگىچە ئورۇندا تۇرۇپ، پۈتۈن ئىقلىمنى بىرلىككە كەلتۈرگەنىدى.16 - ئەسىردە ياۋروپادىكى دۆلەتلەردە رىم كاتولىك دىنى جەمئىيىتىگە قارشى ئىسلاھات ھەرىكىتى قوزغالغان، تارىختا بۇ «دىن ئىسلاھاتى ھەرىكىتى» دەپ ئاتالغان. دىن ئىسلاھاتى ھەرىكىتى ئالدى بىلەن گېرمانىيىدىن باشلانغان.1517 - يىلى رىم پاپاسىنىڭ ئەلچىسى گېرمانىيىگە بېرىپ «گۇناھنى كەچۈرگەنلىك قەغىزى (ئىسپاتى)» نى سېتىپ، كۆپلەپ پۇل - مال ئۈندۈرۈۋالغان. دىن تارقاتقۇچى مارتېن لۇتېر «95 مۇھاكىمە تېزىسى» نى بازارغا سېلىپ، رىم پاپاسىنىڭ شەرمەندە ھەرىكىتىگە زەربە بېرىپ، دىن ئىسلاھاتى ھەرىكىتىنىڭ پەردىسىنى ئاچقان.1521 - يىلى لۇتېر خەلقىئالەم ئالدىدا پاپانىڭ ئۇنىڭ دىن تەۋەلىكىنى بىكار قىلىدىغان بۇيرۇقىنى كۆيدۈرۈۋېتىپ، ھەرىكەتنىڭ تېز تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولغان. شۇنىڭ بىلەن لۇتېر «لۇتېر مەزھىپى» نى بەرپا قىلغان، كېيىنچە بۇ دىن سكاندىناۋىيىدىكى ھەرقايسى ئەللەرگە ۋە شۋېتسارىيە، فرانسىيە قاتارلىق دۆلەتلەرگە تارالغان. فرانسىيىدە تۇغۇلغان جون كالۋىن فرانسىيىدىن شۋېتسارىيىگە قېچىپ بېرىپ، دىن ئىسلاھاتى ھەرىكىتىگە ئاتلانغان. ئۇ «كالۋىن مەزھىپى» نى ئىجاد قىلغان، كېيىنچە بۇ دىن فرانسىيە، نىدېرلاندىيە ۋە شوتلاندىيە قاتارلىق جايلارغا تارالغان. ئەنگلىيىنىڭ دىن ئىسلاھاتچىلىرى ئەنگلىيە پادىشاھى ھىنرىي Ⅷ رەھبەرلىك قىلغان، يۇقىرىدىن - تۆۋەنگە ئېلىپ بېرىلغان ئىسلاھاتتۇر، ئۇ ئەنگلىيە چېركاۋى (ئەنگلىكان مەزھىپى) نى بەرپا قىلغان. دىن ئىسلاھاتى ھەرىكىتىدە ۋۇجۇدقا كەلگەن دىنىي مەزھەپ «يېڭى دىن» دەپ ئاتالغان. يېڭى دىن تەرەپدارلىرى كاتولىك دىنىدا تەشەببۇس قىلىنىدىغان دىن تارقاتقۇچىنىڭ رولىغا ۋە ھەر خىل كونا مۇراسىملارغا قارشى تۇرۇپ، «ئىنجىل» نىڭ رولىنى ئۆستۈرۈپ، كاتولىك دىنى جەمئىيىتى تەشەببۇس قىلغان لاتىن تىلى بىلەن ئەمەس، بەلكى ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ تىلى بىلەن ئىبادەت قىلىش قاتارلىقلارنى تەشەببۇس قىلغان. دىن ئىسلاھاتى ھەرىكىتى رىم پاپاسى ۋە رىم كاتولىك دىنىنىڭ كۈچىگە زەربە بېرىشتە ئىلغارلىق ئەھمىيەتكە ئىگە.
← بارلىق تېمىلار قۇللار قوزغىلىڭى
دىن ئىسلاھاتى ھەرىكىتى | UyghurWiki | UyghurWiki